ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
قوساقتىكى ھامىيلە نىمە ئۈچۈن كىچىسى بەكرەك مىدىرلايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە يەتكەندە، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى كۆپىيىشكە باشلايدۇ، بولۇپمۇ كىچىلىرى. بۇنداق ئەھۋالدا، سەگەكرەك ئۇخلايدىغان ئانىلار ئاسانلا ئويغىنىپ كىتىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەزى ئىنكاسلار قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىمىقى تەسكە توختايدۇ.  ئۇنداقتا، ھامىيلە نىمە ئۈچۈن كىچىسى بەكرەك مىدىرلايدۇ؟
ھامىيلە، ھامىلدارلىق تۆتىنچى ئېيىدىن باشلاپ مىدىرلاشقا باشلايدۇ
   ھامىلدار بولۇپ تۆت ئايغا توشقاندىن كىيىن، قوساقتىكى ھامىيلە قوللىرىنى پولاڭلىتىش، پۇتلىرىدا تېپىش دىگەندەك كىچىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. بىراق، ھامىيلە بۇ ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش جەريانىدا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى بوشلۇق ئەسلىدىنلا چەكلىك بولغاچقا، بالىلارنىڭ پۇت قولى بالىياتقۇنىڭ ئىچكى دىۋارىغا تىگىشىپ بىرىشتىن ساقلىنالمايدۇ، بۇ دەل بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان ھامىلىنىڭ مىدىرلىشىدۇر. بىرىنچى قېتىم ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى ھىس قىلغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئانىلار ھاياجانلىنىپ كىتىشى مۇمكىن؛ بىراق، ھەرگىز بۇ سەۋەپلىك بەزى چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەرنى ئىشلىمەڭ، بولمىسا قورساقتىكى بالىنى ئاۋارە قىلىپ قويىسىز. بۇنداق ئەھۋالدا سىز، پەقەت جىمجىتلىقنى ساقلاپ، بالىنىڭ مىدىرلىشىنى ھىس قىلىسىڭىز بولىدۇ؛ ھامىلدار بولغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىمۇ كۆپىيىدۇ.
قوساقتىكى بالىدا كىچە-كۈندۈز ئۇقۇمى بولمايدۇ
    ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىيلە ئىزچىل تۈردە بالىياتقۇ ئىچىدە يىتىلىدۇ، شۇڭا ئۇ، سىرتتىكى مۇھىتنىڭ كۈندۈز ئىكەنلىكى ياكى كىچە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ئۇلار مىدىرلاش ھەرىكىتى قىلغان ۋاقىتتا، ئەمىلىيەتتە ئانسىىنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا بوۋاقنىڭ كىچىسى بەكرەك مىدىرلىشى نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئانىلار جىددىلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.
بوۋاقنىڭ جانلىنىپ روھلۇق بولۇپ كىتىشى
    ھامىلدار ئايال كۈندۈزى ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىدۇ، بۇ يىمەكلىكلەر تەدرىجى ھەزىم بولغانسىرى، قوساقتىكى ھامىيلىنى يىتەرلىك بولغان ئۇزۇقلۇق ۋە ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئۇزۇقلۇقلار بالا ھەمرىيى ئارقىلىق ھامىيلىنىڭ بەدىنىگە يەتكۈزىلىدىغان بولۇپ، ھامىيلە بۇ ئۇزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈپ قورسىقى تويغاندىن كىيىن جانلىنىپ كىتىدۇ؛ ۋاقىت بويىچە ھىسابلىغاندا، ئانىسى كۈندۈزى يىگەن يىمەكلىكلەردىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈش ۋاقتى كىچىگىچە سوزۇلىدىغان بولغاچقا، ھامىيلە كىچىسى كۆپرەك مىدىرلايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
ھامىلدار ئاياللار جىمجىتلىقنى ساقلىغان ۋاقىتتا، ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى تېخىمۇ ئاسان ھىس قىلالايدۇ
   ئەمىلىيەتتە، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى كىچە-كۈندۈز دەپ ئايرىمايدۇ. پەقەت ئانىلار كۈندۈزلىرى باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولىدىغان بولغاچقا، سىرتقى مۇھىتتىكى باشقا ئىشلارنىڭ تەسىرىدىن، قورسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى ھىس قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار كىچىلىرى ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى مۇھىت جىمجىت بولۇپ قالىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا قورساقتىكى ھامىيلىنىڭ مىدىرلىغىنىنى ھىس قىلىپ يىتىش، كۈندۈزگە قارىغاندا نىسبەتەن ئاسان بولىدۇ. شۇڭا بۇ سەۋەپتىن، بەزى ئانىلارغا، ھامىيلە كىچىسى كۆپرەك مىدىرلىغاندەك تۇيۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
   قىسقىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ھامىيلىنىڭ كىچىسى كۆپ مىدىرلىشىنىڭ بەلگىلىك سەۋەبى بولىدۇ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ بۇنىڭدىن زىيادە ئەنسىرەپ كىتىشى ھاجەتسىز؛ ئەمىلىيەتتە، ھامىيلىنىڭ كۆپ مىدىرىلىشى، ئۇنىڭ ناھايىتى ساغلام يىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号