ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالا باققاندا دائىم سادىر قىلىدىغان 30 خىل خاتالىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : سەييارە ۋاقتى : 2017-07-20 كۆرۈلىشى : قېتىم

 

1.  بوۋاقنىڭ ئېغىزىغا سۆيۈش

بالىنىڭ ئېغىزىغا سۆيۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ بوۋاقنىڭ كېسەلگە گىرىپتار نىسبىتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. بوۋاقلار ھەرقانداق شەكىلدىكى سۇيۇقلۇقتىن ساقلىنىشى كېرەك.

2.  ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە چېچىنى چۈشۈرۋېتىش

چاچ بالىنىڭ تەبئىي قوغدىنىش كۈنلۈكى، چاچ بولمىسا، ئاپتاپتا كۆيۈپ ياكى تاساددىپى زەخمىلىنىش، ھاشارەت چېقىۋېلىش خەۋىپى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

3.  ھەر قانچە ئىسسىق بولۇپ كەتسىمۇ ھاۋا تەڭشىگۈچنى، شامالدۇرغۇچىنى ئاچماسلىق

بالا گەرچە كىچىك بولسىمۇ مۇۋاپىق تېمپىراتۇرىدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ بېرىش كېرەك، ئادەتتە ئۆي ئىچىنىڭ تېمىپراتۇرىسى سىرتىنىڭكىدىن 5-7 گىرادۇسقىچە پەرقلىق بولسا بولىدۇ.

4.  ھاۋا ھەرقانچە ئىسسىق بولسىمۇ يالاڭئاياغ قويماسلىق

بالىنىڭ پۇتىدىن سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشىدىن ئۇنچە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

5.  بالا چوڭلار بىلەن بىر كارىۋاتتا ئۇخلىشى كېرەك

ئامېرىكا بالىلار تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىچە، بوۋاقلار ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر كارىۋاتتا ياتماي، يېقىنراق يەردە ياتقۇزسىلا بولىدىكەن، 2-4 ياشقىچە ئارلىقتا ئۆي ئايرىپ ئۇخلىتىش كېرەك.

6.  چوڭلار يېمەكلىكنى چايناپ ئاندىن بالىغا بېرىش كېرەك

بالا تاماقنى ئۆزى يېيەلەيدۇ، ئاستىراق يېسىمۇ ھېچقىسى يوق، چاينىۋېتىپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

7.  ئانىسى زۇكامداپ قالسا، ئېمىتىشكە بولمايدۇ

زۇكامداپ قالسا بالا بىلەن يېقىن ئۇچرىشىش راستتىنلا تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، بولۇپمۇ بالىنى سۆيۈش دېگەندەك، لېكىن ماسكا تاقىۋالسا بولىدۇ، تازىلىققا رىئايە قىلىش كېرەك، زۇكامداپ قالغان ئانا بالىنى ئېمىتسە بولىۋېرىدۇ.

8.  ھەمىشە بالىدا كالتىسىي كەمدە ھېس قىلىپ، يىل بويى كالتىسىي تولۇقلاش

بىر ياش ئىچىدىكى بالىلارغا نىسبەتەن نورمال ئېمىۋاتقان بولسا بالىنىڭ كالتىسىي ئېھتىياجى قامدىلىدۇ، ئوشۇقچە تولۇقلاش تەلەپ قىلىنمايدۇ.

9.  ئېيىغا توشمىغان بوۋاقنى سىرىتقا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ

ئەگەر بەك ئەنسىرەپ كەتسىڭىز، سىرىتقا ئېلىپ چىققاندا دىققەتتىرەك تۇرسىڭىز بولىدۇ، بالىڭىز سىرىتقا چىققىنىدىن خوشال بولۇپ كېتەمدۇ تېخى.

10.             قورسىقىدا مەددە قۇرت بولسا چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ

نۇرغۇن كىچىك بالىلار چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، 6 ياشقا كەلگەندە بۇ خىل ئەھۋال ئاساسەن تۈگەيدۇ، بۇنىڭدىن بەك خاۋاتىرلىنىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

11.زاكىنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى ئەمەس، ئېغى ئوچۇق ئىشتان تېخىمۇ ياخشى، توسۇپ قويۇشقا پايدىلىق.

ئېغى ئوچۇق ئىشتان مەدەنىيەتسىز ھەم مەينەت كۆرۈنىدۇ، بالىنىڭ شەخسىيىتىگە زىيان سالىدۇ.

12. ئۇيقۇسى كەلمىسە ئۇخلىمىسىمۇ بولىدۇ

ئەگەر ئۇخلايدىغان ۋاقتى بولسىمۇ بالا قارىماققا ئۇيقۇسى كەلمىگەندەك، خوشال ئويناۋەرسە، بۇمۇ بالىنىڭ زىيادە ھېرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىلىرىنىڭ بىرى.

13.بالىنىڭ قولىنى شورىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك

ئەگەر بالا بەزىدە قولىنى شوراپ قويسا، بالىغا ناچار تەسىر ئېلىپ كەلمىسىلا ئائىلە باشلىقلىرى ئالاھىدە چەكلەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر بالىدا قولىدا شوراش قىلمىشى ئېغىرلاپ كەتكەن بولسا، ئاتا-ئانىلىرى زادى نېمىنىڭ بالىنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋەتكەنلىكىنى ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك.

14.دائىم بالىنى تويمىدى دەپ قاراپ، يىغلىسىلا سۈت بېرىش

بالىنىڭ يىغىسىنىڭ ھەممىسى قورساق ئاچقانلىقىدىن ئەمەس، باشتا سەۋەبىنى ئىزدەپ بېقىش كېرەك، ئاندىن ئېھتىياجىغا قاراپ ئۇنى قانائەتلەندۈرۈش كېرەك.

15.بالا چوقۇم چوڭلاردىن قېلىنراق كىيىنىشى كېرەك

ئېيىغا توشمىغان بالىلار سەل قېلىنراق كىيىنىدۇ، چوڭلاردىن بىر قات قېلىن بولسىلا بولدى، بىر ئايدىن ئاشقان بولسا (دۈمبەمدىن چىپىلداپ تەر ئېقىۋاتىدۇيا) ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، بالىنى قىينىماي كىيگۈزىمىز.

16.بالا تۇز يېمىسە كۈچى بولمايدۇ، شۇڭا قوشۇمچە يېمەكلىككە تۇز قوشۇپ بېرىش كېرەك

بالا بىر ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن بارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىگە ھەر قانداق شەكىلدە ئارتۇق تۇز قوشۇپ بېرىشكە بولمايدۇ، بالىلار تېتىمسۈيى، تېتىتقۇ دېگەندەك. بەك بالدۇر تۇزلۇق يېسە، بالىنىڭ بۆرىكىنىڭ يۈكىنى ئارتىۋېتىدۇ.

17.خورەك تارتىپ ئۇخلىسا بالىنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ

ئەگەر خورەك تارتىش يەڭگىل، ئېگىز-پەسىلىكى بىردەك بولسا، بالىنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يەتكۈزمىسە چاتاق يوق. لېكىن بىر قىسىم ئالاھىدە ئەھۋاللار بولسا، (مەسىلەن بۇرۇن ئوتتۇرىسى ئېگىلىپ كېتىش، بۇرۇن قالقىنى يوغىناپ قېلىش دېگەندەك) شۇ سەۋەبلىك قاتتىق خورەك تارتسا، شۇنداقلا بالىنىڭ ئۇيقۇسى تەسىرگە ئۇچرىسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتى تارتىلىشى كېرەك.

18.يۇيۇندۇرۇش جەريانىدا يېرىم يولدا بالىدىن ئايرىلىش

ئەگەر بالىنى يۇيۇندۇرۋاتقاندا باشقا ئىش قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، چوقۇم بالىنى بىللە ئېلىپ چىقىش كېرەك، ھەر قانداق ئەھۋالدا بالىنى يالغۇز قويۇشقا بولمايدۇ.

19.بالا يىغلىغاندا كۆتۈرمەي، يىغلىمىغاندا كۆتۈرۈش

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەڭ مۇھتاج بولىدىغىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆيۈنۈشى، قۇچاقلىشى ۋە مۇھەببىتى.

20.پۇت-قولىنى تۇتۇپ بېقىپلا بالىنىڭ توڭلىغان-توڭلىمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش

ئۈستىدە دېدۇق، بالىنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى دۈمبىسىنى سىلاپ بىلىمىز،پۇت-قولىنى ئەمەس. قول-پۇت مۇزلاشنىڭ سەۋەبىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن بولغان، بۇ بەدىنىدىن بىرەر چاتاق چىققانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

21.ئىسپىرىت بىلەن بالىنىڭ بەدىنىنى سۈرتۈپ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈش

ئىسپىرىت سۈرتسە بالىنىڭ بەدىنى راستتىنلا سالقىنداپ قالىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلسا بالىنىڭ بەدىنى ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەرزىمدۇ؟

22.قاڭشارنى مىجىپ بەرسە، قاڭشار كۆتۈرۈلىدۇ

بۇ ئامال كارغا كەلمەيدۇ.

23. كىرپىكنى كېسىپ قويسا كىرپىك ئۇزۇن ئۆسىدۇ

ھەر بىر ئادەمنىڭ كىرپىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە ئەگمىلىكىنى گېن بەلگىلەيدۇ، بۇ تەقدىر.

24. بالىغا 6 ئايدىن كېيىن ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى قالمايدۇ

6 ئايدىن كېيىن ئانا سۈتى ھەقىقەتەنمۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ، لېكىن 6 ئايدىن كېيىن ئانا سۈتى يەنىلا بالا ئۈچۈن كۆپ قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

25. بالىغا دائىم كۆكتات شورپىسى، شوۋىگۈرۈچ، گۆش شورپىسى قىلىپ ئىچكۈزۈش كېرەك

قۇۋۋەت شورپىدا ئەمەس، ئاساسلىقى كۆكتات، گۆش، گۈرۈچنىڭ ئۆزىدە.

26.بالىغا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كەتسە ئۇپا-مەلھەملەرنى سۈرۈش

بالىنىڭ ئىسسىقلىقى ئېشىپ، مودۇر ئۆرلەپ كەتسە تازىلىققا دىققەت قىلىپ، تېمپىراتۇرىسىنى چۈشۈرۈپ، قۇرغاقلىقنى ساقلىسىلا بولىدۇ.

27.بالىنىڭ ئايىغى چىققاندا چوقۇم غالتەكلىك ھارۋا ئىشلىتىش

بالىنىڭ ئايىغى چىقىۋاتقاندا غالتەكلىك ھارۋا ئىشلەتكەندە مېڭىش ۋاقتى تېخىمۇ كېچىكىپ كېتىدۇ.

28. كۈندۈزدىمۇ پەردىنى ئېتىپ قويۇش كېرەك

بۇنىڭ ھاجىتى يوق.

29. مامۇرانچىن(黄连)سۈيى ھامىلە زەھىرىنى ھەيدەيدۇ.

بوۋاق تۇغۇلغاندا زەھەرلىنىپ قالمايدۇ.

30. بالىنى بېقىش پەقەت ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى.

بالىنى بېقىش ئاتا-ئانىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号