ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ئاشپەز ئۇستاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئاشپەز ئۇستاملار » داڭلىق ئاشپەزلەر
ئابدۇخېلىل ئابدۇۋاقى
 ئابدۇخېلىل ئابدۇۋاقى
  • ئىسىم فامىلىسى ئابدۇخېلىل ئابدۇۋاقى
  • خەنزۇچە ئىسمى阿卜杜合力力·阿卜杜瓦柯
  • دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
  • مىللىتىئۇيغۇر
  • يۇرتىخوتەن قاراقاش
  • تۇغۇلغان ۋاقتى1994-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
  • كەسپىغەرىپچە تائام ئۇستىسى
  • خىزمەت ئورنىئۇرۇمچى
  • قوشۇلغان ۋاقتى 2019-08-26
  • كۆرۈلىشى 105758 قېتىم
  • سەھىپە تەۋەلىكى داڭلىق ئاشپەزلەر
  • تېلېفۇن نۇمۇرى كۆرۈش ھوقۇقىڭىز يوق
  • ئۈندىدار كۆرۈش ھوقۇقىڭىز يوق
  • QQ نۇمۇرى كۆرۈش ھوقۇقىڭىز يوق
شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ئىشخانىسى ، ئەگەر مەزكۇر ئۇستامنىڭ ئالاقە ئۇچۇرى كېرەك بولسا بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
داڭلىق ئاشپەز ئابدۇسالام ئۇستامنىڭ ئىنىسى ئابدۇخېلىل ئۇستامنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى :ئابدۇخېلىل 1994-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارقاش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ئۇنىڭ يىمەك ئىچمەك مەدىنىيىتىگە ئالاھىدە قىزىقىشى بۇلۇپ ئاشپەزلىك كەسپىنى ئۆگىنىش ئارزۇسى بىلەن ئاكىسىنىڭ ياردىمىدە 2010-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كەلگەن ۋە تۇنجى ئاشپەزلىك قەدىمىنى ئۈرۈمچى داۋەندە ئاكىسىنىڭ چەتئەللىك ئۇستاملار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاچقان غەربچە تائاملار رېستۇرانىدا باشلىغان ۋە ئۈچ يىل ئۆگەنگەن ،2013 -يىلى ئۈرۈمچىدىكى بىر غەربچە تاتلىق تۈرۈم دۇكىنىدا بىريىل تاتلىق تۈرۈم ئۆگەنگەن ،2014-يىلى كەسپىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن بېيجىڭ شەھىرىگە بېرىپ چاناق قەلئە غەربچە رېستۇرانىدا بىريىل ،دېسېتروس غەربچە رېستۇرنىدابەش ئاي دۆنەردۈرۈم غەربچە رېستۇرانىدا بەش ئاي ئۆز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ،2016-يىلى پارلاق ئالىي مىھمان سارىيىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ھازىرغىچە ئشلەپ كەلمەكتە . 2018-يىلى 1-ئايدا فرانسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان داڭلىق ئاشپەزلەر تاماق ئېتىش ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولغان ،2018 -يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭگاڭ خەلقئارا يېمەك - ئىچمەك مەدىنىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ،دۆلەتلىك يېمەك -ئىچمەك باھالىغۇچىسى ئۇنۋانى شاڭگاڭ يېمەك -ئىچمەك مەدىنىيىتىنىڭ ئەزالىق ئۇنۋانى ،قاتارلىق دۆلەت ئىتراپ قىلدىغان ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى شياڭگاڭ خەلقارا يېمەك ئىچمەك مەدىنىتىنىڭ خەلقارالىق ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوسكار مۇسابىقىسىگە تەكلىپكە ئاساسەن قاتناشقان . شۇ مەيداندا تاماق چىقىرىپ ، دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك كىنىشكىنى قولغا كەلتۈرگەن . بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە جۇڭگونىڭ ئون چوڭ ئاشپەزنىڭ بىرى دېگەن داڭلىق كىنىشكىنى ئىمتىھان بېرىپ ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قولغا كەلتۈرگەن ..2018-يىلى ئادەم كۈچى بايلىقى ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ئىتىراپ قىلغان ھەمدە چەتئەللەردە ئىتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن دۆلەتلىك 3-دەرىجىىك كىنىشكىسىنى ئالغان. 2018-يىلى 12-ئايدا جوڭگۇ ئاشپەزلەر تورىغا ئىمتىھان بېرىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا كىرگەن . ھەمدە دۆلەتلىك يۈز مۇنەۋەر ئاشپەز ئۇنۋانغا ئېرىشكەن . يەنە بۇنىڭدىن باشقا ، شىنجاڭنىڭ سەرخىل ئوتتۇز تۆت تۈرلۈك قورۇمىلىرىغا باش يېتەكچى ئۇستام بولغان .2019-يىلى 2-ئايدا جوڭگۇ ساياھەت تاماق ئېتىش جەمىيىتىگە ئەزا بولغان . ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن ، خەلقارالىق تاماق ئېتىش ئۇستىسى ۋە تائام سەنەتكار دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشكەن . ، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭنىڭ ئاشپەزلەر توردا داڭلىق ئاشپەزلەر قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ تەرجىمىھالى ھەرقايسى تورلاردا ئېلان قىلىنغان ،كۆرۈلۈش ۋە قوللاش نىسبىتى قىسقىغىنە ۋاقىتتا ئەڭ يۇقىرى بولغان . 2019-يىلى 5-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارا ئىككىنچى قېتىملىق تائام سەنىتى نەق مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ . جوڭگۇ باش مەمۇرى ئاشپەز ئۇنۋانغا ئېرىشكەن .
2019-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگو يېمەكلىك سانائىتى جەمئىيىتى ئارقىلىق، ئوزۇقلۇققا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى كومىتېتى تەربىيەلەش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئالاھىدە ئاممىۋى ئوزۇقلۇقلار ئۇستىسى، ئالىي ساھە سالاھىيەتنامىسى تارقىتىپ بېرىلگەن . 2019-يىلى 8-ئايدا داڭلىق ئاشپەزلەر سانلىق مەلۇمات تورى تەربىيەلەش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغانلارغا ئالاھىدە تارقىتىپ بەرگەن، يېمەك-ئىچمەك، تاماق ئېتىش ئوزۇقلۇقچىسى، ئالىي دەرىجىلىك كەسىپ گۇۋاھنامىسى بىلەن خەلقئارا كۆك بەلباغلىق ئاشخانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقاتقان. 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو ساياھەت ئاشپەزلىك جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مەملىكەت بويىچە جۇڭگودىكى 10 ئون چوڭ ئاشپەزنىڭ بىرى كىنىشكىسى ۋە جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك كەسپىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باھالىغۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك كەسپى ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باھالىغۇچىغا يەتكەن.. 2019-يىلى دۆلەتلىك ئەمگەك كۈچى بايلىقى ئىدارىسىنىڭ دۆلەت ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن 1-بىرىنچى دەرىجىلىك كىنىشكىسىنى ئالغان 2019- يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جوڭگو دۆلەت ئارمىيە روھىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى مەملىكەتلىك تاماق ئىتىش مۇسابىقىگە قاتناشقان ،ھەمدە نەتىجىسى ئەلا بۇلۇپ ،شەخسى دۆلەت زىياپىتى ئۇستىسى بۇلۇپ باھالانغان ،ھەمدە تۆت مۇھىم ئورگاننىڭ تامغىسى بېسىلغان ئۇنۋانى بېرىلگەن ،ئۇنىڭدىن باشقا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان«ھەربىيلەرنى ئەڭ ھۆرمەت قىلدىغان كەسىپ قىلىش »روھى ئىددىيەسى ۋە سىزنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى ئابرويىڭىز ئۈچۈن ،ئالاھىدە سىزنى جۇڭگو دۆلەت ھەربىي روھىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈچۈن باش ئەلچى قىلىپ كۆرسەتكەن ،ھەمدە تۆت مۇھىم ئورگاننىڭ تامغىسى بېسىلغان ئۇنۋانى بېرىلگەن .. 2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى پۈتۈن مەملىكەتنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۇستاز ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى تەرىپىدىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىگە تەكلىپكە ئاساسەن قاتنىشىش ئالدىدا .ئابدۇخېلىل ئۇستامنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى خالايدىغان خوجايىن ۋە ئاشپەز دوسلارنىڭ ، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ،ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلاردىن شاگىرت قوبۇل قىلىمىز مىللەت چەكلىمىسى يوق ئالاقىلىشىش تېلېفونى16699176773
ئۈندىدار نومۇرى .16699176773
  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

  • رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيىدۇ

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

يېڭىلىقلار

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号