ھامىيلە باش سۈيىنىڭ دۇغا بولۇپ ئۆزگىرىپ كىتىشى خەتەرلىك ئەھۋال
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئادەتتە ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى بالىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يىمەك-ئىچمەك ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنىڭدىن باشقا ئالدىنى ئېلىشقا ئۈلگۈرۈپ بولمايدىغان يەنە بىر ئەھۋال بار؛ ئۇ بولسىمۇ نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللارنى ئەندىشىگە سالىدىغان، ھامىيلە باش سۈيى دۇغا بولۇپ ئۆزگىرىپ قېلىش ھادىسىسىدۇر.
بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە تۇرۋاتقان ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەگەر باش سۈيى دۇغا بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئاسانلا "ھامىيلە گەندىسى سۈمۈرۈپ قېلىش ئونۋىرسال كىسەللىكى"نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرلار كۆپىنچە ئوپراتسىيە قىلىپ بالىنى ئېلىۋىتىش تەكلىپىنى بىرىدۇ، ھەتتا بەزىدە ھامىلدارلىقنى مۇددەتتىن بۇرۇن توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، باش سۈيى دۇغا بولۇپ قېلىشنىڭ ھامىيلىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ.

ھامىيلە باش سۈيى دۇغا بولۇپ قېلىش نىمە سەۋەپتىن كىلىپ چىقىدۇ؟
ئادەتتە، بالىلار تۇغۇلۇپ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە، چوڭ تەرىتىنى پاكىزە چىقىرىپ بولىدۇ. بىراق بوۋاق تۇغۇلۇشتىن ئاۋال، تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ئەھۋالىغا ئۇچراپ قالسا، بەلكىم ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتىلا، مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ تەرەتنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشى مۇمكىن.
باش سۈيى نورمال بولغاندا، ئادەتتە سۈزۈك ھالەتتە ياكى ئازراق ئاقارغان رەڭدە كىلىدۇ. ئەمما بىراق ھامىيلىنىڭ چوڭ تەرىتى بەدەن سىرتىغا مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىپ كىتىپ، باش سۈيى ئىچىگە كىرىپ كەتسە، ئۇنداقتا باش سۈيىدە لەيلەپ تۇرغان زەررىچە ماددىلار پەيدا بولىدۇ، رەڭگىمۇ يىشىلغا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە، ھامىيلە باش سۈيى دۇغا بولۇپ قېلىش دەپ ئاتىلىدۇ.

باش سۈيىنىڭ دۇغا بولۇپ قېلىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، قوللىنىلىدىغان ئۇسۇلمۇ ئوخشاش بولمايدۇ
1. يىنىك دەرىجىدە بۇلغىنىش
ئەگەر ھامىيلىدە ئاستا خارەكتىرلىك ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كۆرۈلگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا باش سۈيىدە بەلكىم يىنىك دەرىجىدە بۇلغىنىش كۆرۈلۈپ، باش سۈيىنىڭ رەڭگى ساغۇچ يىشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئاياللار بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئادەتتە ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن ئورگانىزىمى ئۆزلىكىدىن ھامىيلىنىڭ ئوكسىگىن كەمچىللىك بېسىمىنى يىنىكلىتىپ، ھامىيلىنى قوغدايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھامىلدار ئاياللار دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسى ئاستىدا بەزىبىر ئامال-چارىلەرنى قوللىنىپ، ھامىيلىدىكى ئوكسىگىن كەمچىللىك بسىمىنى يىنىكلەتسە بولىدۇ.
ھامىلدار ئاياللارمۇ، مۇنچىدا ئۇزۇن ۋاقىت يۇيۇنماسلىقى كىرەك؛ مۇنچا دېسىدا چىلىنىپ يېتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ؛ چۈنكى بۇنداق مۇھىتتا ئەسلىدىنلا ھاۋا ياخشى ئۆتۈشمەيدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا چوڭ ئادەملەرمۇ بىر خىل ئوكسىگىن يىتىشمىگەندە ھىس قىلىدۇ، قورساقتىكى ھامىيلىگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئىسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كىرەككى، ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باش سۈيىنىڭ دۇغا بولۇپ قېلىشىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم چارىسىدۇر.

2. ئىككىنچى دەرىجىلىك بۇلغىنىش
ئەگەر بۇلغىنىش دەرىجىسى ئېغىرلاپ قالسا، ھامىيلىدە جىددى خارەكتىرلىك ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرىلىدۇ، باش سۈيى بولسا يىشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق ھالەتتىكى چوڭ تەرەت قالدۇقى باش سۈيى يۈزىگە لەيلەپ چىقىدىغان بولۇپ، ئەگەر ھامىيلە ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۇنى سۈمۈرۈپ سالسا، ئۇنداقتا ھامىيلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ.
بۇ ئەھۋالدا، ھامىلدار زىيادە جىددىلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛باش سۈيىدە يىنىك دەرىجىلىك ياكى ئىككىنچى دەرىجىلىك بۇلغىنىش كۆرۈلگەندە، ئەگەر ھامىيلىنىڭ يۈرىكىنىڭ ئىنكاسى ياخشى، ھەمدە تۇغۇت باسقۇچىمۇ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىۋاتقان بولسا، ھامىلدار ئاياللار ھەرۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالمىغان نازارەت قىلىش ئاستىدا داۋاملىق تۇغۇشنى سىناپ باقسا بولىدۇ.

3. ئۈچىنچى دەرىجىلىك بۇلغىنىش
ئەگەر ھامىيلىدە كۆرۈلگەن ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنىڭ داۋاملىشىشى 6 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، باش سۈيى قويۇلۇشقا باشلايدۇ، باش سۈيىنىڭ رەڭگىمۇ تېخىمۇ قېنىقلىشىپ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرەيدۇ ھەمدە ھامىيلە، كىندىك بەلبىغى، ۋە بالا ھەمرىيىنىڭ ھەممىسى يۇقۇملىنىشقا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدار ئاياللارنىڭ باش سۈيىنىڭ بولغانغان ئەھۋالىنى بايقىشى ئەسلىدىنلا ئاسان بولمايدىغان بولغاچقا، بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كىيىن، دوختۇرلار كۆپىنچە ئەھۋالدا، ھامىلدارلىقنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياغلاشتۇرۇشنى ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن ئوپراتىسيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش تەكلىپىنى بىرىدۇ.
بىراق، ئۈچىنچى دەرىجىلىك بۇلغىنىش يۈز بىرىشنىڭ ئىھتىماللىقى ئىنتايىن بەك تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتە ھامىلدار ئاياللار ئادەتتە ئۆزىدىكى بىنورماللىقلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىشقا ئادەتلەنسە ھەمدە مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا دوختۇرغا تەكشۈرۈش قىلدۇرسا، چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.