ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۇيقۇ قېچىش ھەققىدە
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
    يېقىندا، بەزى ھامىلدار ئاياللار سۆز قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولغاندىن كىيىن داۋاملىق ئۇيقۇسى قاچىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. مىنىڭچە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا بۇنداق ئاۋارىچىلىق بارغۇ دەيمەن؟ ئۇنداقتا، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئادەمنىڭ نىمىشقا ئۇيقۇسى قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھەرخىل ئالامەتلەر
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا بەل ئاغرىشى، پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىش، پۇتلىرى ئىششىپ قېلىش، كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇش... دىگەنلەرگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئۇلار بەدىنىنىڭ ھەممە يىرى بىئارامدەك ھىس قىلىپ، كىچىلىرى ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايدۇ. بۇنىڭغا كىچىلىك كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ كىتىش قوشۇلۇپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۇيقۇسى قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قوساق يوغىناش
    ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ يوغىنىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقى يوغىناپ كۆتۈرۈلۈشكە باشلايدۇ؛ بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن كىيىن، قوساق يوغىناپ، بىر قاراشقىلا ھامىلدار ئاياللىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ھامىيلىنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆسۈپ يوغىنىشى، بالياتقۇنىڭ كېرىلىپ يوغىنىشىنى كەلتۈرپ چىقىرىپ، داس سۆڭەك ۋە ئۇمۇرتقىنى باسىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئاياللار بەل ئاغرىش كۆرۈلۈپ، كەچلىرى ئۇخلىغىلى ياتقاندا، ئۇلارنى بىئارام قىلىپ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدۇ.
    بۇندىن باشقا، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۇخلاش ھالىتىگە دىققەت قىلىشى لازىم بولىدۇ؛ بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ نەپەسلىنىشىمۇ قىيىنلىشىپ قالىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، توختىماستىن ئۇخلاش ھالىتىنى ئالماشتۇرغاچقا، بۇمۇ ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدۇ.
روھى بېسىمى زىيادە ئېغىر بولۇپ كىتىش
   جىسمانى جەھەتتىكى بىئاراملىق ھىس قىلىشتىن باشقا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ پىسخىكىلىق ئامىللىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  كىچە ۋاقىتلىرىدا، ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ئاسان قالايمىقان ئويلايدىغان بولۇپ، قورسىقىدىكى بالىنىڭ ساغلاملىقىدىن ئەنسىرەپلا قالماي، ۋاقتىدا تۇغۇلارمۇ، تۇغقاندا ئاغرىمدىغاندۇ، تۇغۇتۇمدا قايسى ئۆيدە ياتسام بولار دىگەنلەرنىڭ ھەممىنى تەپسىلى ئويلاپ چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە ئۇيقۇ قاچىدۇ.
    ئۇنداقتا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۇيقۇسىزلىق مەسىلىسنى قانداق ھەل قىلىش كىرەك؟
    1. كۈندۈزى بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلىماسلىق
    2. ئۇخلاشتىن ئاۋال بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسىڭىز، ئۇخلاشقا ياردىمى بولىدۇ.
    3. Bتۈرىدىكى ۋىيتامىنلارنى تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلىش كىرەك، بۇنىڭ تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتىشكە پايدىسى بار.
    4. زورلاپ ئۇخلايمەن دىمەسلىك؛ ئەگەر ئۇيقۇسى كەلمىسە، پەس ئاۋازدا مۇزىكا ئاڭلاپ بىرىش
    5. كۆڭلىدە بىرەر تۈگۈنچە بولسا، ئۇنى ۋاقتىدا سۆزلەپ چىقىرىش، ئۆزىگە ئارتۇق روھى بېسىم ئارتىۋالماسلىق.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号