ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىش تىلغا ئېلىنسا، ھەممە ئادەم بېشىنى چايقاپ خۇرسىنىپ كىتىدۇ. ھامىلدار بولۇش، ئەسلىدە ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش؛ چۈنكى ئۇ ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشىدىن، ئەر-خوتۇنلار رولىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىدىن دىرەك بىرىدۇ. ئەمما ئەگەر بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قالسا، ئامالسىز دوختۇرخانىغا بېرىپ ھامىيلىنى چۈشۈرۋەتمەي باشقا ئامال يوق؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئايال كىشىنىڭ روھى ھالىتىگە تەسىر يىتىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا جىسمانى جەھەتتىنمۇ بەلگىلىك زىيان-زەخمە ئېلىپ  كىلىدۇ.
    ھازىر بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالدى؛ نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سەللا دىققەت قىلماي قالساق، ھامىلدار ئايالنىڭ ھوشىدىن كىتىشى ياكى قان مېڭىپ كىتىش كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ھېچقانداق ئادەم بۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالغا ئۇچراشنى خالىمايدۇ. ئۇنداقتا، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولىدىغان ئەھۋاللار نىمە ئۈچۈن بارغانسىرى كۆپىيپ كەتتى؟ ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئەر-خوتۇنلار بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟ بىز تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بەزى ساۋاتلارنى كۆرۈپ باقايلى!
1. ھاراق ئىچىپ تاماكا چىكىشنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ
    نۇرغۇنلىغان ياش ئەر-خوتۇنلار ئۆزىنىڭ ياشلىقىغا تەمەننا قويۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە بىخەستىلىك قىلىپ، كىچىلىرى ۋاقتىدا ئۇخلىمايدۇ، ھەتتا ھاراق تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدا ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ياخشىراق، بىراق بەزى ئەرلەر ھاراق تاماكىغا زىيادە خۇمار بولۇپ قېلىپ، ئاسانلىقچە تاشلىيالمايدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ ئايالى ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، بۇ ناچار ماددىلار ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بەزىدە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، يەنە بەزىدە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا ئۆتەلمەي، تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىدە تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئەر-خوتۇنلار، ھاراق-تاماكىغا يېقىن كەلمەسلىكى كىرەك؛ ئەڭ ياخشىسى باشقىلار تاماكا چەككەن مۇھىتقىمۇ يېقىنلاشماسلىقى كىرەك.
2. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ياكى ھامىيلە چۈشۈپ كىتىش تارىخى
    بەزى كىچىك قىزلار، ياشلىقىدا ئىش ئۇقماي، ئوغۇللارنىڭ ئالدىشىغا ئۇچراپ، ئىھتىياتسىزلىقتىن ھامىلدار بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنداق قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دوختۇرخانىلارغا بېرىپ قورسىقىدىن بالىنى چۈشۈرۋىتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، قارىماققا بالا ئالدۇرۋەتكەندىن كىيىن، بىر مەزگىل ياخشى ئارام ئالسا ئوڭشىلىپ كىتىدىغاندەك بىلىنىدۇ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، بالا چۈشۈرۋىتىشنىڭ ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە، جۈملىدىن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە بولغان تەسىرى، ئۇلارنىڭ كىيىنكى قېتىم ھامىلدار بولغان ۋاقتىدا، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۋىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇن ئەلەر ئەر-خوتۇنلۇق جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىشنى ياقتۇرمىغاچقا، ئاياللار ئامالسىز ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ؛ بۇنداق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى جىددى ئەھۋال ئاستىدا بىر ئىككى قېتىم يىسە چوڭ مەسىلىسى يوق، ئەمما داۋاملىق تۈردە ئىشلەتسە، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى گورمون ئاجرىلىپ چىقىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، كىيىنكى مەزگىللەردىكى ھامىلدار بولۇشقا ئىنتايىن پايدىسىز بولىدۇ.
3. كىسەللىك ياكى ئىرسىيەت سەۋەبىدىن
     چىرايى، ئەقلى قابىلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىرىسىيىتىنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا، بەزىبىر كىسەللىكلەرمۇ ئاتا-ئانىسىدىن بالىسىغا ئىرسىيەت قالىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە ھامىلدار بولۇشى تەسكە توختايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇ ئاياللار ئارىسىدا گورمۇن ئاجرىلىپ چىقىش جەھەتتە ئىرسىيەت قالغانلىق سەۋەبىدىن بولۇپ، شۇڭلاشقا تۇغماسلىق ياكى باشقا ئاياللار كىسىلى تۇغقانلار ئارىسىدا توپلىشىپ كۆرۈلىدىغان ھادىسىلەر پەيدا بولىدۇ. بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىش بولسا، ئىنتايىن چوڭ نىسبەتتە ئايال كىشىنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى كىسەللىكى سەۋەپلىك كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بەزىدە شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلماي، ئاياللار ياللۇغ كىسەللىكى كىلىپ چىقسا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئوڭۇشلۇق تۈردە يىتىلگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلار بالىياتقۇغا ئوڭۇشلۇق يىتىپ بارالمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
    ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئەر-خوتۇنلار يۇقارقى مەسىلىلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى لازىم؛ ئەگەر بىرەر غەيرى ئەھۋال كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، كىسەللىك بار بولسا ۋاقتىدا داۋالىنىپ ساقىيىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا ئاندىن ئەڭ تىز سۈرئەتتە، ساغلام بوۋاق يۈزى كۆرگىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号