ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنىڭ بۇ خىل يامان ئادەتلىرىنى ۋاقتىدا تاشلاتقۇزۇڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەر بىر ئاتا-ئانا بالىغا ئامراق كىلىدۇ؛ بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ بالىسىغا قارىتا، قارىغانسىرى ئامراقلىقى كىلىدىغان بولۇپ، بالىسى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان تەقدىردىمۇ، "بالا تېخى كىچىك، ئىش ئۇقمايدۇ" دەپ ئۆتكۈزىۋىتىدۇ. بىراق، بەزىدە ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسىنى زىيادە ئەركىلىتىپ ئامراقلىق قىلسا، بالىغا قارىتا ياخشى تەسىر كۆرسىتىشى ناتايىن؛ بولۇپمۇ، ئەگەر بالىلاردا بەش ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكىدەك ناچار ئادەتلەر كۆرۈلۈپ قالسا، ئاتا-ئانىسى ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ بۇ ئادەتلىرىنى ئۆزگەتكۈزىشى لازىم. بولمىغاندا، بالىلارنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىغا زور تەسىر يىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالا بەش ياشتىن ئېشىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۆزگەرتىمەن دىسەكمۇ تەسكە توختاپ قالىدۇ.
مىجەزى ئوسال، ھەمىشە قېيدايدىغان بولۇپ قېلىش
   ھازىر نۇرغۇن بالىلار يالغۇز پەرزەنت بولۇپ، ئاتا-ئانىسى، ھەتتا بوۋا-مومىلىرى، مۇھەببەتنى دەستەك قىلىپ، چەك-پىرىنسىپنى يوقاتقان ئاساستا بالىنى ئەركىلىتىپ ئامراقلىق كۆرسىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك تەدرىجى ھالدا، بالىلاردا ھەرخىل يامان ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق بالىلار، ئۆزى رازى بولمايدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغان بىرەر ئىشقا يولۇققان ھامانلا، دەرھال يىغلاپ خاپا قىلىش، يەردە دومىلاپ يېتىۋىلىش، چىقىراش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، چوڭلارنى مۇرەسسەگە چۈشۈشكە مەجبۇرلايدۇ؛ بالا ئەگەر بۇنداق ئادەتلىنىپ چوڭ بولۇپ قالسا، كىيىنچە تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنى بايقىغاندا، ئۇلارنى ھەرگىز بۇنداق قىلىشقا كۆندۈرۈپ قويماي، ئەكىسچە ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئادىتىنى تاشلاتقۇزۇشقا تىرىشىشى كىرەك.
باشقىلاردىن مەنپەتلىنىۋىلىشنى ئويلايدىغان ياكى باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىۋالىدىغان بولۇپ قېلىش
   بەزى كىچىك بالىلار باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى بارغان ۋاقىتتا، ئۆزىدە يوق ياكى ئۆزىنىڭكىدىن ياخشىراق ئويۇنچۇقلارنى كۆرسە تالىشىپ خاپا سالىدۇ؛ ئەگەر قارشى تەرەپ بەرمىسە يىغلاپ خاپا سالىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ئۆي ئىگىسىدىن سورىمايلا ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ ماڭىدۇ. بۇ خىل يامان ئادەتنى ئاتا-ئانىلار چوقۇم ۋاقتىدا توسۇشى كىرەك، بولمىغاندا، بالا چوڭ بولغاندا يامان يولغا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن.
باشقىلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى خالىماسلىق
    ھازىر، شەخسىيەتچى بالىلار ئاز ئۇچرىمايدۇ. ھەممە ئادەم بالىسىنى زىيادە ئەركىلىتىپ، نىمىنى سورىسا شۇنى ئېلىپ بىرىدۇ؛ ھەتتا بالىسىنى ھەددىدىن زىيادە ئۆز بېشىمچە قىلىپ كۆندۈرۈپ قويىدىغان بولۇپ، بۇنداق بالىلار ھەممە نەرسىنى مىنىڭۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. باشقا بالىلار ئەگەر ئۇلارنىڭ ئويۇنچۇقىنى تۇتسا، ئۇلار دەرھال تارتىپ ئېلىۋالىدۇ ياكى بەرمەيمەن دەپ يىغلاپ خاپا قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، بالا شەخسىيەتچى ھەم باشقىلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھەر قانداق نەرسىنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى خالىمايدىغان بىر ئادەم، جەمئىيەتتە ئالقىشقا ئىرىشەلمەيدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ بۇ خىل ئادىتى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلمىگەندە، كەلگۈسىدە جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇشى تەسكە توختاپ قالىدۇ.
چوڭلارنى ئۇرۇپ تىللاش
    ھازىرقى جەمئىيەتتە، نۇرغۇن ئائىلىلەردە بىرلا بالا بار؛ بۇ سەۋەپلىك، بوۋا-مومىسى بىردىنبىر نەۋرىسىنى ئۇرۇپ تىللاشقا كۆز قىيمايدۇ، شۇڭا بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق، بەزى بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئەدەپ قائىدە دىگەننى بىلمەيدىغان بولۇپ، ھەر دائىم چوڭلارنى تىللاپ ھاقارەتلەپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇلارغا قول شىلتىپ ئۇرماقچى بولىدۇ؛ تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ بۇ خىل قىلىمىشىنى يامانلىقنىڭ ئىپادىسى، كەلگۈسىدە جەمئىيەتتە باشقىلارغا بوزەك بولمايدىغان ئادەم بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئويلاپ باقسا بولىدۇ؛ ياشانغانلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ تىللايدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان بالىلار، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟ شۇڭلاشقا، بۇ خىلدىكى بالىلارغا نىسبەتەنمۇ، ئەڭ ياخشىسى كىچىك ۋاقتىدىلا تەربىيە بىرىپ، بۇ خىل ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号