ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئۇلاشما تەنلىك بوۋاقلار جېنى قۇتقۇزۇپ قېلىندى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-15 كۆرۈلىشى : قېتىم

    ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا" گىزىتىنىڭ 11-دىكابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندىكى بىر دوختۇرخانا، تۇغۇلغىلى ئەمدىلا ئۈچ كۈن بولغان ئۇلاشما تەنلىك بوۋاقلارغا ئايرىش ئوپراتىسىيى ئېلىپ بېرىپ، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئىككى بوۋاقنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغان.
    بۇ بىر جۈپ ئۇلاشما تەنلىك بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 7 قاداق(تەخمىنەن 6جىڭ 180 گىرامغا تەڭ) كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاشقازان قىسمى تۇتاش ھالەتتە تۇغۇلغان؛ دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسى ئاستىدا، ئۇلارغا قارىتا 5سائەتلىك ئايرىش ئوپراتسىيىسى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئوپراتسىيە ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان؛ دوختۇرلار بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خىزمەت ئىشلەپ، گەرچە ئوپراتسىيىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش بولماسلىقىدىن ئەنسىرسىمۇ، بىراق ئوپراتسىيە قىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئوپراتسىيە قىلىشقا قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن.
    بۇ قېتىملىق ئوپراتسىيە قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى "رىقابەت كۈچىگە ئىگە" ئوپراتسىيە بولۇپ، ئاخىرقى نەتىجە 5سائەتلىك ئوپراتسىيىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. دوختۇرلارنىڭ پەرەرز قىلىشىچە، بوۋاقلار كىلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆيىگە قايتىپ كۈتۈنسە بولىدىكەن.
    تىببى خاتىرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئايال كىشى پەقەت ئۇرۇقلانغاندىن كىيىن پۈتۈنلەي ئايرىلمىغان تۇخۇمدىن بىرنىلا ئىشلەپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاندىن ئۇلاشما تەنلىك ھامىيلە شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق ھامىيلىنىڭ تىرىسى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئىچكى ئەزالىرى تۇتاش كىلىدىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلاشما تەنلىك بوۋاق ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ھەر 200مىڭ تىرىك تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئىچىدە ئاندىن بىرسى كۆرۈلىدىكەن.
    بۇ قېتىملىق ئوپراتسىيە 6-دىكابىر كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 5نەپەر تاشقى كىسەللىكلەر دوختۇرى، 10 نەپەر دوختۇر ۋە 15 نەپەر سېستىرادىن تەركىب تاپقان.
    ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تەخمىنەن %60-%40 ئەتراپىدىكى ئۇلاشما تەنلىك بوۋاق ئۆلۈك ھالەتتە تۇغۇلىدىكەن؛ تەخمىنەن %35 ئەتراپىدىكى ئۇلاشما تەنلىك بوۋاقنىڭ ئۆمرى بىر كۈندىن ئاشمايدىكەن؛ ئۇلاشما تەنلىك بوۋاقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھايات ساقلىنىپ قېلىش نىسبىتى %25-%5 ئارىسىدا بولىدىكەن. ھازىرچە نامالەم بولغان سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئۇلاشما تەنلىك قىز بوۋاقلارنىڭ ھايات ساقلىنىپ قېلىش نىسبىتى ئۇلاشما تەنلىك ئوغۇل بوۋاقلارنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرىراق بولىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号