ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارنى يۇيۇندۇرغاندا، سۇنى قىزىق تەڭشەپ قويماڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۇرمۇشىمىزدا، بالىلارنى يۇيۇندۇرۇش بىر چوڭ مەسىلە. نۇرغۇن ئانىلار بايقىغان بولۇشى مۇمكىن، بالىلارنى يۇيۇندۇرغان ۋاقىتتا، شاكىچىكلەر يا سۇنى بەك سۇغۇق دەپ قاقشايدۇ، ياكى بولمىسا بەك قىزىقكەن دەپ تۇرۋالىدۇ. دەسلىۋىدە، ئاتا-ئانىلار سۇنىڭ تىمپىراتۇرسىنى ئۆزى ھىس قىلىپ بېقېپ، ئۇلارغا سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى نورمالدەك بىلىنگەچكە، ئۇلار بالىسىنى يولسىزلىق قىلىۋىتىپتۇ دەپ ئويلاپ، كىيىنچە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشى، چوڭلار بىلەن كىچىك بالىلارنىڭ سىزىم ئەزالىرىدا ئوخشىماسلىقلار بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سۇنىڭ تىمپىراتۇرسىغا بولغان تەلىۋىمۇ ئوخشىمايدۇ؛ بەزىلەر سۇنىڭ تىمپىراتۇرسىنى دەل جايىدا تەڭشەلگەندەك ھىس قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر يا سۇغۇق يا قىزىق ھىس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر بالىڭىزنى يۇيۇندۇرغاندا، ئۇ سۇ قىزىقكەن دىسە، ئاتا-ئانىلار كارى بولماي قالماسلىقى كىرەك، بۇ ئىنتايىن مۇھىم.
چوڭلار بىلەن كىچىك بالىنىڭ سىزىم ئەزالىرىدا پەرق بار
   بالىلار ئەسلىدىلا يىتىلىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بولۇپ، چوڭلارغا ئوخشىمايدۇ. سۇنىڭ قىزىق سۇغۇقلىقىغا نىسبەتەن، چوڭلارنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى كىچىك بالىلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلار سۇنىڭ تىمپىراتۇرسىنى قىزىق ھىس قىلغان ۋاقىتتا، چوڭلارغا ئەكسىچە نورمالدەك بىلىنىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال، بالىلار نىمە دىسە، ئاتا-ئانىسى ئىشەنمەي قالىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ سىزىم ئەزالىرىنىڭ تېخى يىتىلىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىشى كىرەك. ئەگەر ئۇلار سۇنى بەك قىزىق ھىس قىلسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار ئىرىنچەكلىك قىلماي، سۇنىڭ تىمپىراتۇرسىنى ئۇلارنىڭ تەلىۋى بويىچە تەڭشەپ بەرمىكى لازىمدۇر.
كىچىك بالىلارنىڭ تىرىسى يۇمران كىلىدۇ
    بالىلار قىزىق ھىس قىلغان سۇ تىمپىراتۇرسىغا قارىتا، چوڭلارنىڭ نورمالدەك ھىس قىلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، چوڭلار بىلەن كىچىك بالىلارنىڭ تىرىسىدە پەرق بار بولىدۇ، بالىلارنىڭ تىرىسى چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا يۇمران كىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا، چوڭلار مۇۋاپىق دەپ قارىغان سۇ تىمپىراتۇرسىنى بالىلار قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدىمۇ، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىۋالماي، بالىلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم.
قىزىق سۇنىڭ بالىلارغا پايدىلىق بولۇشى ناتايىن
    بەزى ئاتا-ئانىلار، بالىسىنى يۇيۇندۇرغان سۇنى قەستەن قىزىق تەڭشەپ بىرىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار، قىزىق سۇدا يۇيۇنسا بالىلارغا پايدىلىق دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ قىشنىڭ كۈنلىرىدە، ئاتا-ئانىلار، بالىلارنى قىزىق سۇدا يۇيۇندۇرۇپ قويساق ئۇلار راھەتلىنىپ قالىدۇ ھەم ئاسان زۇكام بولۇپ قالمايدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق بۇنداق قىلمىشنىڭ بالىلارغا زىيان ئېلىپ كىلىدۇ؛ بالىلارنىڭ تىرىسى چوڭلارغا قارىغاندا خېلىلا يۇمران كىلىدىغان بولغانلىقتىن، يۇيۇنىدىغان سۇ بەك قىزىق بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ تىرىسىنى زەخمىگە ئۇچرىتىش، ھەتتا كۆيۈپ قېلىش خەۋپى تۇغىلىدۇ.
   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى يۇيۇندۇرغان ۋاقىتتا، سۇنىڭ تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەش جەھەتتە ئەڭ ياخشىسى بالىسىنىڭ پىكىرىنى ئاساس قىلىش كىرەك؛ بولمىغاندا، سۇ بەك قىزىق بولۇپ كەتسە، ئادەمنى پۇشايمانغا قويىدىغان ئېغىر ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号