ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » مىۋە-چىۋە تۇرلىرى
تاۋۇز (西瓜)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2020-09-26 كۆرۈلىشى : قېتىم

   تاۋۇز بىر يىللىق پىلەكلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، مىۋىسى ئىللىپىس شەكىلدە، ئېتى كۆپ ھەم شەربەتلىك؛ ئىچىدە قارا ياكى قىزىل رەڭلىك ئۇرۇقلىرى بار، سىرتقى يۈزى سىيلىق ھەم ھەر خىل رەڭلىك يوللىرى بار كېلىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 西瓜
   چەتئەلچە ئاتىلىشى: watermelon
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Citrullus lanatus (Thunb.) Matsum.et Nakai
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—قاپاق ئەترىتى—قاپاق ئائىلىسى—كاۋا ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام تاۋۇز تەركىبىدە، تەخمىنەن 26 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە، 0.6 گىرام ئاقسىل، 0.1 گىرام ياغ، 5.8 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.3 گىرام سۇدا ئىرىمەس تالا ماددىسى، 3 مىللىگىرام ناترىي، 9 مىللىگىرام ماگنىي، 9 مىللىگىرام فوسفور، 87 مىللىگىرام كالىي، 8 مىللىگىرام كالتسىي، 0.05 مىللىگىرام ماگنىي، 0.3 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.05 مىللىگىرام مىس، 0.1 مىللىگىرام سىنىك، 0.2 مىكروگىرام سېلىن، 75 مىكروگىرام ۋىتامىن A، 0.02 مىللىگىرام ۋىتامىن B1، 0.03 مىللىگىرام ۋىتامىن B2، 0.2 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 6 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 0.1 مىللىگىرام ۋىتامىن E بار.
قىممىتى
   تاۋۇز يازلىق مىۋە بولۇپ، ئېتى تاتلىق تەمدە كېلىدۇ، سوغۇقلۇق يەتكۈزۈپ ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇرۇغىنىڭ ياغ تەركىبى بار بولۇپ، پارچە ئۇششاق يېمەكلىك قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ پوستىنى دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئىسسىق ھەيدەش، سۈيدۈك كۆپەيتىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号