ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولالماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىر نۇرغۇن ئاياللار، بولۇپمۇ ئىككىنچى بالىلىق بولۇش سىياسىتى ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، ئىككىنچى بالىسىغا ھامىلدار بولۇشنى ئويلاشقان ئاياللار، ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرسىمۇ، ئۇزۇنغىچە ھامىلدار بولالماي كۆڭلى بىئارام بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئويلىغىنىدەك ھامىلدار بولالمايدۇ؟
ئاياللار كىسەللىكى
    ئاياللار كىسىلىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ؛ بىراق، مەيلى قايسى تۈردىكى ئاياللار كىسەللىكى بولمىسۇن، ھەممىسىنىڭ ھامىلدار بولۇشنى تەسلەشتۈرۈپ قويۇش ئىھتىماللىقى بار. ھەيىز مىقدارى كۆپ بولۇشمۇ، ئاياللار كىسەللىكىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئەگەر ھەيىز مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ(يەنى 100مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتسە) كەتسە، ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئازلاپ كىتىشى سەۋەپلىك، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئۆسىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ چوڭ دائىردە چۈشۈپ كىتىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاسانلا قان ئازلىق كىسىلى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە غەلىتە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، ھەيىز مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم بولىدۇ.
روھى بېسىمى ئېغىر بولۇش
    ئاياللارنىڭ روھى بېسىمى بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە، ئاسانلا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر نۇرغۇنلىغان ئاياللاردا خىزمەت ۋە تۇرمۇش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى بېسىم قوشۇلۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئېغىر روھى بېسىم ئاستىدا تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھامىلدار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش باسقۇچىدا، ئىمكان قەدەر كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇپ، ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ روھى بېسىمنى يىنىكلىتىشكە تىرىشماق لازىمدۇر.
كىچىسى ئۇخلىماسلىققا ياكى كىيىن ئۇخلاشقا ئادەتلىنىش
    تۇرمۇش ئادىتى تەرتىپسىز بولۇش، ھازىرقى زامان ياشلىرىدىكى ئورتاق كىسەللىك بولۇپ، نۇرغۇن ياشلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ئىنتايىن قالايمىقان كىلىدۇ، بولۇپمۇ كىچىلىرى ئۇخلىمايدۇ ياكى كىيىن ئۇخلايدۇ، كۈندە دىگۈدەك كۆزلىرى ئۇيقۇدىن قىزىرىپ كەتكەن ھالدا ئىشقا كىلىدۇ. بۇنداق ئادىتى بار ئاياللارمۇ ئاسان ھامىلدار بولالمايدۇ؛ چۈنكى، بۇنداق ئاياللاردا ئاسانلا ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش كۆرىلىدىغان بولۇپ، ھەيىز قالايمىقانلىشىش تېخىمۇ ئاسان پەيدا بولىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك نورمال تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر ئەر كىشىمۇ ھەمىشە كىچىلىرى ئۇخلىمىسا ياكى ۋاقتىدا ئۇخلىمىسا، ئۇلارنىڭمۇ ئىچكى ئاجرالمىلىرىدا قالايمىقانچىلىق كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئىسپىرمىسىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەرلەرمۇ بۇ جەھەتتە كۆپرەك دىققەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
ئەر تەرەپتە كۆپىيىش سېستىمىسى كىسەللىكى بار بولۇش
    بەزى ئەرلەردە، بەلگىلىك كىسەللىك ئەھۋالى ساقلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ، ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشى تەسكە توختايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىپ قالىدۇ. ھامىلدار بولۇش، ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى نورمال بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئارىدا پەقەت بىر تەرەپتە مەسىلە كۆرۈلۈپ قالسىلا، ھامىلدار بولالمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. ھازىر بەزىبىر ئەرلەردە، ئىسپىرما بىنورمال بولۇش، ئىسپىرمىنىڭ ئاكتىپچانلىقى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋاللارمۇ ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولالماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھەر جەھەتلەردىن سەۋەپ ئىزدىشىگە توغرا كىلىدۇ؛ پەقەت سەۋەبىنى توغرا تېپىپ چىقالىغاندىلا، ئاندىن بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا چارە قوللىنىشقا بولىدۇ. ئەگەر پەقەت بولمىسا، ئەر-ئايال ھەر ئىككەيلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەكشۈرتۈش قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھامىلدار بولالايدىغان ياكى بولالمايدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号