ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
دادىلاردىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك بالىسىغا ئاسانلا ئىرسىيەت قالىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالىلارنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكى كۆپىنچە ئاتا-ئانىسىنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكى تەرپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، بۇندىن باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمۇ بالىسىغا ئىرسىيەت قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر كىيىنكى ئەۋلادىنىڭ تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى تاللاشتا ئىنتايىن ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ. ئادەتتە، ئەرلەرنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكىنىڭ بالىسىغا ئىرسىيەت قېلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، قىزلار توي قىلىش ئوبىكتى تاللىغاندا، بۇ تەرەپلەردىن پايدىلانسا بولىدۇ.
چاچ چۈشۈش
    ھازىرقى ياشلارنىڭ، خىزمەت بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر، تۇرمۇش ئادەتلىرى تەرتىپسىز قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، ياش تۇرۇپلا چېچى چۈشۈشكە باشلايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، چاچ چۈشۈش ئادەمنى بىئارام قىلدىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، لايىق تاللاشتا، ئاياللار قارشى تەرەپنىڭ چېچىنىڭ ئاز كۆپلىكىگە دىقەقت قىلىش لازىم. چۈنكى، ئەگەر قارشى تەرەپتە چاچ چۈشۈش ئەھۋالى ئېغىر بولسا، ھازىر قاملاشقان كۆرۈنىدىغان بىر يىگىت، ئاز كۈن ئۆتمەي پەينەكباش "تاغا" بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈپ پەينەكباش بولۇپ قېلىشنىڭ بالىسىغا ئىرسىيەت قېلىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى زور.
قاڭشىرى ئېگىز بولۇش
    قاڭشىرى ئېگىز بولۇش، ئادەمنىڭ چىراي قىسىمىنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزلار لايىق تاللىغاندا، قارشى تەرەپنىڭ قاڭشىرىنىڭ ئېگىز ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كىرەك. ئەگەر قارشى تەرەپ قاڭشىرى ئېگىز كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە بالىسىمۇ ئېگىز قاڭشارلىق تۇغۇلىدۇ. بىراق ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، بالا ئەمدى تۇغۇلغان ۋاقىتتا سۆڭەكلىرى تېخى تولۇق يىتىلىپ بولالمىغاچقا، ئۇنىڭ قاڭشىرىنىڭ دادىسىنى تارتقان ياكى تارتمىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ،  بالىلار 4-3ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ.
تىرىسى ئاق بولۇش
   ئالاقىدار تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تىرە رەڭگىمۇ ئىرسىيەت قالىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ تىرىسى ئاق بولسا، ئۇنداقتا بالىسىنىڭ تىرىسى چوقۇم ئاق بولىدۇ؛ ئەكسىچە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ تىرىسى تازا ئاق بولمىسا، بالىسىنىڭ تىرىسىمۇ ئاپئاق دەرىجىگە يىتەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە بىر خىل ئىھتىماللىق بار بولۇپ، ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ تىرىسى ئاق بولسا، ئۇنداقتا بالىسىنىڭ تىرىسىمۇ مەلۇم نىسبەتتە ئاق بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号