مۇبادا ، بالىلارغا چوقۇم ئېلىپ بىرىش زۈرۈر بولغان ئويۇنچۇقلار تىزىمى تۈزۈشكە توغرا كەلسە ، بۇنىڭ ئىچىدە كەم قالسا بولمايدىغان ئويۇنچۇق، رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنچۇقىدۇر . سىز بۇ ئويۇنچۇقنى ھەرگىز بوش چاغلاپ قالماڭ ، رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنىنىڭ بالىلارغا بولغان پايدىسى كۆپ بۇلۇپ ، بىر قول بىلەن ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ :
l رەسىم كىرىشتۈرگەندىكى رەسىم پارچىلىرىنى تاللاش ، ئورنىغا قويۇش بالىلارنىڭ بارماقلىرىنىڭ چىۋەر بۇلۇش ئىقتىدارى ۋە كۆز بىلەن قولىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ ؛
l بالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، رەڭ، شەكىل ۋە بوشلۇق مۇناسىۋىتىگە بولغان سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرىدۇ ؛
l بالىلارنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى يىتىلدۈرىدۇ ؛
l رەسىم كىرىشتۈرگەندە داۋاملىق خاتا كىرىشتۈرۈپ سالىدۇ ، بۇ قايتا قايتا سىناش جەريانى بالىلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىشىغا ياردىمى بۇلىدۇ ؛
l بالىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ؛
l بالىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇقۇم ۋە ساۋاتلارنى ئۈگىنىشىگە ياردىمى بۇلىدۇ؛ مەسىلەن رەڭ ، شەكىل ، ھايۋانات ، قاتناش قوراللىرى دىگەنگە ئوخشاش ؛
l قايتا قايتا كىرىشتۈرۈپ بۇزۇش جەريانى بالىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .

بەزى ئانىلار " رەسىم كىرىشتۈرۈش شۇنداق قىيىن تۇرسا ، بالىلار ئويناشنى ئەسلا بىلمەيدۇ " ۋەياكى " مىنىڭ بالامنىڭ سەۋرچانلىقى ياخشى ئەمەس ، ھەمىشە بىر نەچچە پارچە كىرىشتۈرۈپلا ، ۋاز كىچىپ بولدى قىلىدۇ " دەپ ئەنسىرىشى مۇمكىن ؛ رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنىدا " تەدرىجى چوڭقۇرلاشتۇرۇش " تاكتىكىسى قوللىنىش زۈرۈر بۇلۇپ ، سىز باشلىنىشتىلا بالىڭىزغا پارچە سانى كۆپ ، ئۆزى كىچىك ئەمما مۇرەككەپ ئارقا كۈرنۈش تەسۋىرى بار رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنچۇقى ئېلىپ بەرسىڭىز ، بالىلار ئەلۋەتتە ئوينىيالمايدۇ !

بۇ ھەقتە بىز تۆۋەندە ئازراق تەكلىۋىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز :
6-12ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا ، ئەڭ ياخشىسى تۇتقىسى بار ،كۆپۈپ چىققان قىسمى بار ۋە ياكى يان تەرەپلىرىدە ئېرىقچىلىرى بار چوڭ پارچىلىق رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنچۇقى تاللاپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ ، بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ تۇتۇشىغا ئاسان بۇلىدۇ . بۇندىن باشقا ئىمكان قەدەر شەكلى ئىنىق كەلگەن ، رەڭلىرى ئۇچۇق بولغان ، پارچە سانى ئاز بولغانلىرىنى تاللاپ بىرىشىڭىز كىرەك .
1-2ياشقىچە بولغان بالىلارغا تاق پارچىلىك رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنچۇقىدىن باشلىسىڭىز بۇلىدۇ ، مەزمۇن جەھەتتە گىئومىتىرىيىلىك شەكىل رەسىملىرى ، ھايۋانات ، مىۋە-چىۋە ، قاتناش قورالى قاتارلىقلارنىڭ مۇكەممەل شەكلىنى كىرىشتۈرىدىغانلىرىنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ .
2-3ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ، كىرىشتۈرىدىغان رەسىمنىڭ پارچە سانى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىنى تەدرىجى ئاشۇرسىڭىز بۇلىدۇ .

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەك

يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتىدە، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىپادىسى بار ئاياللارنى قايتا ئىزدىمەڭ؛ چۈنكى، بۇخىلدىكى ئاياللار سىزنىڭ كۆڭۈل بىرىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.

يېقىندا، ئاركۇپ ناملىق بىر شىركەت، سۇ ئۈستىدە لەيلەيدىغان بىر يۈرۈش ئۆي لايىھەلەپ چىققان ھەمدە كىلەركى ئايدا فىلورىدا شىتاتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىمە كۆرگەزمىسىدە

يېقىندا، باربىي قونچىقىنىڭ تەۋرەنمەس مەستانىسى بولغان بۇلغارىيەلىك بىر قىز، ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ قېلىن كالپۇكقا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگە

ئەركىشى بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە ئايال كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى، بىر ئادەمنى چۈشەنمىگەن ۋاقىتتا، ئۇن




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号