بالىلارنىڭ بۇ ئىككى خىل ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
بالىلار يەسلىگە بارىدىغان يېشىغا يەتكەن ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار جىددىلىشىشكە باشلاپ، بالىلارنىڭ يەسلىگە بارغاندىن كىيىن ماسلىشالماسلىقىدىن، يىغلاپ خاپا قىلىشىدىن ياكى تاماق يىيەلمەي ئاچ قېلىشىدىن، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىشىدىن دىگەندەك مەسىلىلەردىن ئەنسىرەپ كىتىدۇ. بىراق مىنىڭچە، بۇنداق كۆپ ئىشلاردىن ئەنسىرەپ تەشۋىش ئىچىدە قالغاندىن، بالدۇرراق تەييارلىق كۆرگەن ياخشى؛ يەنى، بالىلارنىڭ بۇ ئىككى جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە كۈچىمەك لازىم. بۇنىڭدا، بالىلار يەسىلگە بارغاندىن كىيىن، ناھايىتى تىزلا ماسلىشىپ كىتەلەيدۇ.
ئادەتتىكى تۇرمۇش مەسىلىلىرىدە ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىش ئىقتىدارى
ئەگەر بالىلار ئەزەلدىن تاماقنى ئۆزى يىيەلمىسە، كىيىمىنى ئۆزى سېلىپ ئۆزى كىيەلمىسە، ھاجەتكە چىقىشنى بىلمىسە، ئۆزى يالغۇز ئۇخلاشتىن قورقسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ يەسلىدىكى تۇرمۇشى چوقۇم ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى كەمسىتىش ئىدىيىسى شەكىللىنىپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان سېغىنىش ئىدىيىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلار يەسلىگە كىرىشتىن ئاۋال، ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ بىرنەچچە مەسىلە ئۈستىدە بالىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ؛ چۈنكى بۇ، يەسلىگە يىڭى قوبۇ قىلىش مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.
ئادەتتە، بالىلار يەسلىگە بېرىشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن، بۇ جەھەتلەردىكى مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كىرەك.
ئالدى بىلەن تاماق يىيىش جەھەتتە. بالىنىڭ ئۆزى مەيلى قانچىلىك يىيەلىسۇن ياكى ئۈستەلگە قانچىلىك چېچىۋىتىپ قالسۇن ۋەياكى كىيىملىرىنى مەينەت قىلىۋىتىپ قالسۇن، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ ئۆزىنى يىيىشكە قويۇش كىرەك. بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالماي قېلىشىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى، تاماق يىيىش ئادەمنىڭ تۇغما ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ قورسىقى ئاچسا، ئۇ چوقۇم بىر ئاماللارنى قىلىپ تاماقنى ئېغىزىغا يىيەلەيدۇ.

ئىككىنچىدىن، ھاجەتكە چىقىش مەسىلىسى. نۇرغۇن بالىلار، پەقەت ئۆيىدىكى ھاجەتخانىنىلا تۇنۇيدىغان كىلىدۇ؛ بالىلاردىكى بۇ خىل ئەھۋالنى ئىمكان قەدەر بالدۇرراق تۈگىتىش كىرەك. مەسىلەن، ئۇرۇغ تۇققان، دوست-بۇرادەرلەرنىڭكىگە بارغاندا، ياكى سودا ساراي، كوچا ئايلانغىلى چىققاندا، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆيىدىكى ھاجەتخانىلارنى ياكى ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ مەشىقلەندۈرۈش ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئوخشىمىغان مۇھىتتىكى ھاجەتخانىلارغا ماسلىشالايدىغان قىلىش كىرەك.
ئۈچىنچىدىن، كىيىم كىيىپ كىيىم سېلىش جەھەتتە. ھەرقانداق بىر ئىشنى ئۆگىنىپ پىششىق بولۇش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە مەشىق قىلىش لازىم بولىدۇ. ھەركۈنى بالىلارغا يىتەرلىك ۋاقىت بىرىپ، ئۇلارنى كىيىمىنى ئۆزى سېلىپ ئۆزى كىيىش جەھەتتە مەشىقلەندۈرۈش كىرەك. گەرچە بۇ جەھەتتە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلارغا ياردەملىشىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر بالىلار ئۆزى مۇستەقىل كىيىپ سالالىسا، مۇئەللىملىرى ئۇلارنى چوقۇم ماختايدۇ.
ئاخىرىدا، ئۆزى يالغۇز ئۇخلاش جەھەتتە. ئادەتتىكى بالىلارنى پەپىلەپ ئۇخلىتىدىغان ئادەتلەرنىڭ ھەممىنى تاشلاپ، بالىلارنى يوتقاننىڭ ئىچىگە سولاپ قويغاندىن كىيىن ھېچنىمە بىلەن كارى بولماسلىق، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇخلىشىغا قويۇپ بىرىش كىرەك. بۇنىڭدا، بالىلاردا سىرتقا ئامىلغا تايىنىپ ئاندىن ئۇخلاش ئادىتى شەكىللىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىش ئىقتىدارى
نۇرغۇن بالىلار، تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي ئۆتكەن بولغاچقا، بالىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان قىلمىش ئادەتلىرى ئاتا-ئانىسىغا بەش قولدەك ئايان بولىدۇ؛ بەزى ۋاقىتلاردا، بالىلار بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا، ياكى خاپا بولۇپ قالسا، ئاتا-ئانىسى بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ. بىراق، بالىلار يەسلىگە كىرگەندىن كىيىن، بۇ ئۇلارنىڭ يىڭى بىر مۇھىتقا كىرگەنلىكىگە باراۋەر بولۇپ، ئۇلارغا نىسبەتەن ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە ناتۇنۇش بىلىنىدۇ، ئۇلارنى ئاتا-ئانىسىدەك چۈشىنىدىغان ئادەم بولمايدۇ. ئادەمگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، پىكىرلىشىش ئىقتىدارى، تاماق يىتىش، ھاجەتكە چىقىش دىگەنلەردىن قالسىلا ئەڭ مۇھىم ھىسابلىنىدىغان بىر خىل ئىقتىداردۇر.
ئالدى بىلەن، بالىلارغا ئۆزىنىڭ خىيالىنى ئىپادىلەپ چىقىرىشىنى ئۆگىتىش كىرەك ھەمدە ئەڭ ياخشىسى گەپ-سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىشنى مەشىق قىلدۇرۇش كىرەك؛ مەسىلەن، ئۇسساپ قالسا سۇ ئىچمەكچى بولۇش، قورسىقى ئاچسا تاماق يىيىش، قورسىقى ئاغرىسا ياكى بىرەر خاپا بولىدىغان ئىشلارغا ئۇچرىسا چوڭلارغا دىيىش قاتارلىقلار. چۈنكى، يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر ۋاقىت مەلۇم بىر بالىغىلا دىققەت قىلىپ تۇرالىشى مۇمكىن بولمايدۇ؛ شۇڭا بالىلار چوقۇم بەزىبىر ئىھتىياجلىرىنى سۆزلەپ ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇشى كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە ئۆيدىكى ۋاقىتتا، ئەگەر بالىنىڭ بىرەر ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى كۆرگەندە، ئاتا-ئانىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئىپادىلەپ چىقارماستىن، ئەكسىچە چوقۇم بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىپادىلەپ چىقىشىغا قويۇش لازىم.

ئۇندىن قالسا، بالىلارنى باشقا كىچىك دوستلار بىلەن كۆپرەك بىللە ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈش كىرەك؛ بۇنىڭدا، ئۇلار يەسلىدە زىرىكىپ قالمايدۇ. بىرىنچىدىن باشقا كىچىك دوستلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىپ ئويناشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك؛ ئىككىنچىدىن باشقا بالىلارنىڭ چىشىغا تەگمەسلىك ياكى بوزەك قىلماسلىق كىرەك؛ ئۈچىنچىدىن باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلىشى كىرەك.
بالىلار يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئىقتىدارلارغا ئىگە بولغاندىن كىيىن، يەسلىگە يىڭى بارغاندا ئاساسى جەھەتتىن تىزلا ماسلىشىپ كىتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلارنى يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئىقتىدارلار ئۇلاردا تەبئىلا يىتىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا، سىز بالىڭىزنىڭ يەسلى مۇھىتىغا ماسلىشىپ كىتەلەيدىغانلىقىغا يىتەرلىك دەرىجىدە ئىشىنىشىڭىز كىرەك.