ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلار نىمە ئۈچۈن كىچىسى تولا ئويغىنىپ كىتىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بوۋاقنى قۇچاقتىن قويسىلا ئويغنىپ كىتىش، كىچىلىرى كۆپ ئويغىنىش، ئىمىتمىسە ئۇخلىماسلىق، كىچىلىرى كۆپ قېتىم ئىمىتىپ ئۇخلىتىش...
    ئانىلار ئادەتتە، بوۋىقى يىغلاپ بولغۇچە ئۇلارنى بەزلەپ، بىر بەزلىگەنچە كىچىنى يېرىم قىلىپ قويىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك چارچاپ ھالىدىن كىتىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن باشلاپلا، ئۇخلاش جەھەتتە تەخمىنەن بىر قانۇنىيىتى بار بولىدۇ: يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بىر كۈننىڭ كۆپ قىسىمىدا ئۇخلايدىغان بولۇپ، ئادەتتە كۈنلۈك ئومۇمى ئۇخلاش ۋاقتى 22-18سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ.
    بوۋاقلار ئايغا توشۇپ ئاشقاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئاساسى جەھەتتىن تۆۋەندىكى قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ:
    5-2ئايلىق ئەتراپىدىكى بوۋاقلار 12-11سائەت ئۇخلايدۇ، بۇندىن باشقا كۈندۈزلىرى ئىككى قېتىملىق پارچە ئۇيقۇسى بار(ھەر قېتىمدا 3-2سائەت ئۇخلايدۇ)؛
    12-6ئايلىق ئەتراپىدىكى بوۋاقلار 11-10سائەت ئۇخلايدۇ، بۇندىن باشقا كۈندۈزى يەنە ئىككى قېتىملىق پارچە ئۇيقۇسى بار(ھەر قېتىمدا 3-2سائەت ئۇخلايدۇ)؛
    3-1ياش ئەتراپىدىكى بوۋاقلار 10-9سائەت ئۇخلايدۇ، بۇندىن باشقا كۈندۈزى يەنە ئىككى قېتىملىق پارچە ئۇيقۇسى بار(ھەر قېتىمدا 2-1سائەت ئۇخلايدۇ)؛
    بوۋاقلارنىڭ تولا ئويغىنىپ ياخشى ئۇخلىيالماسلىقىدا، سىز ھىس قىلغان قورسىقى ئاچقاندىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكىدەك سەۋەپلەر بار بولۇشى مۇمكىن.
1. بوۋاق تېخى كىچىك
    يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نىرۋا سېستىمىسى تېخى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولالمىغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاسانلا چۆچۈپ ئويغىنىپ كىتىدۇ ھەمدە ھەر قېتىملىق ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولمايدۇ، بۇ نورمال بىر فىزىلوگىيلىك ئەھۋال.
2. بوۋاق بىئارام بولۇپ قالغان
    ئەگەر بوۋاققا يېپىپ قويغان يوتقان بەك قېلىن ياكى بەك نىپىز بولۇپ قالسا، بوۋاقلار ئىسسىپ كىتىپ ياكى مۇزلاپ قېلىپ ئويغىنىپ كىتىدۇ. يەنە بىر كۆپ كۆرىلىدىغان سەۋەپ، بوۋاقلار تەرەت قىلىپ قويۇپ ھۆلدە قالسىمۇ ئاسان ئويغىنىپ كىتىدۇ. شۇڭا بوۋاق يېرىم كىچىدە ئويغىنىپ يىغلاپ خاپا قىلسا، ئاتا-ئانىلار ئاۋال ئۇنىڭ زاكىسىنى ۋە يۆگىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كىرەك.
3. بوۋاقلاردا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كۆرۈلگەن
    بالىلار بەدىنىدە مىكرو ئىلمىنتلار كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ياخشى ئۇخلىيالماي تولا ئويغىنىپ كىتىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. بوۋىقىنى ئانا سۈتىدە ئىمىتىۋاتقان ئانىلار، ۋىيتامىن D تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىشى ھەمدە كالتسىي كەمچىل بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بوۋاقنى ئاپتاپقا كۆپرەك سېلىپ بېرىشى كىرەك.
4. بوۋاق ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن
    ئۆيگە مىھمان كەلگەن ياكى يىڭى بالا باققۇچى كەلگەن دىگەندەك سەۋەپلەر تۈپەيلى، بوۋاق ئۇخلاش ئالدىدا بەك ئويناپ ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا كىچىسى تولا ئويغىنىپ ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ.
5. بىئولوگىيلىك سائەت
    بوۋاقلار فىزىلوگىيلىك جەھەتتە، تېخى مۇقىم بولغان ئۇخلاش ۋە تاماق يىيىش قاتارلىق تۇرمۇش ئادىتى ۋاقىت سىتكىسى شەكىللەندۈرپ بولالمايدۇ؛ شۇڭا كىچە-كۈندۈز قانۇنىيىتىگە نىسبەتەن بىئولوگىيلىك سائەتنى تەڭشەشتە، ئاتا-ئانىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تەدرىجى ھالدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى لازىم بولىدۇ.
6. بوۋاقتا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق بولۇش
    تىنچ ھەم راھەت بولغان كىچىك كارۋات، تىمپىراتۇرسى مۇۋاپىق بولغان مۇھىت، ھاۋاسى ساپ بولغان ياتاق ئۆي، نىپىز-قېلىنلىقى دەل جايىدا بولغان يوتقان-كۆپە، بۇلارنىڭ ھەممىسى بوۋاقلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇيقۇغا كىتىشىگە پايدىلىق؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بوۋاق ئۇخلايدىغان مۇھىتىنى تولا ئالماشتۇرماڭ.
7. پارازىنت قۇرت
     ئەگەر بوۋاقنىڭ تېنىدە پارازىنت قۇرت بار بولۇپ قالسا، بوۋاقلاردا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، قان ئازلىق ۋە ئاسان ئويغىنىپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە بوۋاقلارنىڭ ياخشى ئۇخلىيالماسلىقى ھەر خىل سەۋەپلەردىن بولىدۇ؛ بىراق بوۋاقلار بۇ سەۋەپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، "ئىمىمەن، ئەللەي ئەت، قۇچىقىڭغا ئېلىپ كۆتۈر" دىگەن تەلەپلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاش مەسىلىسىدە، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى ئىمىتىپ ياكى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپلا بولدى قىلماي، ئىلمى ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号