ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىپ ئۇخلىشىنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى بىلەمسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەممەيلەن بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىپ ئۇخلاشقا ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ ئەمما نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنى ئۇلار دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، ئۇلارنىڭ ئېغىز بۇرنىنىڭ ياستۇق ياكى يوتقان تەرپىدىن توسۇلۇپ نەپەسلىنەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ دۈم يېتىپ ئۇخلىشىنى خالىمايدۇ. بىراق، ئاتا-ئانىلار، بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىپ ئۇخلىشىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنىمۇ بىلىپ قويۇشى كىرەك.
    بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، ئۇلارنىڭ نەپەسلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، نەپەسلىنىش جەريانىدىكى قىزىل قان ئاقسىلىدىكى ئوكسىگىن مىقدارىمۇ باشقا ئۇخلاش ھالىتىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. بىراق دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش شۇكى، ئەگەر بوۋاق تېخى بەك كىچىك بولسا، ئۇنداقتا بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلماي بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى ئۆرۈپ ياتقۇزۇپ قويىشى كىرەك. بوۋاقلار ئازراق چوڭ بولۇپ، ئۆزى ئۆرىلەلىگۈدەك بولغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار ئەنسىرمىسىمۇ ھەم ئۇلارنى ئۆرۈپ قويمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇلار دۈم يېتىپ ئۇخلىسا راھەت ھىس قىلغان ئىكەن، ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بەرگەن ياخشى.
   بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىپ ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ نىرۋىسىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، يەنە تېخى بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ ھەرقايسى مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىش كۈچىنى چېنىقتۇرۇشقا بولىدۇ، بۇنىڭ بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىسى زور بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىشى، بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى ئۇلارغا تېخىمۇ راھەت بىلىنىدىغان بولۇپ، بوۋاق كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. پەقەت بوۋاق پۈتۈن بىر كىچە دۈم يېتىپ ئۇخلىمىسىلا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى ئۆرۈپ قويمىسىمۇ بولىدۇ.
    ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى، بوۋاق ئۆزى ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالايدىغان بولغان ۋاقىتتىمۇ، ئاتا-ئانىلار بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، ئۇلارنىڭ يېنىدا يۇڭلۇق ئويۇنچۇق ياكى باشقا يۇشۇرۇن خەتەر ئامىلى بار بولغان نەرسە كىرەكلەرنى قويماسلىق كىرەك، بۇنىڭدا بوۋاقلار ئۆرۈلگەن ۋاقىتتا خەتەر كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا بوۋاق دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە بولمايدۇ؛ ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت دۈم يېتىپ ئۇخلاپ كۈنۈپ قالسا، بوۋاقنىڭ قۇۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号