ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئەقىللىق بوۋاققا ھامىلدار بولغانلاردا بۇ خىل ئورتاقلىقلار بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالا، پۈتكۈل ئائىلىنىڭ ئۈمىدى بولۇپ، بولۇپمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۇرۋاتقان ئاياللار، بالسىنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىن چىرايلىق ھەم ئەقىللىق بالا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىپ كىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق گۈزەل تىلەكلەرگە نىسبەتەن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، قورسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ بەزىبىر ئەھۋاللىرىغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى بوۋاققا ھامىلدار بولغان بولسا، ھامىلدار ئايالدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى قانۇنىيەتلىك كىلىدۇ
    ھامىلدارلىق بەشىنچى ئېيىغا كەلگەن ۋاقىتتا، كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى بىر قەدەر ئىنىق دەرىجىدە ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ. ئادەتتە ھامىيلە سالامەتلىكى نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى قانۇنىيەتلىك بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ يىتىلىشىنىڭ بىرقەدەر ياخشى ئىكەنلىكى، يەتكۈزۈلگەن ئۇزۇقلۇقنىڭمۇ بىرقەدەر يىتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ مىڭىسىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىڭمۇ بىر قەدەر ياخشى ھەم ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، تۇغۇلغاندىن كىيىن، بالا ئەلۋەتتە ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ.
ئىنكاس سۈرئىتى تىز
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ ئىنكاس سۈرئىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ؛ بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىگە يەتكەندىن كىيىن، كۆپ قىسىم ھامىيلىلەرنىڭ نىرۋا سېستىمىسى ۋە ھەرقايسى ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى يىتىلىپ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ ماڭىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا قوساقتىكى ھامىيلە بىلەن ئوينىشىپ قويساق، ياكى ئۇنىڭغا غىدىقلاش بەرسەك، ھامىيلىمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بولۇپمۇ ھامىيلە قاتتىقراق مىدىرلاپ كەتكەن ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال قورسىقىنى سىيلاپ بەرسە، ئەگەر ھامىيلە بۇنىڭغا قارىتا بىرقەدەر تىز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرسا، بۇ ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىڭ نىسبەتەن ياخشى ھەم مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر بالام ئەقىللىق تۇغۇلسىكەن دەپ ئويلىسا، ئۇنداقتا ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىغا دىققەت قىلغاندىن باشقا، يىمەك-ئىچمەك ۋە باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرى جەھەتتىمۇ تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كىرەك؛ مەسىلەن، بەزىبىر سۈت مەھسۇلاتلىرى، ياڭاق قاتارلىق مىڭىگە قۇۋۋەت بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تۈردە كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىش ۋە يىتەرلىك بولغان ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك؛ چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى، ھامىيلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھالقىلىق ئامىللاردۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号