
بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسى، بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى. ئەمەلىيەتتە ناشتىلىقتا قانداق نەرسە يېگەندە ئاسان بوي ئۆسىدۇ، دېگەننى بىلىۋالسىڭىزلا بالىڭىزنىڭ بويى ئېگىز بولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق نەرسە يېگەندە ئاسان بوي ئۆسىدۇ؟
سۈت مەھسۇلاتلىرى:
بىزنىڭ بىرىنچى تاللىشىمىز چوقۇم سۈت مەھسۇلاتلىرى بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئوزۇقلۇق ناھايىتى تولۇق بولغان بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ، ھەر يۈز گرام سۈتنىڭ تەركىبىدە 70.5 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، 3.4گىرام ئاقسىل، 3.7گرام ياغ بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپ مىقداردا ۋىتامىنB1، ۋىتامىنA قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئاساسى، ئادەم بەدىنىنىڭ بۇ خىل ئاقسىلنى ھەزىم قىلىش نىسبىتى%98تىن يۇقىرى، سۈت تەركىبىدە كالتسىي مول بولۇپ، ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىشقا ناھايىتى پايدىلىق. سۈت ئادەم بەدىنىدىكى كالتىسىينىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسىدۇر.
مەيلى ئاقسىل بولسا ياكى كالتسىي بولسۇن، ھەر ئىككىسى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ، بوي ئۆستۈرمەكچى بولساق، چۇقۇم تەركىبىدە كالتسىي بىر قەدەر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك، چۈنكى كالتسىي سۆڭەكنىڭ يېتىشىگە پايدىلىق.
پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى:
پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بار، نۆۋەتتە پۇرچاق ئاقسىل مىقدارى ئەڭ يۇقىرى، سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولغان زىرائەت ھېسابلىنىدۇ، ئادەم بەدىنى سەككىز خىل زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسىغا ئېھتىياجلىق، بىراق بۇ ئامىنو كىسلاتالىرىنى ئادەم بەدىنى ئۆزگە تايىنىپلا سېنتىزلىيەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنى چۇقۇم يېمەكلىك ئارقىلىق قوبۇل قىلىش كېرەك، پۇرچاق ياكى دادۇر مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە(甲硫氨酸) ئاز بولغاندىن سىرت، يەنە باشقا يەتتە خىل ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى.
بۇ خىل ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يېتەرلىك بولۇپ، بىر قەدەر تولۇق بولغان ئاقسىلنى تەشكىل قىلىدۇ ، بۇ خىل ئاقسىل ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل دەپ ئاتىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاتا ئانىلار بالىلارغا پۇرچاق، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلدۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ئاقسىل ۋە ئامىنو كىسلاتاغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇشى كېرەك.

ھايۋانات مەھسۇلاتى:
ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئۇلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىدا ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى مىقدارى ئىنتايىن مول، مەسىلەن، تۇخۇم، گۆش، بېلىق قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ئاقسىل بار، شۇڭا ئەتىگەنلىك ناشتىغا بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
دانلىق زىرائەت ۋە قارا ئاشلىق: بالىلار ناشتىلىقتا كۆپ مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا ياغسىز بولغىنى ياخشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسىل ۋېتامىن ۋە مىكرو ئېلىمتلارنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، بالىلارغا زىيادە ياغلىق ياكى ياغدا پىشۇرغان يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك كېرەك. ئەڭ ياخشىسى تاماق ئەتكەن ۋاقىتتا شورپا، ئۇماچ، ئۇيۇتما قاتارلىقلارنى ئېتىش كېرەك. بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە كۆڭۈل بۆلۈش بولۇپلا قالماستىن، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىشقىمۇ پايدىلىق.
مۇتەخەسسىسلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىلار دانلىق زىرائەتلەرنى ۋە قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك دەپ تەكلىپ بەرگەن، مەسىلەن، گۈرۈچنىڭ تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، تال ۋە ئاشقازىنى زەئىپلىشىپ، قىزىتىدىغان بالىلارغا ماس كېلىدۇ. شوۋىگۈرۈچ ئۈستىدىكى نېپىز بىر قەۋەت گۈرۈچ يېغىدا ئوزۇقلۇق ناھايىتى مول بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ فۇنكسىيىسىدە مەسىلە بار بالىلارنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كېلىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۆممىقوناقتىن تال ساغلاملاشتۇرۇپ بەدەندىكى نەملىكنى چىقىرىۋېتىش، ئىشتىھانى ئېچىپ، ئەقىللىق قىلىش قاتارلىق رولى بار.
كالىتسىي ۋە ئاقسىل:
ئەتىگەنلىك ناشتىدا قانداق نەرسە يېسە ئاسان بوي ئۆستۈرىدۇ دېگەن مەسىلىدە يېتەرلىك ئاقسىل ئىنتايىن زۆرۈر، بولۇپمۇ قىش پەسلىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بالىلاردا ئاسانلا كالتىسىي يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىياز پەسلىدە بالىلارنىڭ ئۆسۈشى تېز بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر بالىلارغا ۋاقتىدا يېتەرلىك ئاقسىل تولۇقلانمىسا، بالىلاردا ئۆسۈپ يېتىلىشى توختاپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ئۇلاردا ئېغىر ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى ئۈچ ۋاقلىق تاماقتا تەركىبىدە كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش كېرەك، مەسىلەن، سۈت، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، سۆڭەك شورپىسى، بېلىق، راك، كۈنجۈت قاتارلىقلار.

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەك

يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتىدە، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىپادىسى بار ئاياللارنى قايتا ئىزدىمەڭ؛ چۈنكى، بۇخىلدىكى ئاياللار سىزنىڭ كۆڭۈل بىرىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.

يېقىندا، ئاركۇپ ناملىق بىر شىركەت، سۇ ئۈستىدە لەيلەيدىغان بىر يۈرۈش ئۆي لايىھەلەپ چىققان ھەمدە كىلەركى ئايدا فىلورىدا شىتاتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىمە كۆرگەزمىسىدە

يېقىندا، باربىي قونچىقىنىڭ تەۋرەنمەس مەستانىسى بولغان بۇلغارىيەلىك بىر قىز، ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ قېلىن كالپۇكقا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگە

ئەركىشى بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە ئايال كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى، بىر ئادەمنى چۈشەنمىگەن ۋاقىتتا، ئۇن




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号