ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » مىۋە-چىۋە تۇرلىرى
چىلان (枣)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-30 كۆرۈلىشى : قېتىم

   چىلان، خۇزۇر ئائىلىسىگە تەۋە دەرەخنىڭ مىۋىسى بولۇپ، ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 مېتىردىن تۆۋەن تاغلىق رايون ياكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. چىلاننى يېڭى ھالەتتە ئىستېمال قىلغاندىن باشقا، چىلان تۈرۈمى، چىلان ھارىقى، چىلان قېقى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، يەنە چىلان ھازىرقى، چىلان ئاچچىقسۈيى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
    خەنزۇچە ئاتىلىشى:
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Zizphus jujube Mill.
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—خۇزۇر ئەترىتى—خۇزۇر ئائىلىسى—چىلان ئۇرۇقدېشى
   نام بەرگۈچى: Mill.
   نام بىرىلگەن ۋاقىت: 1768-يىلى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام چىلان تەركىبىدە، تەخمىنەن317 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 2.1 گىرام ئاقسىل، 0.4 گىرام ياغ، 81.1 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 9.5 گىرام سۇدا ئىرىمەيدىغان تالا ماددىسى، 8 مىللىگىرام ناترىي، 39 مىللىگىرام ماگنىي، 34 مىللىگىرام فوسفور، 185 مىللىگىرام كالىي، 54 مىللىگىرام كالتسىي، 0.34 مىللىگىرام مانگان، 3.1 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.31 مىللىگىرام مىس، 0.45 مىللىگىرام سىنىك، 1.5 مىكروگىرام سېلىن، 0.08 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.15 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 7 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 1.6 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا قاتارلىقلار بار.
ئىستېمال قىممىتى
   چىلاننىڭ قان تۇلۇقلاپ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق رولى بار. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، چىلان تەركىبىدە ۋىتامىنلار ۋە كۆپ خىل مىكرو ئىلمىنتلار بار بولۇپ، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جىگەرنى ئاسراش ۋە قۇۋۋەتلەش ۋە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号