ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » تەم - خۇرۇچلار
زەنجىۋىل ئىشلەتكەندە پوستىنى سويىۋىتىش كىرەكمۇ يوق؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-18كۆرۈلىشى : قېتىم
   زەنجىۋىل، تۇرمۇشىمىزدا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان باشقا ياخشى تەرەپلىرىمۇ بار. مەيلى سۇغۇق يەلنى ھەيدەش بولسۇن ياكى ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش بولسۇن، زەنجىۋىلنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. بىراق، زەنجىۋىلنى ئىستىمال قىلغاندا زادى پوستىنى سويىۋىتىش كىرەكمۇ يوق؟ بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، تۆۋەندە بىز سىزگە بۇنىڭ جاۋابىنى بىرىمىز.
    زەنجىۋىل ئىستىمال قىلغاندا پوستىنى سويىۋىتىش كىرەكمۇ يوق، بۇنى كونكىرتنى ئەھۋالغا قاراپ بىكىتمەك لازىم. بەزىلەر پوستىنى سويىۋىتىدۇ، بەزىلەر بولسا سويۇۋەتمەيدۇ.
   زەنجىۋىل نىسبەتەن ئاچچىق بولۇپ، ئىستىمال قىلغاندا، ئادەمنى تەرلىتىپ زەھەر تازىلايدۇ؛ ئەگەر زۇكام بولۇپ قالسىڭىز، زەنجىۋىل قاينىتىپ ئىچىپ بىر تەرلىسىڭىز، زۇكام ئالامەتلىرى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر زەنجىۋىل پوستىنى ئايرىم ئىستىمال قىلغاندا، سۈيدۈك ھەيدەش رولى بار بولۇپ، بەدەندىكى ئىششىق قاتارلىقلارنى ياندۇرۇش ئۈنۈمى بار. شۇڭا بۇ ئىككى قىسىم، ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چەكلەيدىغان بولۇپ، بەزى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلماي بولمايدۇ.
زەنجىۋىلنىڭ پوستىنى سويىۋىتىشكە تىگىشلىك ئەھۋاللار
   زۇكام بولۇپ قېلىپ زەنجىۋىل ئىستىمال قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇنىڭ پوستىنى سويىۋىتىش كىرەك. زەنجىۋىل پوستىنىڭ تەبىئىتى، ئۇنىڭ گۆشىنىڭ تەبىئىتى بىلەن قارمۇ-قارشى بولۇپ، ئەگەر زۇكامغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زەنجىۋىل قاينىتىپ ئىچكەندە پوستىنى سويىۋەتمىسەك، ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىپ قالىدۇ.
   بۇندىن باشقا، بەدىنى سۇغۇقچان كىشىلەر زەنجىۋىل پوستى ئىستىمال قىلسا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى سۇغۇق يەلنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋىتىدۇ. شۇڭا بۇ خىلدىكى كىشىلەرمۇ زەنجىۋىل ئىستىمال قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى پوستىنى سويىۋەتكەندىن كىيىن ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
زەنجىۋىلنىڭ پوستىنى سويىۋەتمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋاللار
   قورۇما تەييارلىغان ۋاقىتتا، ھەممىمىز زەنجىۋىل قوشۇش ئارقىلىق تەم تەڭشەشنى ياخشى كۆرىمىز. بۇ ۋاقىتتا زەنجىۋىلنىڭ پوستىنى سويىۋەتمەي ئىشلەتسەك، ئادەمنىڭ تەبىئىتىنى تەڭشەپ، ئىسسىقى ئېشىپ كىتىپ قوقاقلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
  ئەگەر سىزدە ئېغىز پۇراش ياكى قەۋزىيەت قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا، ئەڭ ياخشىسى زەنجىۋىل پوستىنى ئايرىم ئىستىمال قىلىڭ. چۈنكى، زەنجىۋىل پوستىنىڭ ئىسسىق يەلنى ھەيدەش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا زەنجىۋىلنى پوستى بىلەن گۆشىنى قوشۇپ ئىستىمال قىلسىڭىز، ئەكسىچە ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالنى ئېغىرلىتىۋىتىشى مۇمكىن.
   يۇقارقىلاردىن باشقا، يازنىڭ كۈنلىرى زەنجىۋىلنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك. چۈنكى، ياز كۈنلىرى ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، ئادەم بەدىنىدە ئەسلىدىلا سۇ تەركىبى كەمچىل بولىدۇ؛ زەنجىۋىل بولسا ئادەمنى تەرلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. بۇنداق ئەھۋالدا، زەنجىۋىلنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋالغاندا، ئادەم ئاسانلا سۇسىزلىنىپ قوقاقلاپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号