ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىڭىزنى كىچىكلا تۈگەشتۈرەي دىسىڭىز،ئۇنىڭغا بىر يانفون بىرىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىر يانفون ھەممە ئائىلىلەردە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل كۈندىلىك بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالدى! ئىلگىرىكى بالىلار ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىش، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىقىشى ئىدى؛ ھازىرقى بالىلارنىڭ ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىشى بولسا، ئۇلارغا بىر تال يانفون بىرىش.
دائىم يانفون ئوينايدىغان بالىلاردا، 10 يىلدىن كىيىن قانداق پەرقلەر بولىدۇ؟
    دائىم يانفون ئوينايدىغان بالىلار ۋە يانفون ئوينىمايدىغان بالىلار ئوتتۇرسىدا، 10 يىلدىن كىيىن قانداق پەرقلەر بولىدۇ؟ يېقىندا، ئامىرىكىدىكى بىر بالىلار پىسخىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پىسخىلوگ، بالىلارنىڭ يانفون ئوينىشى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئىلان قىلدى؛ بۇ دوكلاپ 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن تاماملانغان بولۇپ، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بالىلار جەمئى 100 نەپەر؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە 50 نەپەر بالا يانفون ئويناشقا مەستانە بولغان بالا، قالغان 50 نەپىرى بولسا، ئادەتتە يانفون بىلەن ئۇچرىشالمايدىغان بالىلاردىن تەشكىل تاپقان. تەكشۈرۈشنىڭ ھەقىقى ۋە ئىشەنچىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلىنغان بالىلارنىڭ ھەممىسى، ئامىرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، كىرىمى ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلامدىكى ئائىلىلەردىن تاللانغان بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلىنغان بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش.
    ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى: 50 نەپەر يانفون ئويناشقا مەستانە بولۇپ قالغان بالىلاردىن ئاران ئىككىسى ئالى مەكتەپكە ئۆتەلىگەن؛ قالغان 50 نەپەر ئادەتتە يانفونغا ئۇچراشمايدىغان بالىلارنىڭ ئىچىدە 47 نەپىرى ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن، پەقەت 3 نەپەر بالا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۆيىدىكىلەرگە ياردەملىشىشنى تاللىغان؛ بۇندىن باشقا ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن 47 نەپەر بالىنىڭ ئىچىدە 16سى ئۆزى ئۆتكەن ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشكەن.
    يۇقارقى تەتقىقات نەتىجىسى بىزگە پەقەت بالىلارنىڭ يانفونغا مەستانە بولۇپ قېلىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؛ بىراق بەزىبىر يامان تەسىرلەر، ئەمىلىيەتتە ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۈز بىرىۋاتقان بولۇپ، بۇلار يامان تەسىرلەر ئاستىرتتىن بالىلارغا شەكىلسىز زىيان ئېلىپ كىلىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماقتا!
بالىلارنىڭ يانفون ئوينىشىنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ
1. بالىلارنىڭ يېقىننى كۆرەر كۆز بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    يانفون ئىكرانىدا كۆرۈلىدىغان خەت ۋە رەسىملەرنىڭ لاھىيىلىنىشى، قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سىزىمىنى ئۆلچەم قىلغان بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يىتىلىشى ئۇلارنىڭ بوي ئىگىزلىكىگە ئوخشاش ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە يىتىلىدۇ. ئەگەر 2 ياشلىق بىر بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.4 ئەتراپىدا بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەر كۈنى يانفونغا قاراپ، ئۇلارغا نىسبەتەن كىچىككىنە بولغان رەسىم ۋە خەتلەرنى كۆرسە، ئۇلارنىڭ كۆزى قانچلىك چارچاپ كىتەر؟
    ئادەتتە يانفون ئىكرانىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرگەن ۋاقتىمىزدا، كۆزلىرىمىز ئىختىيارسىز ھالدا، يانفون ئىكرانىغا بارغانسىرى يېقىنلاپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا كۆزىمىزنىڭ فوكىس نوقتىسىنى يېغىش بۇلۇڭى ئېشىپ، كۆز ئەتراپى مۇسكۇللىرىنىڭ يېغىلىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كۆز ئەتراپى مۇسكۇللىرى ئاسانلا چارچاپ، تەڭشەش خارەكتىرلىك تارتىشىشنى(ساختا تىپتىكى يېقىننى كۆرەر كۆز) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ ئەھۋال داۋاملىق تەرەققى قىلسا، ھەقىقى تىپتىكى يېقىننى كۆرەر كۆز كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. تەنھالىقنى خالاش كىسىلى ۋە خامۇشلىشىش كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    بالىلار ئۇزۇن مەزگىل يانفون ئوينىغاندا، بۇ ئۇلارنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتىنى يوقىتىۋىتىدۇ. بالىلار پىسخىكىسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يانفون ئويناشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى قانچىكى كۆپ بولسا، ئۆيدىن سىرتقا چىقىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىپ، خامۇشلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرلاپ كىتىدىكەن ھەمدە ھەمىشە يانفون ئوينايدىغان بالىلارنىڭ خامۇشلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى يانفون ئويناشقا سەرپ قىلىپ، بۇ سەۋەپلىك سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئالاقە قىلىش پۇرسىتىنى ئازلىتىۋىتىدىكەن.
3. بويۇن ئۇمۇرتقا كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئۇزۇن مەزگىل يانفون ئويناشنىڭ بالىلارنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقىسىغا ئەكىلىدىغان خەتىرى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭكىگە قارىغاندا چوڭ بولىدىكەن. بۇ بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپ، قورامىغا يەتكەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بالىلارنىڭ سۆڭىكىدىكى سۇ تەركىبى، يېپىشقاق ماددا تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، كالتسى تەركىبى بولسا نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ سۆڭىكى نىسبەتەن "يۇمشاق" كىلىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ ئاسانلا سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
    بۇندىن باشقا، بالىلار يانفون ئوينىغاندا، ئۇزۇن مەزگىل بوينىنى سوزۇپ، كاللىسىنى تۆۋەن سالغان ھالەتنى ساقلايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆكرەك قىسمىدىكى مۇسكۇللار ئۇلارنىڭ تارغاق سۆڭىكىنى ئالدىغا تارتىپ، بويۇن ئۇمۇرتقىسى ۋە تارغاق سۆڭىكىنىڭ ئورنىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدىكەن.
4. مىڭە قىسىم نىرۋا سېستىمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى پەيدا قىلىپ، ساراڭ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن.
    يۇقىردا سۆزلەنگەنلەردىن باشقا، يەنە بەزىبىر شەكىلسىز زىيىنى بار. ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى" نىڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار دائىم يانفون ئىشلەتكەندە، بۇ ئۇلارنىڭ نىرۋا سېستىمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چىكىنىش، ئۇيقۇسى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن؛ ئېغىرراق بولغاندا، بەزىدە ھەتتا بالىلارنىڭ ساراڭ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
5. ئويۇنغا بىرىلىپ كىتىپ، ئۆگىنىشكە ئۆزىنى باسمايدۇ
    يانفون ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار ئادەتتە يانفون ئېلىپ كەلگەن ئازادىلىك ۋە خۇشاللىق تۇيغۇسىغا ئادەتلىنىپ قالغان بولغاچقا، ئۆگىنىش ئۇلارغا زىرىكىشلىك بىلىنىدۇ؛ بۇ سەۋەپتىن ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كىتىپ ئەيىبلەشكە ئۇچرىسا، يانفون تورى ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللى تاپىدۇ. بۇ، بىر خىل يامان خارەكتىردىكى ئايلانما ھالەتكە ئايلانغاندىن كىيىن، بالىلار تەدرىجى بىلىم ئىگەللەش ئىستىكىنى يوقىتىپ، ئۆگىنىشتىن زىرىكىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ.
    بۇندىن باشقا، نۇرغۇن بالىلارنىڭ يانفون ئويناشقا ئامراق بولۇشىدىكى چوڭ بىر سەۋەپ، ئۇلارنىڭ يانفوندىكى ئويۇنلارغا بىرىلىپ كەتكىنىدىن بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان بالىلاردا ئويۇنغا بىرىلىپ كەتكەنلىك سەۋەپلىك، ئۆگىنىشكە ئۆزىنى باسمايدىغان، ھەتتا "روھى جەھەتتىكى ئوقۇشتىن قېلىش" قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئاتالمىش "روھى جەھەتتىكى ئوقۇشتىن قېلىش" بولسا، بالىلارنىڭ روھى جەھەتتىن ياكى ئىدىيە جەھەتتىن ئۆگىنىشنى توختىتىشى بولۇپ، بۇنداق بالىلار ئۆزى مەكتەپكە بېرىشنى داۋاملاشتۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئاللىقاچان مەكتەپتە ئەمەس بولۇپ بولغان بولىدۇ.
     يانفوننىڭ زىيىنى ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئەھمىيەت بىرىشىنى قوزغىدى؛ بەزى دۆلەتلەر ھەتتا ئالاقىدار قانۇن-نىزام چىقىرىپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يانفون ئىشلىتىشىنى چەكلەشنى ئويلىشىشقا باشلىدى.
فىرانسىيە ئاستىرتتىن بىر خىل بەلگىلىمە يولغا قويدى!
     فىرانسىيە شەپە چىقارماستىن بىر خىل بەلگىلىمە ئوتتۇرغا قويدى—يەنى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە يانفون ئىشلىتىشى چەكلەندى.
    يىڭى بەلگىلىمە، ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن مەكتەپ قۇروسى ۋە دەرسخانىدا يانفون ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىنى بەلگىلىدى. سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 17-12 ياش ئارىسىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا يانفون ئومۇملىشىش نىسبىتى %90كە يەتكەن بولۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يانفون ئىشلىتىشىنى چەكلەش بولسا ماكرون تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ئوتتۇرغا قويغان مۇھىم بەلگىلىمىلەرنىڭ بىرى.
ئاتا-ئانىلار قانداق قىلغاندا، بالىلىرىنىڭ يانفون ئويناش "خۇمارىنى" تاشلىتالايدۇ؟
1. بالىلارنىڭ ئالدىدا يانفون ئوينىماسلىق
    باشقىلارنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىمىزنى تۈزىشىمىز لازىم؛ چۈنكى بالىلار كۆپىنچە ھاللاردا چوڭلارنى دوراپ، ئۇلاردىن ئۈگىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى قەدەمدە ئاتا-ئانىلار ئۈلگە بولۇپ، ئۆزى يانفون ئويناشنى ئازلىتىش كىرەك ياكى بالىلارنىڭ ئالدىدا يانفون ئوينىماسلىق كىرەك.
2. بالىلارنى يانفون ئارقىلىق بەزلىمەسلىك
    كۆپ قىسىم بالىلارنىڭ يانفوندىكى ئويۇنلارغا بىرىلىپ كىتىشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنى بەزلەش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنى يانفوننى ئويناشقا بەرگەنلىكىدىن كىلىپ چىقىدۇ؛ ئاتا-ئانىلار ياخشى ئويلاپ باقسا بولىدۇ، مىنىڭچە سىزنىڭمۇ بالىڭىزغا "مەن ھازىر ئالدىراش، ئۆزۈڭ بىردەم يانفون ئويناپ تۇرغىن" دەپ ئېيتقان ۋاقىتلىرىڭىز بار بولغانغۇ دەيمەن؟
3. بالىلارغا ئۇزۇن مەزگىل يانفون ئويناشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ بىرىش
     رەسىم، سۈرەتلىك فىلىم قاتارلىق نىسبەتەن بىۋاستە كەلگەن ئۇسۇللار ئارقىلىق، بالىلارغا ئۇزۇن مۇددەت يانفون ئويناشنىڭ ئۆزىگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش لازىم.
4. بالىلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇراش
    چوڭلار ئادەتتە قىلغىلى ئىش بولمىغانلىقتىن ياكى زىرىكىش ھىس قىلغانلىقتىن يانفون ئوينايدۇ، بالىلارمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە بالىلارغا ھەمرا بولۇپ، ئويناشقا چىقىدىغان، رەسىم سىزىش، ھىكايە سۆزلەش ياكى ئۇلارغا باشقا كىچىك دوستلارنى تۇنۇشتۇرۇش قاتارلىق، بالىلارنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغان ئىشلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇراپ، ئۇلارنىڭ يانفون بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى تەدرىجى ئازايتىش لازىم.
5. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە ئىشلەشتە ئەيىبىلەشنى ئاساس قىلىۋالماسلىق لازىم.
    ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نوقتا، تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلماق لازىم. بالىلارنى ھە دىسىلا ئەيىبلەپ ئاچچىقلىماي، ئۇلارنى توغرا چۈشەنگەن ئاساستا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىكىتىپ چىقىپ، ئۇلارغا سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە ئىشلىمەك لازىم؛ بولمىغاندا ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئىرىشىپ قالىمىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号