ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بۇ يېمەكلىكلەرنى ئاچ قورساققا يىيىشكە بولمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   قورساق ئاچسا ئەلۋەتتە يېمەكلىك يەيمىز، لېكىن بەزى يېمەكلىكلەرنى ئاچ قورساققا يىيىشكە بولمايدۇ.
كالا سۈتى
   كالا سۈتى تەركىبىدە زو مىقداردا ئاقسىللار بار بولۇپ، ئاچ قورساققا كالا سۈتى ئىچسەك، ئاقسىللار ئالدى بىلەن پارچىلىنىپ ئېنىرگىيەگە ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بىر جەھەتتىن ئۇزۇقلۇق ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.
تاتلىق ياڭيۇ
   تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە تاننىن ۋە يىلىم ماددىسى بار، شېكەر تەركىبىمۇ يۇقىرى؛ شۇڭا، ئەگەر تاتلىق ياڭيۇنى ئاچ قورساققا يىسەك، ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىلىپ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك ئاشقازان ئېچىشىش، ئاشقازان كۆپۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
زىيادە سوغۇق يېمەكلىكلەر
   ئاچ قورساققا زىيادە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلساق، ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ تارتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئاسانلا ئاشقازان كېسىلى ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھاراق
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئىسپىرت، ئاز ساندىكى ئاشقازان تەرىپىدىن بىۋاستە سۈمۈرۈلىدىغان ماددىلارنىڭ بىرى. ئەگەر ئاچ قورساققا ھاراق ئىچسەك، سۈمۈرۈلۈش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولۇپ، ئاشقازان چاپلاشقاق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قېنىق چاي
   قېنىق چاي تەركىبىدە زور مىقداردا كوففىئىن بار، ئەگەر ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسەك، قوبۇل قىلغان كوففىئىن كۆپ بولغانلىق سەۋەبلىك، "چايدا مەست بولۇپ قېلىش" ھادىسىسى كېلىپ چىقىشى ھەمدە بۇ سەۋەبلىك باش قېيىش، يۈرەك ئېغىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
سامساق
   سامساق تەركىبىدىكى سامساق ماددىسىنىڭ كۈچلۈك ئاچچىق تەمى بار. ئەگەر ئاچ قورساققا سامساق ئىستېمال قىلساق، ئاشقازان چاپلاشقاق پەردىسى ۋە ئۈچەي دىۋارىغا كۈچلۈك غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، ئاشقازان ئېچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号