ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » گۆش-قۇش -بېلىق تۇرلىرى
تۆگە گۆشى(骆驼肉)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-10 كۆرۈلىشى : قېتىم

    تۆگە گۆشى ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، بولۇپمۇ دېڭىز بويى رايۇنلىرىدا كۆپ ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، بەزىبىر چارۋىچىلىك رايونلىرىدا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ؛ تۆگە گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئىنتايىن يىيىشلىك بولغان بىرخىل گۆش يىمەكلىكىدۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  骆驼肉
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:  Camel meat
تەمى: تەملىك ھەمدە غەلىتە پۇراق يوق
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    تۆگە گۆشىنىڭ ئاقسىل ۋە ياغ تەركىبى مول بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر ۋە ۋىيتامىن A، ۋىيتامىن B1، ۋىيتامىن B2، نىكوتىنىك كىسلاتا قاتارلىق تەركىبلىرى بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ياغلار تۈرى تەركىبىنىڭ مىقدارى %65كە يىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خولىستىرىن مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن؛ شۇڭلاشقا تۆگە گۆشى ساغلام گۆش ھىسابلىنىدۇ.
    بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى، تۆگە لوكى گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى.
ئىستىمال قىممىتى
   1. قاننى جانلاندۇرۇپ ماغدۇر تۇلۇقلايدۇ.
   2. پەينى چىڭىتىدۇ.
   3. سۆڭەكنى كۈچلەندۈرىدىغان بولۇپ، ئادەتتە سۆڭەك كىسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى قوشۇمچە داۋالاش يىمەكلىكى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
   4. قاننى جانلاندۇرۇپ، قان ئۇيۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   5. ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
   6. نىرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ.
   7. بەدەندە ئۇزۇندىن بىرى ساقلىنىپ قالغان زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاپ، بەدەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.
   8. بەدەندىكى توكسىن ۋە ئارتۇق سۇ تەركىبلىرىنى تازىلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، سۈيدۈك ھەيدەش ۋە ئىششىق ياندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号