ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئاشپەز ئۇستاملار » باشقۇرغۇچىلار
شەرۋانىگۈل ئاۋۇت
شەرۋانىگۈل ئاۋۇت
  • ئىسىم فامىلىسى شەرۋانىگۈل ئاۋۇت
  • خەنزۇچە يېزىلىشى
  • دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
  • مىللىتىئۇيغۇر
  • يۇرتىقەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى
  • تۇغۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى 12-ئاينىڭ 25 –كۈنى
  • كەسپىباش دېرىكتۇر
  • خىزمەت ئورنىشىنجاڭ قۇتئال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتنىڭ قۇرغۇچسى
  • قوشۇلغان ۋاقتى 2017-06-28
  • كۆرۈلىشى 2054710 قېتىم
  • سەھىپە تەۋەلىكى باشقۇرغۇچىلار
  • تېلېفۇن نۇمۇرى كۆرۈش ھوقۇقىڭىز يوق
  • ئۈندىدار axpaz712
  • QQ نۇمۇرى 1436218124
شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ئىشخانىسى ، ئەگەر مەزكۇر ئۇستامنىڭ ئالاقە ئۇچۇرى كېرەك بولسا بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئالاقە ئۇندىدار:axpaz712
شەرۋانگۈل ئاۋۇت
مەدىنىيەت سەۋيىسى :تولۇق كۇرۇس
A قان تىپى :
شىنجاڭ قۇتئال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتنىڭ قۇرغۇچسى
يىمەك–ئىچمەك ساھەسى بويىنچە شىنجاڭدا كۆزگە كۆرۈنگەن دېرىكتۇر تەربىيەلەش ئۇستازى.
شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن مۇلازىمەتچى تەربىيەلەش ئۇستىسى. 
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى.
ئاقسۇ شەھەرلىك ئايال كارخانچىلار بىرلەشمىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى .
ئاقسۇ شەھەرلىك ئىگلىك تىكلۈگىچلەر جەمىئيتىنىڭ ئەزاسى .
ئاقسۇ شەھەرلىك ئىگلىك تىكلۈگىچلەر جەمئىيتى كەسپى تەربىيەلەش مەكتىپنىڭ قۇرغۇچىللىرنىڭ بىرى .

شەخسى تارىخى :
شەرۋانىگۈل ئاۋۇت خانىم 1984-يىلى قەشقەر شەھىرى يېڭىسار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ،1990-يىلدىن 2001-يىلغىچە باشلانغۇچ ،تۇلۇقسىز ، تۇللۇق ئوتتۇرا مائارىپ تەربىيەسىدە بولغان .2001-يىلدىن باشلاپ تاماقخانا مۇلازىمەت ساھەسىگە قەدەم قويغان.2001-يىلدىن 2013-يىلغىچە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى داڭلىق يىمەك –ئىچمەك ئورۇنلىردا ئىشلىگەن . بۇ جەريانىداتۆۋەندە مۇلازمەتچىلىكتىن يۇقىردا باش دېرىكتورلىققىچە ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش بىلەن بىرگە مۇلازىمەتچىلەرگە تېز تاماقخانا مۇلازىمەتچىلىكى ، رېستۇران مۇلازىمەتچىلىكى ، غەربىچە تاماقخانا مۇلازىمەتچىلىكى بويىچە دەرس ئۆتۈپ ، ھەر قايسى رېستۇران ، تېز تاماقخانا ، غەربچە تاماقخانىلارغا قابىل مۇلازىمەتچىلەرنى تەربىيلەپ يىتىشتۇرگەن. . شەرۋانىگۈل خانىم بىر تەرەپتىن ئىشلەش بىر تەرەپتىن مۇلازىمەتچى تەربىيلەش يەنە بىر تەرەپتىن ئۈزلىگىدىن ئۈگۈنۈپ ئىمتاھانغا قاتنىشىپ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئالىي تېخنىكۇم ،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ تۇلۇق كۇرۇس دېپلوملىرىنى ئارقا ئارقىدىن ئالغان، ھەمدە كۈچلۈك ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بىلەن توختىماي تىرىشىپ شىنجاڭدىكى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق پروفېىسسور داڭلىق كارخانىچىلارنىڭ تەربىيىسىگە ئىرىشكەن ، ئۈزلىكسىز ئۈگۈنۈپ،يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى بۇيىچە ئالى دەرىجە ،3- دەرىجە ،ئىگلىك تىكلۈگچىلەرنى تەربىيەلەش ئۇستىسى ( ئالى دەرىجە ) ، كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى (ئالى دەرىجە )، كارخانا پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ( ئالى دەرىجە، ) ،مۇلازىمەتچى تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىسى (ئالى دەرىجە ) قاتارلىق ئالاھىدە ئۇنۋانلىرغا ئىرىشكەن، بۇ جەرياندا داۋاملىق شىركەت قۇرۇش ،تەرەققى قىلدۇرۇش ، كوللىكتىپ يېتەكلەش ، ماركا يارتىش ، سېتىش ماھارىتى ۋە رەھبەرلىك سەنئىتى ، شىركەت كەلگۈسىنى پىلانلاش قاتارلىق جەريانلاردا تەربىيلىنىش ، ئىزدىنىش ،باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە مۇلازىمەت كەسپىدە مول خىزمەت تەجىربىسىگە ئىرىشكەن. 
2013-يىلى كۈچلۈك ئىگلىك تىكلەش ئارزۇسى بىلەن ، يولدىشى تۇرسۇنجان مۇئەللىم بىلەن رەسمى ھالدا قۇتئال ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ ، شىنجاڭ قۇتئال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتنىنى قۇرۇپ چىققان .شەرۋانىگۈل خانىم تەربىيلەشنى باشلاپ شىركەت قۇرۇلۇپ تاكى بۈگۈنگىچە قىسقىغىنە 6 يىل جاريانىدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 200مەيداندىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك تىپتىكى لىكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن .ئۇنىڭدىن باشقا30 قارار قالتىس دېرىكتور تەربىيلەش كۇرسىنى ئېچىپ 800 دىن ئارتۇق قالتىس دېرىكتورلارنى تەربىيلەپ يىتشتۈرۈپ يىمەك- ئىچمەك كارخانىلارغا بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قۇشۇپ، كارخانىچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن،داۋاملىق تۈردە 100دىن ئارتۇق يىمەك- ئىچمەك كارخانىلارغا مەسلىھەت بېرىپ ۋە10000دىن ئارتۇق خادىملىرىنى تەربىيلەپ ، يىمەك- ئىچمەك كارخانىلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئاساسسېلىپ ، كارخانىچىلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن .
2015-يىلى 11-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قۇرلۇپ، ئۇيۇشمىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى بولغان . ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا بازىسى كەمچىل بۇلۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن يولدىشى تۇرسۇنجان مۇئەللىم بىلەن بىرگە 2016-يىلى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئەڭ قايناق بازارلىرىدىن بولغان يېڭى بازار يىخې لاڭچىن سودا كوچىسىغا جايلاشقان ئاتامان تائاملىرى تىز تاماقخانىسى قۇرۇپ چىققان.
2016-يىلى 10-ئايدا ئاقسۇ شەھەرلىك ئىگلىك تكلۈگىچىلەر جەمىئيتى قۇرلۇپ ،بۇ جەمىئيەتكە ئەزا بولغان .2016-يىلى11-ئايدا ئاقسۇ شەھەرلىك ئايال كارخانچىلار بىرلەشمىسى قۇرلۇپ .ئايال كارخانچىلار بىرلەشمىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان .2017-يىلى 3-ئايدا ئاقسۇ شەھەرلىك ئىگلىك تىكلۈگىچلەر جەمىيئتى كەسپى تەربىيىلەش مەكتىپنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچسى بولغان . 2017-يىلى 3-ئايدا ئاقسۇ شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسنىڭ يېتەكچىلكىدە ئاقسۇ شەھەرلىك ئايال كارخانچىلار بىرلەشمىسدىكى رەھبەرلەر بىلەن بىرلىشىپ ئاياللاربايرىملىق پائاليەت تەشكىللەپ ،ئايال تۆھپىكارلار مۇكاپاتى تەسەس قىلىپ،ئاقسۇدىكى ئايال تۆھپىكارلارنى مۇكاپاتلاشقا قاتناشقان .2017-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللى سودگەرلەر ئۇيۇشمىسنىڭ يىللىق پائاليىتدە ئىلغار ئۇيۇشما ئەزاسى بولۇپ مۇكاپاتلانغان . شەرۋانگۈل خانىم بۇجەريانلاردا نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرگە، مۇكاپاتلارغا،ئالقىشلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇشۇنداقلار نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ تەتىجىللىردىن مەغرۇرلانماي ،جاپا مۇشەققەتلەرگە باش ئەگمەي يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن توختاۋسىزئىزدىنۋاتدۇ ۋەئۈگىنۋاتدۇ .
  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

يېڭىلىقلار

  • كەسكەن لەغمەن 刀切拌面

    كەسكەن لەغمەن 刀切拌面

    قوررۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ گوشنى سېلىپ ئاندىن پىياز يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ سېلىپ قورۇپ ئازراق تۇز سالىمىز. ئاندىن پېسۋېلەك (چۇكا پۇرچاق، سامساق غولى، بە

  • زىغىر 亚麻

    زىغىر 亚麻

    زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

  • كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

    كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

    كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خاجو، جاڭپىزا، قارىمۇچ، ئۇۋ

  • دوفۇ تۇخۇم شورپىسى  豆腐鸡蛋汤

    دوفۇ تۇخۇم شورپىسى 豆腐鸡蛋汤

    تەييارلاش ئۇسۇلى:دوفونى  قەنىت شەكلىدە چاسا توغرايمىز،شوخلىغا بەش يىرىدىن يىنىك پىچاق ئۇرۇپ بىر قاچىغا سېلىپ ئۇستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ شوخلىنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ ك

  • سىڭدۈرمە تەييارلاش  焖饭

    سىڭدۈرمە تەييارلاش 焖饭

    قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال گۆشنى سېلىپ قورىۋالغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقدارداتۇز، قىزىلمۇچ قىيامى، پەمىدۇر قىيامى سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىد

  • ئەرلەر ۋە ئاياللار ئىچىدە زادى قايسىسى بەكرەك ئۆزگىرىشچان

    ئەرلەر ۋە ئاياللار ئىچىدە زادى قايسىسى بەكرەك ئۆزگىرىشچان

    ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى زادى قانچىلىك زىددىيەتلىك كىلىدۇ؟ ئادەتتە بىر خىلدا كىلىدۇ، مەلۇم بىر ۋاقىتتا يەنە بىر خىل بولۇپ ئۆزگىرىپ قالىدۇ؛ خۇدد

  • بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

    بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

    بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

  • بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

    بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

    ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھەمدە تۇزى ۋە مېيى تېتىپراق ك

  • بۇ ئانىنىڭ قىلمىشى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىكەن

    بۇ ئانىنىڭ قىلمىشى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىكەن

    ئەنگىلىيىلىك ئايال ئەيمىلى بۇ يىل 25ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ تۆت بالىلىق بولغان؛ ئەمما بەخىتكە قارشى، ئۇنىڭ بىرىنچى بالىسى بىلەن تۆتىنچى بالسىى ك

  • بىر يۈز ئەللىك مىليۇن يۈەنلىك ماشىنىنى كۆرىۋىلىڭ

    بىر يۈز ئەللىك مىليۇن يۈەنلىك ماشىنىنى كۆرىۋىلىڭ

    ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، يېقىندا، 1956-يىلى ئىشلەنگەن ئاستىن مارتىن DBR1 تىپلىق بىر ماشىنا، 22مىليۇن500مىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا(تەخمىنەن 150مىليۇن يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) سېت

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号