ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىقتا بۇ مىۋىلەرنى يىسىڭىز، بالىڭىز چىرايلىق تۇغىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەرقانداق بىر ئايال، چىرايلىق ھەم ساغلام بوۋاق تۇغۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چىرايلىق بولۇش بولماسلىقى، ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گېنىغا باغلىق بولىدۇ؛ بىراق، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەزىبىر تىرىشچانلىقلارمۇ، بالىنىڭ تېخىمۇ چىرايلىق تۇغۇلۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ. ھامىلدار ئاياللار، ئەگەر چىرايلىق بوۋاقتىن بىرنى تۇغۇشنى ئويلىسا، ئۇنداقتا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكى نەچچە خىل مىۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بىرىشى كىرەك.
ئاپلىسىن
    ئاپلىسىننىڭ تەركىبىدە، ۋىيتامىن C بىلەن كاروتىننىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاپلىسىننى كۆپلەپ ئىستىمال قىلغاندا، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، قېرىشنى ئاستىلىتىش، تىرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
ئالما
   ئالما تەركىبىدىكى فوسفور ۋە تۆمۈر قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئۈچەي دىۋارى تەرپىدىن سۈمۈرلۈشى ئاسان بولۇپ، مىڭىنى قۇۋۋەتلەپ قانغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈش رولى بار؛ بۇ سەۋەپلىك، ئالما، ھامىلدار ئاياللارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان مۆتىدىل مىۋىدۇر. بۇندىن باشقا، ئالمىنىڭ تەركىبىدە يەنە ماي تەركىبلىك ماددىلار، كۆپ خىل ۋىيتامىنلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار مول؛ بولۇپمۇ ئىنچىكە تالا ماددىلىرى تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ چوڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتى يان قىسمىدىكى خەيما رايونىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق، يەنى بالىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدار مەزگىلىدە ئالمىنى كۆپ يەپ بەرگەن ئانا تۇغقان بوۋاقنىڭ زىققا كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ. ھامىلدار ئاياللار ھەركۈنى بىردىن ئىككىگىچە ئالما يەپ بەرسە، سىنىكقا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
كۈزلۈك نەشپۈت
    كۈزۈلۈك نەشپۈتنىڭ "مىۋىلەر شاھى" دىگەن نامى بار بولۇپ، ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ تىرىسى بىر قەدەر يىرىك بولسا، ھامىلدار بولغاندىن كىيىنكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۈزلۈك نەشپۈتنى كۆپرەك يەپ بەرسە، قوساقتىكى بوۋاق تىرىلىرى يۇمران ھەم سىلىق تۇغىلىدۇ.
ئۈزۈم
    ئۈزۈم "كىرىستال ياقۇت" دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىن C مول بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى مىۋە كىسلاتاسى، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىق ماددىلارمۇ بار بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۈزۈمنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئاياللاردىكى رەڭگى ئۆڭۈپ كىتىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كىتىش، قان ئايلىنىش ياخشى ئەمەس، قىش كۈنلىرى پۇت-قولى مۇزلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۈزۈمنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ تىرىسىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە ھامىيلىنى تىنچلاندۇرۇشقىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号