ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارغا نىسبەتەن ئەڭ بەختلىك ئون ئىش ۋە ئەڭ بەختسىز ئون ئىش
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، بالىلارنىڭ نۇرغۇن قىلمىشلىرى ناھايىتى ئوماق ھەم كۈلكىلىك كۆرۈنىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ھېچقانداق غەمسىز ناھايىتى خۇشال ياشايدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بىز بالىلارنىڭ كۆڭلىدىكى بەزىبىر ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشەنمەسلىكىمىز مۇمكىن بولۇپ، بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى بەخت، چوڭلارنىڭ قارىشىدىكىگە ئوخشىمايدۇ.
   ئالاقىدار ئورگانلار بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ بەختلىك ئون ئىش ۋە ئەڭ بەختسىز ئون ئىشنى خۇلاسىلاپ چىققان.
بالىلار ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىدىغان ئون ئىش
   1. ھېيت-بايرام ئۆتكۈزۈش
   2. تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش
   3. ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ساياھەتكە چىقىش
   4. دادىسى بىلەن بىللە بېلىق تۇتۇش
   5. ئۇخلاش
   6. ئويۇن ئويناش
   7. ھاۋاسى ساپ ئورمانلىقتا سەيلى قىلىش
   8. ئاتا-ئانىسى بىلەن گەپ تالىشىپ جىدەللەشكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ كېلىپ ئۇلارغا تەسەللى بىرىشى.
   9. دوستلىرى بىلەن بىرگە تاماق يىگىلى بېرىش
   10. ئويناش
بالىلار ئۆزىنى بەختسىز ھېس قىلىدىغان ئون ئىش
   1. ئاتا-ئانىسىنىڭ تىللىشى
   2. مۇئەللىمدىن تەنقىد ئاڭلاش
   3. تاپشۇرۇق ئىشلەش
   4. ئىمتاھاننى ياخشى بىرەلمەسلىك
   5. ئاتا-ئانىسى بىرلىشىپ ئۇنى ئۇرۇش
   6. دادىسى كاماندوروپكىغا چىقىپ كېتىش
   7. يەر شارى يىغلىغان ۋاقىت
   8. ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسى يېنىدا بولمىغان ۋاقىت
   9. ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىت
   10. ئويۇن ئوينىيالماي قالغان ۋاقىت
   يۇقارقىلاردىن شۇنى بايقىيالايمىزكى، بالىلارغا نىسبەتەن، بەخت ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي. لېكىن، ئۆگىنىش بېسىمى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن بالىلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئۇنچە بەك كۈچلۈك ئەمەس.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号