ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بۇ خىلدىكى بالىلار چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەمىشە باشقىلارنىڭ "بالىنىڭ ئۈچ يېشىدىن 80يېشىنى بىلىشكە بولىدۇ" دىگەنلىرىنى ئاڭلايمىز؛ بۇنىڭ مەنىسى بولسا، بالىلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۈش ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ قاراش گەرچە ئىنتايىن داۋلىلىق بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بايقىغان بولۇشى مۇمكىن، بەزىبىر كىچىك ۋاقتىدا ئادەتتىكىچە كەلگەن كىچىك دوستلار، چوڭ بولغاندىن كىيىن، باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغۇدەك، ئىستىقبالى پارلاق ئادەملەردىن بولۇپ چىقىدۇ. ئەكسىچە، كىچىك ۋاقتىدا ئىنتايىن ئەقىللىق كەلگەن بالىلار، چوڭ بولغاندىن كىيىن ئادەتتىكىچە بىر ئادەم بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىسىنىڭ ئەلۋەتتە بىرىنچى خىلدىكى بالىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۆۋەندىكى تۆت خىلدىكى بالىلار، كىچىك ۋاقتىدا بەلكىم ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولۇشى، ئەمما چوڭ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ياراملىق ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى مۇمكىن.
كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار
    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بالىسىنى ئىچ مىجەز، ئادەتتە ئۆيدىلا ئولتۇرۋىلىپ كىتاپ ئوقۇيدۇ، سىرتلارغا چىقىپ بالىلار بىلەن ئوينىمايدۇ دەپ قاقشايدۇ ھەمدە بالىسىنىڭ بۇنداق قىلىۋەرسە،  كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە سىڭىشىپ كىرەلمەسلىكىدىن ياكى جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ئەنسىرەش پۈتۈنلەي ھاجەتسىز، كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار، ئادەتتە بىر ئىشلارغا كۆڭۈل قويىدىغان ھەم دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلەيدىغان كىلىدىغان بولۇپ، باشقا بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تەمكىن ھەم پۇختا كىلىدۇ. ئۇلار كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق مول بىلىم ساۋاتلارغا ئىرىشىدۇ، ساپا ۋە نەزەر دائىرىسى جەھەتتە باشقا خىلدىكى بالىلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. بۇ خىلدىكى بالىلار كىچىك ۋاقتىدا قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنگىنى بىلەن، كەلگۈسىدە چوقۇم قابىلىيەتلىك ئادەم بولىدۇ.
ئويۇن ئويناشقا ئۇستا بالىلار
    ئويۇن ئويناشقا ئامراق بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولالمايدۇ، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزىرىدىكى "چاتاقچى بالا" ھىسابلىنىدۇ. ئىلگىرى، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئويۇن ئوينىغىنىنى كۆرسە، ئۇلارغا قاتتىق تەربىيە ئىشلەيتتى، ھەتتا ئۇرۇپ-تىللايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلەتتى. ھازىر گەرچە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئويۇن ئويناشقا بولغان چۈشىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان، ئىلگىركىدەك ئۇنداق كۈچلۈك دەرىجىدە چەتكە قاقمايدىغان بولغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بالىسىنىڭ ئۆگىنىش قىلىش مەزگىلىدە ئويۇن ئوينىشىنى خالىمايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئويۇن ئويناشقا ئۇستا كەلگەن بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئىنتايىن جانلىق كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ زىھنىنى ئويۇنغا سەرپ قىلىدۇ؛ بۇ ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى ئىگىلىكىگە سەرپ قىلغىنىغا باراۋەر بولۇپ، كەلگۈسى ئىستىقبالى بەلكىم ئىنتايىن پارلاق بولۇشى مۇمكىن.
تىرىشچان ھەم ئىرادىلىك بولغان بالىلار
    كونىلاردا " يىللىق ئىش باھاردىن، كۈنلۈك ئىش سەھەردىن باشلىنىدۇ" دىگەن گەپ بار؛ نۇرغۇن بالىلار ئادەتتە قارىماققا ئۇنداق ئەقىللىق ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىنتايىن تىرىشچان كىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشتا ئىرادىسىنى ئاسانلىقچە بوشاشتۇرۇپ قويماي ئاداققىچە چىڭ تۇرالايدۇ، بۇ خىل بالىلار ناھايىتى ئىستىقباللىق كىلىدۇ. بۇ خىلدىكى بالىلار گەرچە بەزى باشقا بالىلاردەك ئەقىللىق بولمىسىمۇ، ئەمما باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تىرىشىدۇ، تېخىمۇ ئىرادىلىك ھەم بوشاشماس كىلىدۇ؛ ھازىر باشلىنىش نوقتىسىدا باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغاندەك قىلغان بىلەن، كەلگۈسىدە ئاخىرقى نوقتىدا چوقۇم باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كىتىدۇ.
ئىقتىساد ئېڭى بار بالىلار
    بەزى بالىلار كىچىكىدىنلا "پۇلنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان" كىلىدۇ، ئۇلار دوستلىرىنىڭ ئارىسىدا "تىجارەت" بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئازراق پارچە-پۇرات پۇل تېپىپ خەجلەيدۇ. بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ ئىقتىساد ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، يىڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدۇ، قارىماققا پۇلىنى ھەممىدىن ئەزىز كۆرگەندەك قىلغان بىلەن، ئەمىلىيەتتە جەمئىيەتكە ھەممىدىن بەك ماسلىشالايدىغان كىلىدۇ؛ كەلگۈسىدە بولسا، ئوخشاش ياشتىكىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدىغان ئادەملەردىن بولالايدۇ.
    ئاخىرىدا، ئاتا-ئانىلارغا بىرىدىغان تەكلىپىمىز شۇكى، بالىلارنىڭ ھازىرقى بەزىبىر ئىپادىلىرى سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى ئىنكار قىلىۋەتمەڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号