ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئۇخلىغاندا ئۆرۈلسە قورساقتىكى بالىغا تەسىر يىتەمدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-08 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپ، ئۇخلاش ئۇلارغا نىسبەتەن بىر خىل ئازاب ھىسابلىنىدۇ. ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە ياخشىراق بولۇپ، ئۇيقۇغا كىرىشى تەسرەك بولىدۇ؛ ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە كەلگەندە بولسا، قورساقتىكى بالىنىڭ بارغانسېرى يوغىنىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆرۈلۈشىمۇ تەسكە توختايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال كىچىدە بىر خىل ھالەتنى ساقلاپ يېتىپ، ئەتىسى بەدەنلىرى ئاغرىپ كېتىدۇ.
   ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال ئۇخلىغان ۋاقىتتا بەدىنىنى ئۆرىسە، قورساقتىكى بالىمۇ تەڭ ئۆرۈلەمدۇ؟
   بوۋاق ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتا، ئەمەلىيەتتە يەككە بىر تەن ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بالىياتقۇدا بالا بىلەن بالا ھەمرىيىدىن باشقا، ئەتراپنىڭ ھەممىسى باش سۈيىگە تولغان بولىدۇ. باش سۈيىنىڭ تەۋرىنىشنى ئازايتىش رولى بار، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى سىرتتىن كەلگەن بېسىمغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، باش سۈيى بۇ خىل بېسىمنىڭ بالىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىدۇ.
   شۇڭا ھامىلدار ئايال ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئۆرۈلسە، بوۋاق بىللە ئەگىشىپ ئۆرۈلمەيدۇ، پەقەت تەۋرىنىش ھېس قىلىدۇ.
   ھامىلدار ئايال ئۇخلىغان ۋاقىتتا كۆپ ئۆرۈلسە، قورساقتىكى بالىغا زىيىنى بارمۇ يوق؟
   گەرچە باش سۈيى قوغداش رولىنى ئوينىيالىسىمۇ، ئەمما ھامىلدار ئايال يەنىلا كۆپ ئۆرۈلسە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا كىندىك بەلبىغى بالىنىڭ بوينىغا يۆگىشىۋالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ، بالىغا خەتەر ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
   ئەگەر كىندىك بەلبىغىنىڭ بالىنىڭ بوينىغا يۆگىشىۋالغان چەمبەر سانى كۆپ بولمىسا، بالىغا كۆپ تەسىر كۆرسەتمەيدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ؛ لېكىن بەك كۆپ يۆگىشىۋالغان بولسا، بالىغا ئوكسىگېن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ھامىلدار ئايال ئۇخلىغاندا ئۆرۈلسە بولىدۇ، ئەمما بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
   نېمىشقا سول يېنىنى بېسىپ ياتسا ياخشى دەيمىز؟
ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلى ۋە ئاخىرىقى مەزگىلىدە، دوختۇرلار نېمىشقا سول ياننى بېسىپ يېتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ؟ چۈنكى بۇنىڭدا، بالىياتقۇنىڭ تۆۋەن بوشلۇقتىكى ۋىنرا قان تومۇرلىرى ۋە ئاساسى ئارتىرىيە قان تومۇرلىرىنى بېسىۋىلىشىنى ئازايتىپ، يۈەككە قايتىدىغان قاننىڭ ئازىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە كىتەرلىك ئۇزۇقلۇقلارنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号