ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئاشپەز ئۇستاملار » ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاشپەزلەر
روزى ئوسمان
روزى ئوسمان
  • ئىسىم فامىلىسى روزى ئوسمان
  • خەنزۇچە يېزىلىشى如孜·吾斯曼
  • دۆلەت تەۋەلىكى جوڭگۇ
  • مىللىتىئۇيغۇر
  • يۇرتى شىنجاڭ ئاقسۇ باي ناھىيىسى
  • تۇغۇلغان ۋاقتى1991 - يىلى4 - ئاي
  • كەسپىقىيىملىق تائاملار
  • خىزمەت ئورنىتۇمشۇق شەھىرى
  • قوشۇلغان ۋاقتى 2017-06-01
  • كۆرۈلىشى 1701360 قېتىم
  • سەھىپە تەۋەلىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاشپەزلەر
  • تېلېفۇن نۇمۇرى كۆرۈش ھوقۇقىڭىز يوق
  • ئۈندىدار axpaz712
  • QQ نۇمۇرى 1436218124
شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ئىشخانىسى ، ئەگەر مەزكۇر ئۇستامنىڭ ئالاقە ئۇچۇرى كېرەك بولسا بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئالاقە ئۇندىدار:axpaz712
قىسقىچە تەرجىمىھالى : روزى ئوسمان ئۇستام 1991-يىلى 10- ئاپرىل باي ناھىيىسىنىڭ توقسۇن يېزىسى تۆۋەنكى توقسۇن كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن .
1998-يىلىدىن 2006- يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقىغان .
2008-يىلى يانۋاردىن باشلاپ باي ناھىيىسىدىكى مەشرەپ رېستۇرانىغا شاگىرىتلىققا كىرىپ ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن ئاشپەزلىك كەسپىنى قېتىرقىنىپ ئۈگەنگەن .
2010-يىلى 10- ئايدىن 2012-يىلى 10- ئايغىچە ئاقسۇ شەھىرىدىكى «لەززەت ئوتۇن كاۋاپلىرى » تاماقخانىسىدا قىيمىلىق تائاملار باش ئۇستىسى بولۇپ تۇرغان .
2012-يىلىدىن 2015- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ھەرقايسى تائام سارايلىرى ، تېز تاماقخانىلاردا ئاق ئەنبەل تۈرلىرى بويىچە ھۈنەر پىشىقلىغان ،ئۆزىنىڭ كېيىنكى نىشانلىرى ئۈچۈن ئاساسىنى پۇختىلىغان .
2015- يىلىدىن ھازىرغىچە تۇمشۇق شەھىرىدە تەكلىپ بىلەن ھەر قايسى چوڭ تائام سارايلىرىنىڭ قىيمىلىق تائام باش ئۇستىسى بولۇپ كەلمەكتە .
2017- يىلى 27-28- مايلار جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنيۈنگاڭ شەھىرىدە خەلقئارا مېھمانساراي ئاشپەزلىك جەمئيىتى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن 5- نۆۋەتلىك «كۆك بەلباغ » خەلقئارا ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر تائاملىرىدىن پەرمۇدە بىلەن بېلىق كاۋىپىنى ئىلىپ چىقىپ كۆمۈش مىدال ۋە 2- دەرىجىلىك شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئىرىشكەن .
تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق ، قەدىمى ئۇيغۇر قىيمىلىق تائاملار ئۇستىسى روزى ئوسمان ئۇستامنىڭ ئارزۇسى ئۆزىنىڭ خەلق ئىچىدە ھۈنەردە ئاتالغان نامى « روزى بۇرۇت » نى ماركا قىلىپ ، كەسىپتە تېخىمۇ ئىزدىنىپ ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ نامىنى مەملىكەتكە ، خەلقئاراغا ياڭرىتىش ...
كەسپى ئالاھىدىلىكى : مىللى تائاملار ئىچىدىكى سامسا ، پەرمۇدە قاتارلىق قىيمىلىق تائاملار ۋە ئاق ئەنبەل تۈرىدە ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك
مەدنىيەت سەۋىيىسى ؛ تولۇقسىز
ئالاھىدىلىكى ؛ چەبدەس ، چىقىشقاق ، ئۈگىنىشچان
  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

يېڭىلىقلار

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号