ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » مىۋە-چىۋە تۇرلىرى
ئەنجۈر(无花果)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەنجۈر، بىر خىل چىچەكلەيدىغان مىۋىلىك دەرەخ بولۇپ، چاققاقئوت ئەترىتىگە تەۋە، ئاساسلىقى تروپىك بەلباغ ۋە مۆتىدىل بەلباغ رايونلىرىدا ئۆسىدۇ. ئەنجۈرنىڭ ھازىرغا كەلگۈچە ئېنىقلانغان سورتى 800خلدىن ئارتۇق، كۆپ قىسىمى يىل بويى يىشىل تۇرىدىغان سورتلار، پەقەت مۆتىدىل بەلباغدا ئۆسكەنلىرىلا ئاندىن يۇپۇرماق تاشلايدىغان سورتقا تەۋە. ئەنجۈرنىڭ شەربىتى ۋە ئىچىملىكى ئۆزگىچە تەم ۋە پۇراققا ئىگە بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، قېرى ياش ھەممەيلەنگە ماس كېلىدۇ. ئەنجۈر كۆچۈرگەن يىلى مىۋە بىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر پۈتۈن كۈچ بىلەن يىتىشتۈرۈلسە، ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 无花果
لاتىنچە ئاتىلىشى: Ficus carica
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈك دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—چاققاقئوت ئەترىتى—پارامىتا كەنجى ئائىلىسى—ئەنجۈر كەنجى ئۇرۇقدېشى
تارقالغان رايونلىرى: دۆلىتىمىزنىڭ خۇنەن، جىياڭسۇ، شىنجاڭ، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە رايونلىرى
دورىلىق قىممىتى
   ئەنجۈرنىڭ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ئۈچەينى تازىلاش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش رولى بار. بۇندىن باشقا، ئۈچەي ياللۇغى، لىجى، قەۋزىيەت، بۇۋاسىر، گال ئاغرىق قاتارلىقلارنى داۋالاشقا پايدىلىق. ئادەتتە، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قورساق ئاغرىش، قەۋزىيەت، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئىچى سۈرۈش، ئانا سۈتى يېتىشمەسلىك، گال ئىششىپ ئاغرىش، ھۆتىلىپ بەلغەم كىلىش قاتارلىقلارنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۇزۇرلىنىش قىممىتى
   ئەنجۈر دەرىخىنىڭ سىرتقى ئۆسۈش شەكلى چىرايلىق بولۇپ، ھويلا ۋە باغچىلاردا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان مەنزىرە دەرىخىنىڭ بىر خىلىدۇر. ئەنجۈر دەرىخى، ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەر بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان زەھەرلىك گاز ۋە كىلىمات بۇلغىنىشىغا بەرداشلىق بىرەلىگەچكە، خېمىيە سانائەت بۇلغىنىش رايونىغا تىكىشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان دەرەختۇر. بۇلاردىن باشقا، ئەجۈرنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، شامالغا ۋە قۇرغاقچىلىققا، ئىشقارلىق تۇپراققا چىدايدۇ؛ ئەگەر قۇم-چۆللۈك رايونلاردا ئۆستۈرگەندە، شامالدىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، قۇملۇقنى كۆكەرتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئىقتىسادى قىممىتى
   ئەنجۈر دەرىخى، دۇنيادىكى ئىشلەپچىقىرىشقا ئەڭ تىز كىرگۈزگىلى بولىدىغان مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، چوڭ كىچىك يىل دەپ ئايرىلمايدۇ، قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ زىيىنىغا ئاز ئۇچرايدۇ، يېتىشتۈرۈپ باشقۇرماق ئاسان. ئەنجۈر كۆچىتىنى شۇ يىلى تىكىپ شۇ يىلى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.
   ئەنجۈرنىڭ كۆپ قىسىم سورتلىرى ياشلىق ۋە كۈزلۈك دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ، 11-6ئاي ئارىسىدا ئۆزلۈكسىز تۈردە مىۋە بىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، ئادەتتە ئىقتىسادى ئۆمرى 50-30يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号