ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالا بېقىش جەريانىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان خاتا ئۇسۇللار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەر بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا يىڭى ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالاقىدار تەجىربىلىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئادەتتە، بالىغا قارىشىپ بەرگەن چوڭلار ئۆزىنىڭ "بالا بېقىش ئۇسۇللىرىنى" كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. يېقىندا، بالىلار تەربىيىسى جەھەتتىكى نۇپۇزلۇق بىر ئورگان، بالا بېقىش جەريانىدا كۆپ ئۇچرايدىغان خاتا قىلمىشلارنى يەكۈنلەپ چىققان. تۆۋەندە بۇ خاتا ئۇسۇللار سىزنىڭ دىققىتىڭىزدە بولغاي!
بالىلارنىڭ بەش ئەزاسىنى كونا ئۇسۇل ئارقىلىق تۈزەشتۈرۈش
    بەزى چوڭلار، بوۋاقنىڭ قاڭشىرى ئىگىز ئەمەسكەن دەپ، ھەمىشە بالىنىڭ بۇرنىنى چىمدىپ، بۇ ئارقىلىق بالىنى قاڭشىرىنى ئىگىزلەتمەكچى بولىدۇ؛ نەتىجىدە بالىنىڭ قاڭشىرى ئىگىزلىمەيدۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىل چىمدىپ بىرىش داۋامىدا، بۇرۇن يېپىشقاق پەردىسى زەخمىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن پۇراش سىزىمىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنىڭغا ئوخشاش تارتىش، چىمدىش، بېسىش قارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ بالىلارنىڭ بەش ئەزاسىنى ئۆزگەرتىش، قوللىنىشقا بولمايدىغان قىلمىشلاردۇر. يەنە بەزى ئانىلار، بالىنىڭ كىرپىكىنى كىسىۋەتسە، قايتا ئۆسۈپ چىققانداق تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن دەپ ئاڭلاپ، بالىسى ئۇخلاپ قالغاندا ئۇلارنىڭ كىرپىكىنى قىرقىۋىتىدىكەن. ئەمىلىيەتتە، كىرپىكنىڭ رولى بولسا كۆزنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى چاڭ-توزان ۋە غەيرى ماددىلارنىڭ زەخمىسىگە ئۇچراشتىن ساقلاش بولۇپ، كىرپىكنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلىپ قالسا، بالىلارنىڭ كۆزى ئاسانلا باكتىرىيە ۋە ۋىروسلارنىڭ زەخمىلەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ.
ئاق ھاراق(ئىسپىرت) سۇۋاپ قىزىتمىنى ياندۇرۇش
    بالىلاردا قىزىش كۆرۈلسە، دوختۇرلار بەزىدە، ئاتا-ئانىلارغا بالىنىڭ بەدىنىنى ھۆل لۈڭگىدە سۈرتۈش ئارقىلىق قىزىتمىسىنى تۆۋەنلىتىش تەكلىۋىنى بىرىدۇ؛ ئەمما بەزى ئاتا-ئانىلار ئاق ھاراقنىڭ(ئىسپىرتنىڭ) ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى، تىمپىراتۇرنى تېخىمۇ تىز چۈشۈرىدۇ دەپ قاراپ، سۇنىڭ ئورنىغا ئاق ھاراقنى ئالماشتۇرىدۇ. ئاق ھاراققا چىلانغان پاختا بىلەن بەدەننى سۈرتكەن ۋاقىتتا، ئادەم تىرىسىنىڭ سىڭىشچانلىقى سەۋەبىدىن، بىر قىسىم ئىسپىرت تىرىگە سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كىتىدۇ؛ ئەگەر ئىشلەتكەن مىقدارى كۆپ بولسا، ھەتتا ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىچىك بالىلارنىڭ تىرىسى يۇمران كىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەدىنىگە ئاق ھاراق سۈرتكەندە، ئۇلارنىڭ تىرە يۈز قىسىم ئورگانىزىملىرىنى زەخمىگە ئۇچرىتىپ، بالىلارنىڭ بىئارام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆيدە بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ئىلمان قايناقسۇ بىلەن لۈڭگىنى ھۆللەپ، بالىلارنىڭ بەدىنىنى سۈرتۈپ بىرىشتۇر. بۇ ئۇسۇل گەرچە ئاق ھاراق(ئىسپىرت) ئىشلەتكەندەك تىز ئۈنۈم بەرمىسىمۇ، ئەمما بالىغا بولغان زىيىنى ئەڭ ئاز بولىدۇ.
كىچىسى ئويغۇتۇپ كىچىك تەرەت قىلدۇرۇش
    بەزى ئانىلار بوۋىقىنىڭ كۆپىگە سىيىپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ، يېرىم كىچىلىرى بالىسى شىرىن ئۇيقۇدا بولسىمۇ، ئۇلارنى ئويغىتىپ كىچىك تەرەت قىلدۇرىدۇ ھەمدە ئىمىتىدۇ ياكى بىر نەرسە يىگۈزىدۇ. ھەمىشە بۇنداق بولىۋەرسە، ئانىلارنىڭ ئۆزى ياخشى ئۇخلىيالماي تېخىمۇ چارچاپ كەتكەندىن سىرت، بالىنىڭ ئۇخلاش ۋە تاماق يىيىش ئادىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ كۆرپىگە سىيىپ قويىشىدىن ئەنسىرسە، ئۇنىڭغا ئالدىنئالا زاكا كېيگۈزۈپ قويسا بولىدۇ؛ تاماق يىگۈزۈش جەھەتتە، ئادەتتە بالىلار كىچىسى ئۇخلاش بىلەن بولۇپ ھەرىكىتى ئاز بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاسانلىقچە ئېچىپ قالمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالا قورسىقى ئېچىپ ئويغىنىپ كەتكەندىن كىيىن، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر نەرسە يىگۈزسەكمۇ كىچىكىپ قالمايمىز.
ياز كۈنلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاچماسلىق
    ھازىر ھەممە ئۆيدە دىگۈدەك ھاۋا تەڭشىگۈچ بار، ئەمما بۇنىڭدىن تۈرلىنىپ كىلىپ چىققان "ھاۋا تەڭشىگۈچ كىسىلىمۇ" بارغانسىرى كۆپىيىپ كەتمەكتە. بالىلارنى قوغداش مەقسىتىدە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ياز كۈنلىرى ئىسسىقتىن پىشىپ قالاي دەپ قالسىمۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، شامالدۇرغۇچ دىگەنلەرنى قەتئى ئىشلەتمەيدۇ؛ نەتىجىدە، بالىسنىڭ بەدىنىگە ھۆل تەمرەتكە، دانىخورەك دىگەنلەر چىقىىپ كىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ھاۋا تىمپىراتۇرسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە، ھاۋا تەڭشىگۈچنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىشلىتىپ، ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسىنى تەڭشەپ تۇرساق، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقان ۋاقىتتا، ئۇنى مۇقىم بىر يۆنىلىشكە شامال ئۇرىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويماسلىقىمىز، ھەمدە نەچچە سائەتتە بىر ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
توختىماي سۇ ئىچكۈزۈش
    بەزى ئاتا-ئانىلار، بالىسىنىڭ بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، كۈندە بالىسىغا قۇرۇق سۇ ئىچكۈزىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بالىلار تۇغۇلۇپ ئالتە ئايلىق بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلارغا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قوشۇپ يىگۈزۈشتىن ئاۋال، ئۇلارغا سۇ ئىچكۈزمىسەكمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى %80 كە يىتىدىغان بولۇپ، بۇنچىلىك سۇ مىقدارى بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشقا يىتىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتى نورمال بولسا، ئاتا-ئانىلار خاتىرجەم بولۇپ، بالىغا سۇ ئىچكۈزمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئەمما بالىلار خۇاڭدەن ياكى باشقا كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا دوختۇرلارنىڭ تەكلىۋىنى ئاڭلاپ، مۇۋاپىق تۈردە سۇ ئىچكۈزۈپ بىرىشى كىرەك.
    دەۋرنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ، ئىلمى ئۇسۇلدا بالا تەربىيەلەش ئىدىيىسى بارغانسىرى ئومۇملىشىشقا باشلىدى؛ شۇڭا ئىلىگىرىكى بەزىبىر كونا ئۇسۇللارنى رەت قىلمىقىمىز لازىمدۇر. ئەگەر سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا بۇ ئۇسۇللارنى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەر بار بولسا، ئۇلارنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号