
كۆپىنچە كىشىلەر ياڭاقنى كۆپ يېيىشنىڭ چوڭ مېڭىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزى مەبلەغ سالغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم ياڭاق يەپ بېرىش ئۈچەي يولىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن.
ئامېرىكا لويىزاننا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى چاشقان ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان، يەنى چاشقانلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا تەركىبىدە ياڭاق تالقىنى بولغان يېمەكلىكنى بەرگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا ياڭاق تالقىنى قوشۇلمىغان يېمەكلىكنى بەرگەن. ئون ھەپتىدىن كېيىن، ياڭاق تالقىنى يېگەن چاشقانلارنىڭ ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ ياڭاق تالقىنى يېمىگەن چاشقانلارغا قارىغاندا كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
بەزى تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچەي يولى باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ناچار بولۇش سېمىزلىك كېسىلى ۋە ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى چوڭايتىۋېتىدىكەن. ئۈچەي يولى ساغلاملىقىنىڭ پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقىغا نىسبەتەن تەسىرى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياڭاق تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئاكتىپ تەركىبلەر بولىدىكەن، مەسىلەن: ياڭاق بىردىنبىر تەركىبىدە زىغىر كىسلاتاسى بولغان قاتتىق گۆشلۈك مېۋە ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭدا ئومېگا–3 ياغ كىسلاتاسى، ئاقسىل ۋە ئوزۇقلۇق تالالىرىمۇ مول ئىكەن. شۇڭلاشقا ياڭاقنى كۆپ يەپ بەرگەندە ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق مىكروبلارنى كۆپەيتىپ، ئۈچەي يولى باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى زادى قانچىلىك زىددىيەتلىك كىلىدۇ؟ ئادەتتە بىر خىلدا كىلىدۇ، مەلۇم بىر ۋاقىتتا يەنە بىر خىل بولۇپ ئۆزگىرىپ قالىدۇ؛ خۇدد

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پەرق بار بولسىمۇ، ئەمما بالى

پولشالىق 41ياشلىق بىر ھامىلدار ئايال، بەلكىم قورسىقىدىكى بالىسىغا تارتىشقانلىقتىن بولسا كىرەك، بۇ ئايالنىڭ چوڭ مىڭىسى ئۆلۈپ، ھاياتلىق بەلگىلىرىنى يوقاتقان بولسى

يېقىندا، كولۇمبىيەنىڭ شەرقى شىمالى قىسمىدىكى سانتانتى ئۆلكىسىدە، يىڭى تۇغۇلغان بىر قىز بوۋاق ئەخلەتلىككە تاشلىۋىتىلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەخلەت دۆۋىسى يېنىد

ئەر كىشىنىڭ بىر ئايال كىشىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋاقتى، بۇ ئايال كىشىنى قوغلاشقان ۋاقتى بولۇپ، مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن بولسا، يىڭىلىق تۇيغۇسىنىڭ بارغانسىرى كېمى

شۇڭلاشقا، ئىگىلىك تىكلەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشى ۋە ئانالىز قىلىشى، زۈرۈر بولغان ساۋاتلارنى

توي قىلغان ئاياللار تېخىمۇ كۆپ بەخىتكە ئىرىشىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ھازىر بەخىتلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىك

بىز ئەگەر دىققەت قىلىدىغان بولساق، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئادەتتە، ئادەم ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان بەزىبىر غەلىتە پىروگىراممىلارنى ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئەخمەق قىلىنغا
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号