ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » كۆكتات تۈرىدىكىلەر
پۇرچاق ئۈندۈرمىسى(豆芽)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-08 كۆرۈلىشى : قېتىم

   پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ئادەتتە ئۈندۈرمە كۆكتات دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دانلىق زىرائەتلەر، پۇرچاق تۈرى ۋە دەرخ تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇرۇقىنى بىخلاندۇرۇپ، ئادەتتە بىز ئىستىمال قىلىدىغان پۇرچاق ئۈندۈرمىسى تەييار قىلىنىدۇ. پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ تۈرى كۆپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى بىرقەدەر تولۇق بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر خىلىدۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  豆芽
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى: sprouted beans
ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى: سېرىق پۇرچاق ياكى يىشىل پۇرچاق
باشقىچە ئاتىلىشى: ئۈندۈرمە كۆكتات
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    ياپونيىلىك ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، يىشىل پۇرچاق بىخلىنىش جەريانىدا، بىر قىسىم ئاقسىللار ئاجرىلىپ ئامىنو كىسلاتالىرىغا ئايلىنىپ، ئەسلىدىكى ئامىنو كىسلاتاسى مىقدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.
   1. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى تەركىبىدە ۋىيتامىن Cنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول بولۇپ، قان بۇزۇلۇش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   2. پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ قان تۇمۇر دىۋارلىرىدىكى خولىستىرىن ۋە ياغلارنى تازىلاپ ھەم ئۇلارنىڭ يېغىلىۋىلىشىنى توسۇپ، يۈرەك-قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   3. يىشىل پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ تەركىبىدە يەنە تېخى رىبوفلاۋىن بار بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بار كىشىلەرنىڭ ئسىتىمال قىلىشىغا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.
   4. پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان يىمەكلىك تالا ماددىسى بار بولۇپ، قەۋزىيەت بار بىمارلارنىڭ ساغلام يىمەكلىكى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە ھەزىم قىلىش يوللىرىدا راك كىسەللىكى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار.
   5. پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ ئىنىرگىيە مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، ئەمما سۇ تەركىبى ۋە تالا ماددىسى تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ھەمىشە پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号