ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ تەكشۈرۈشلەرگە ھامىلدار ئايالنىڭ ئىرى بىللە بېرىشى كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال ئەڭ جاپا تارتىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلدۇرۇشتۇر. ئادەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشكە، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ئىرى ياكى باشقا تۇققانلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا بارىدۇ؛ يەنە ئاز بىر قىسىم ھامىلدار ئاياللار بولسا ئۆزى يالغۇزمۇ بارىدۇ. ئۆزى يالغۇز بارغان ھامىلدار ئاياللار بولسا، نۆۋەت كۈتۈش، رەسمىيەت ئۆتەش قاتارلىق ئىشلاردا جىددىلىشىپ يالغۇزسىراپ قالىدۇ. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئاياللارنى بىر قەدەر جىددىلەشتۈرۈپ قويىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئىرى ئەڭ ياخشىسى ۋاقىت ئاجرىتىپ بىللە بېرىشىپ بىرىشى كىرەك.
رەڭلىك Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش
    بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئاساسلىقى ھامىيلىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بەزىدە بۇ خىل تەكشۈرۈش قىلدۇرۇش بەك تەسكە توختايدۇ، يەنە بەزىدە رەسمى تەكشۈرۈش باشلانغاندا، قوساقتىكى بالا ماسلاشقىلى ئۇنىماي، تەكشۈرۈشكە ئامال بولمايدۇ دەپ، كىيىنكى قېتىم قايتا كەلمەي بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال، مىجەزى ئىتتىكرەك بولغان ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن بىر سىناق ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايالنىڭ ئىرى يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ قىلسا، ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتى ياخشىراق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ھامىيلە ئەينىكى
    بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، ھامىيلىنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھامىيلىدە غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش بار يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈش، ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن بىر خىل جاپا ھىسابلىنىدۇ؛ چۈنكى، ھامىيلە ئەينىكىنى ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا سېلىپ تەكشۈرۈشكە كىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ئادەتتىكى ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىپ يىتەلىشى ناتايىن، ئەمما ھامىلدار ئايال قوسىقىدىكى بالىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، بۇ خىل تەكشۈرۈشتىن يەنىلا باش تارتمايدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئايال بۇ تەكشۈرۈش قىلدۇرغىلى بارغاندا، ئىرى ئەڭ ياخشىسى بىرگە ھەمرا بولۇپ بېرىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، ئايالىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرىپ، ئۇلارغا يۈرەك بولۇپ تۇرالايدۇ.
قەنتكە چىدامچانلىق تەكشۈرۈشى
    بۇ خىل تەكشۈرۈشنى قىلدۇرۇپ باققان ھامىلدار ئاياللار، بەلكىم بۇ ئۆمرىدە ئۇ تەكشۈرۈش جەريانىنى ئۇنتۇپ كىتەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن تاماق يىگىلى بولمايدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى قان ئالىدۇ؛ ئەڭ ئاساسلىقى، ئىنتايىن تاتلىق تەڭشەلگەن سۇنى بىۋاستە كانايغىلا قۇيىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار بۇ خىل تەكشۈرۈشنى قىلغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن، پۇت-قوللىرى بوشىشىپ، دەماللىققا نورمال ماڭالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا، ئىرى ئەڭ ياخشىسى ھامىلدار ئايالغا ھەمرا بولۇپ بىللە بېرىشى كىرەك.
    بالا، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ بالىسى؛ شۇڭلاشقا، تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇشقا بارغاندا، ئەر كىشىنىڭمۇ بىللە بېرىشىپ بىرىش مەجبۇرىيىتى بار؛ گەرچە ئىرى چوڭ ياردەملەرنى قىلىپ كىتەلمىسىمۇ، ئەمما ھامىلدار ئايالغان نىسبەتەن روھى تىرەك بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم تۇتىشىغا پايدىسى بولىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号