ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئاياللار بۇ ئىشلارنى قىلسا، تۇغۇتىنىڭ ئاسانلىشىشغا پايدىلىق!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
   10 ئاي ھامىلدار بولۇش، ئاجايىپ بىر جەريان؛ ھامىلدار ئاياللارنىڭ كىيىنىش، يىمەك-ئىچمەك، مېڭىش-تۇرۇش دىگەندەك تۇرمۇش ھالەتلىرىنىڭ ھەممىسى قورسىقىدىكى بوۋاق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا ھامىلدار ئاياللار بەزىبىر ئىلمى بولغان دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئىسىدە چىڭ ساقلاپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ بەخىت تۇيغۇسىدىن ياخشى ھۇزۇرلىنىشى كىرەك.
   ھامىلدارلىق مەزگىلى ئادەتتە ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلى، ئوتتۇرا مەزگىلى ۋە ئاخىرقى مەزگىلى دەپ ئۈچكە بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئوخشىمىغان مەزگىللەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئوخشاش بولمايدۇ؛ شۇڭلاشقا بىز تۆۋەندە ئۈچ مەزگىلگە ئايرىپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە
   1. بۇ مەزگىلدە، ھامىلدار ئاياللاردا ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلى ئىنكاسلىرى بار بولىدىغان بولۇپ، يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە، مىقدارى ئاز قېتىم سانى كۆپ بولۇش پىرىنسىپىنى قوللىنىشى، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىك ۋە يىڭى مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بىرىشى كىرەك. بۇلاردىن باشقا يەنە ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلىش كىرەك.
   2. ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىلە پۈتۈنلەي تۇراقلىشىپ بولالمايدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ھامىلدار ئاياللار قاتتىق ھەرىكەتلىنىشتىن ساقلىنىشى كىرەك؛ ئادەتتە ئاستا مېڭىپ سەيلە قىلىپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما ھېرىپ-چارچاپ قېلىشتىن ۋە ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلانماق لازىمدۇر.
   3. ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، بەزى ئاياللاردا جىنسىي يولدىن قان كىتىش ۋە قورساق ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، دوختۇرلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ ھامىيلە ساقلاش داۋالىشى ئېلىپ بېرىشىغا ماسلىشىش كىرەك؛ بۇنداق ۋاقىتلاردا خىزمەتكە بارماي، كۈندىلىك پائالىيەتلەرنى ئازايتىپ دوختۇرلارنىڭ داۋالىشىغا ماسلىشىپ بەرسەك، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھامىيلىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ.

ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە
   1. بۇ مەزگىلدە ھامىلدارلىقنىڭ دەسلىۋىدىكى ئىنكاسلار پەسىيىدىغان بولۇپ، يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى، تاماق تاللىماسلىققا دىققەت قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا ھامىلدار ئاياللار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان سۈت پاراشوكى ئىچىپ ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش تەكلىپى بىرىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇزۇقلۇقنىڭ زىيادە ئېشىپ كىتىشىدىن ساقلانماق لازىم بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ مۇۋاپىق تۈردە ئېشىشىنى ساقلاش كىرەك. ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە، كالتسىي تابلىتكىسى ۋە DHA تۇلۇقلاپ بەرسەك بولىدۇ، بۇنىڭ بوۋاقنىڭى بەدەن ۋە مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىسى بار.
   2. ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە ھامىيلىنىڭ تۇراقلىق ئەھۋالى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا قورساق يوغىناشمۇ ئۇنچە بەك كۆرۈنەرلىك بولۇپ كەتمەيدۇ؛ شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن سۇ ئۈزۈش، ئاستا يۈگۈرۈش، ھامىلدار ئاياللار يۈگا گىمناستىكىسى ۋە ساغلاملىق گىمناسىتىكىسى قاتارلىقلار بىلەن مۇۋاپىق تۈردە شۇغۇللانسا بولىدۇ؛ ئەمما ۋاقىت ۋە قاتتىقلىق دەرىجىسى جەھەتتە ئۆزىنىڭ بىئارام بولۇپ قالماسلىقىنى ئۆلچەم قىلىشى كىرەك. بۇندىن باشقا بۇ مەزگىلدە ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇش بار بولسا بولىدۇ، ئەمما ئۆزىنى تۇتىۋىلىشقا دىققەت قىلىشى ۋە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قورالى ئىشلىتىش كىرەك.
   3. ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە، ئۆزى خالىغانچە ئۇخلاشقا بولىدۇ؛ ئەمما سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاشنى ئادەتلەندۈرۈش كىرەك.
ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلى
   1. بۇ مەزگىلدە سۇلۇق ئىششىق بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىپ چىقىدىغان بولۇپ، يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە، تۇز ۋە شىكەر ئاز بولۇشى كىرەك ھەمدە كۆك كاۋا، سازان بىلىق، يىشىل پۇرچاق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بىرىش كىرەك؛ چۈنكى بۇ يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار. بۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇۋاپىق تۈردە سىنىك تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك، بۇنىڭدا تۇغۇتنىڭ ئاسانلىشىشىغا پايدىلىق بولىدۇ؛ ئۇرۇق گۆش، تۇخۇم، بىلىق، يىرىك ئاشلىقلارنى ئاساس قىلىش كىرەك.
   2. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەرىكەتلىنىش تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، بۇ مەزگىلدە پەلەمپەيگە يامىشىش، سەيلە قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانساق بولىدۇ.
   3. ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى سول يېنىنى بېسىپ يېتىش بولۇپ، بۇنىڭ بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بولغان پايدىسى نىسبەتەن زور؛ ئەگەر ھامىلدار ئاياللار داۋاملىق بىر يېنىنى بېسىپ يېتىشتا بىئاراملىق ھىس قىلسا، ئۇنداقتا بەزى-بەزىدە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ئۇخلىسا بولىدۇ، ئەمما سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش ۋاقتى كۆپرەك بولۇش كىرەك.
   بۇلاردىن باشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇنلارنىڭ مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولىدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ئاياللاردا كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كىتىش، تەشۋىشلىشش، جىددىيلىشش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتلاردا ھامىلدار ئاياللار كىتاپ ئوقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ۋاقتىدا كەيپىياتىنى تەڭشىشى كىرەك.
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ۋاقتى-ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۈرۈشتۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号