خام ماتىريالى: قوي گۆشى، نان، قىزىل سېرىق سەۋزە، باش پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، يۇمغاقسۈت
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، ئارپا بەدىيان، زىرە، قۇۋزاق داچىن، لاچىندانە، ئاچچىق قىزىلمۇچ، ئاقمۇچ، شېكەر، چانالغان قىزىلمۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى

تەييارلاش ئۇسۇلى: قوي گۆشىنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز، قىزىل سېرىق سەۋزىنى قېلىنراق يالپاقلاپ توغرايمىز.

قۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا 100 گىرام ياغ قۇيۇپ، ئۈستىگە 50 گىرام شېكەر قوشۇپ ئارلاشتۇرۇمىز؛ شېكەر ئىرىپ قىزىل كۇپۇكچىلەر چىققاندا تەييارلانغان قوي گۆشىنى سېلىپ قۇرۇيمىز؛ قوي گۆشى قىزارغاندا چانالغان قىزىلمۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى، تۇز، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، ئارپا بەدىيان ، زىرە، قۇۋزاق داچىن، لاچىندانە، ئاچچىق قىزىلمۇچ، غولپىياز، سامساقلارنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن سېلىپ قۇرىغاندىن كېيىن، قوي گۆشى چىلاشقىدەك سۇ قۇيۇپ بوش ئوتتا 50 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز. ئاخىرىدا قىزىل سېرىق سەۋزىنى سېلىپ 20مىنۇت قاينىتىپ، پىشقاندا تۇز تەمىنى تەڭشەپ نان تىزىلغان تەخسىگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە ئازراق يۇمغاقسۈت قوشۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ئەسكەرتىش
1. ئەگەر يۇقىرى بېسىملىق قازان بولسا قوي گۆشى قۇرىغاندا بەرەنكىنى (سەۋزىنى)سالماي ئون مىنۇت يۇقىرى بېسىملىق قازاندا پىشۇرۇپ، ئاندىن سەۋزىنى سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ ئالساق بۇلىدۇ.
2. سەۋزە ئورنىغا ئوز ئىستىمالىڭىز بۇيىچە كۆك-قىزىلمۇچ، بەرەنگە ياكى چامغۇر سېلىپ قورىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى زادى قانچىلىك زىددىيەتلىك كىلىدۇ؟ ئادەتتە بىر خىلدا كىلىدۇ، مەلۇم بىر ۋاقىتتا يەنە بىر خىل بولۇپ ئۆزگىرىپ قالىدۇ؛ خۇدد

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھەمدە تۇزى ۋە مېيى تېتىپراق ك

ئەنگىلىيىلىك ئايال ئەيمىلى بۇ يىل 25ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ تۆت بالىلىق بولغان؛ ئەمما بەخىتكە قارشى، ئۇنىڭ بىرىنچى بالىسى بىلەن تۆتىنچى بالسىى ك

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، يېقىندا، 1956-يىلى ئىشلەنگەن ئاستىن مارتىن DBR1 تىپلىق بىر ماشىنا، 22مىليۇن500مىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا(تەخمىنەن 150مىليۇن يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) سېت

19ياشلىق گىپسىي(ھازىر رۇم ئادىمى دەپ ئۆزگەرتىلدى) قىزى يىكا ۋە ئۇنىڭ 20ياشلىق ئىرى روكاس يېقىندا سىلوۋىنىيەدە توي قىلدى. ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىنىڭ خاتىرە سۈرەتلىرى ت

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پەرق بار بولسىمۇ، ئەمما بالى

گەرچە ھازىر جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز بولسىمۇ، ئەرلەرنى ئېزىزلاپ ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى ئىدىيە يەنىلا مەۋجۇت؛ بولۇپمۇ، ئاتا-ئانىمىز يېشىد

پولشالىق 41ياشلىق بىر ھامىلدار ئايال، بەلكىم قورسىقىدىكى بالىسىغا تارتىشقانلىقتىن بولسا كىرەك، بۇ ئايالنىڭ چوڭ مىڭىسى ئۆلۈپ، ھاياتلىق بەلگىلىرىنى يوقاتقان بولسى
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号