ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ خىل ئادەت بالىلارنىڭ ئادىمىيلىك ئەندىزىسىنى بۇزۇۋىتىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىقتىسادچىل ۋە تىجەشلىك بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىك كىتاپلىرىدىن باشلاپلا تىجەشلىك ۋە ئاددى-ساددا بولۇش، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر بارغانسىرى "ئىقتىسادچىل ۋە تىجەشلىك" بىلەن ئائىلە باشقۇرۇشقا يۈزلىنىپ، تىجىگىلى بولىدىغان يەرلىكى بولسا تىجەشكە ئۇرىنىدۇ، ھەرقانداق نەرسە سېتىۋىلىشقا كۆزى قىيمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادچانلىق ۋە تىجەشلىك بولغان ئەسلى ماھىيىتىنى يوقىتىپ، پىخسىقلىققا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ، ھەتتا تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە ئادىمىيلىك ئەندىزىسىگە يامان تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
    بىلىشىمىز كىرەككى، ئىقتىسادچانلىق ۋە تىجەشلىك بولۇش، پىخسىقلىق قىلىشتىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئىقتىسادچانلىق ۋە تىجەشلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش، تۇرمۇش سەۋيىسى دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىنى، سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ۋە بالىلارنى تەربىيەلەشكە كىتىدىغان خىراجەتنى قىسىۋالماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئىقتىسادچانلىق ۋە تىجەشلىك بولۇشنى چەكتىن ئاشۇرۇپ پىخسىقلىققا ئۆزگەرتىپ قويساق، بالىلارغا قارىتا قانداق ناچار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟
ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ
    باشقا بالىلاردا بار نەرسىلەرنى، ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ئېلىپ بەرمىگەندە، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، بالىلار بارغانسىرى ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا باشقا كىچىك دوستلار بىلەن دوستلىشىپ بىللە ئويناشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزىنى باشقا بالىلارغا يەتمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ، ئۆگىنىش، پائالىيەتلەرگە قاتنىششى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال، بالىنىڭ مىجەز-خارەكتىرىگە قارىتا ئىنتايىن يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ.
نەزەر دائىرسى تار، ئەندىزە قاتلىمى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ
    ھەددىدىن ئارتۇق پىخسىق بولۇپ كەتكەندە، بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسنىڭ تار بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىمۇ بىرتەرەپلىمە بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئاتا-ئانىسى ئادەتتە پۇل تىجەش ئۈچۈن بالىسىنى سىرتلارغا كۆپ ئېلىپ چىقمايدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، بالىلار بېشىدىن كۆپ ئىش ئۆتمىگەن، پىخسىق چوڭ بولۇپ قالىدۇ.
باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ
    نۇرغۇن بالىلار، مەكتەپتە باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىۋىلىشقا ئامراق كىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئادەتتە ھەددىدىن ئارتۇپ پىخسىقلىق ۋە كۆز كىچىكلىك قىلغانلىقتىن، بالىنىڭ قولىدا ھېچنەرسە بولمايدۇ ھەمدە باشقىلارغا قارىتا ھەسەت قىلىش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ئۇلار باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىۋالىدىغان يامان ئادەتنى ئۆگىنىپ قالىدۇ.
سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ
   بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا بالىسىغا يىتەرلىك تاماق پۇلى بىرىشكىمۇ كۆز كىچىكلىك قىلىدىغان بولۇپ، بالىسى مەكتەپتە ھەمىشە بەزىبىر ئەرزان باھالىق قولايلىق چۆپ قاتارلىق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يەپ چۈشلۈك تاماقنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋىتىدۇ. بالىلار بۇ مەزگىلدە ئەسلىدىنلا ئۆسۈپ-يىىتىلىشى ئەڭ تىز بولغان مەزگىلدە تۇرۋاتقان بولۇپ، پۇل مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، ئۆسۈپ-يىتىلىشى ۋە سالامەتلىكىگە دەخلى يىتىدۇ.
    ئاتا-ئانىلارنىڭ قىممەت قارىشى بالىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بىز بۇ يەردە ئىقتىسادچان ۋە تىجەشلىك بولماسلىق ياكى ئاددى ساددا بولماي ھەشەم قوغلىشىش كىرەك دىمەكچى ئەمەس؛ پەقەت، ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ چېكى بار بولۇپ، ھەرقانداق ئىشنى لايىقىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىكىمىز لازىم. بالىلىق بولغان ئىكەنمىز، ئۇنىڭغا باياشات تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بىرەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈشىمىز ۋە بالىلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بىر ھالەتكە يىتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号