ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىنىڭ ئۆگىنىشى ياخشى بولالمىسا بۇ جەھەتلەردىن سەۋەپ ئىزدەڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نەچچە كۈن ئىلگىرى بالدۇرلا ئىشتىن چۈشۈپ تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، ئۆيمىزدىكى ئەرمەك ئىتنى يىتىلىگىنىمچە سەيلىگە چىقتىم. بىردەم ماڭغاندىن كىيىن، قوشنىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدىم. پاراڭلىشىش جەريانىدا، قوشىمىز لىيۇ ئاچام بالىسىنىڭ باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئەمما نەتىجىسىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى ھەمدە مۇئەللىمنىڭ ھەمىشە ئۆيگە تىلفون قىلىپ، يۈزىنى قويمىغانلىقىنى دەپ قاقشاشقا باشلىدى؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ھازىر بالىسىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى تۆۋەنمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قالغان ئىكەن.
    ئەمىلىيەتتە، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ناچار بولۇپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ دۆتلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىنى ياخشى قىلالمىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
بالىلارنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلەتمەسلىك
    ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا مۇنداق بىر مەسىلە كۆرۈلىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ، بالىلار ھەركۈنى كىتاپتىن بېشىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكتىن، بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسى يىتەرلىك دەرىجىدە ئارام ئېلىشقا ئىرىشەلمەي، ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرۇشىغا ئەگىشىپ بالىنىڭ ئۆگىنىشىگە پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، ئادەتتە بالىلارنى مۇۋاپىق تۈردە ئارام ئالدۇرۇشقا دىققەت قىلىش كىرەك؛ مەسىلەن، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بالىلارنى ئېلىپ شەھەر ئەتراپىغا ساياھەتكە بېرىش ياكى باغچىلارغا بېرىپ ئايلىنىپ كىلىش قاتارلىقلار. بۇنىڭدا بالىلارنىڭ روھى بېسىمىنى ئازايتىشقا بولىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىراق بالىلارنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە سۇغۇق ئۆتۈپ قالماسلىققا دىققەت قىلماق لازىم.
ئاتا-ئانىلار ئۆگىنىشكە يىتەكچىلىك قىلماسلىق
    بالىلار مەكتەپتىن يېنىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، تاماق يەپ بولۇپلا تاپشۇرۇق ئىشلەشكە باشلايدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ تاپشۇرۇپ ئىشلىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. ھازىر بۇرۇنقى بىز كىچىك ۋاقىتلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ھازىرقى بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقى كۆپ بولۇپلا قالماي، قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى بولمىسا، بالىلار ئۆزىگىلا تايىنىپ تاپشۇرۇق ئىشلىسە، ئۇلارغا ئاز بولمىغان فىزىلوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشىلىشى ۋە تەكرار قىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ؛ بىراق شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كىرەككى، يىتەكچىلىك قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما بالىلارنىڭ ئورنىدا تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بىرىشكە بولمايدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇش تەرتىپى بىنورمال
    نۇرغۇن بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ، تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولغاندىن كىيىنلا تېلىۋىزور كۆرۈشكە باشلايدۇ ياكى يانفون ۋە كومپىيوتىر ئوينايدۇ. بۇ خىل ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار گەرچە قىزىقارلىق بولسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونتىرول قىلىش كۈچى نىسبەتەن ناچار بولغاچقا، ئاسانلا خۇمار بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش كىرەك؛ بولمىغاندا كىچىلىك ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىسا ياكى سۈپىتى ياخشى بولمىسا، ئىككىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىغا تەسىر يىتىپ، مۇئەللىم سۆزلىگەن مەزمۇنلار ئۇلارنىڭ كاللىسىغا چۈشمەيدۇ.
    ئاخىرىدا، ئەگەر ئوقۇرمەن دوستلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە باشقىچە پىكىرى بولسا، سۆز قالدۇرۇش رايونىدا ئۆز پىكىرىنى قالدۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە بەھىرلىنىشىنى ۋە مۇلاھىزە قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号