ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تىراگىدىيە: بۇ قېتىم بالا ئانىسىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   يېقىندا يەنە بىر تىراگىدىيە يۈز بەرگەن: 21ياشلىق ياش بىر ئانا، ماشىنىدىكى بالىسىنى كۆتۈرۈپ ماشىنىدىن ئالماقچى بولغاندا، بالا ئىھتىياتسىزلىقتىن ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چىقىرىپ چۈشۈرىدىغان توكلۇق ۋىكلىيۇچاتىلغا تىگىپ كىتىپ، ماشىنا ئىشكىنىڭ ئەينىكى كۆتۈرۈلۈپ ئانىنىڭ بوينىنى قىسىۋالغان ھەمدە نەپەسلىنەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن مىڭە زەخمىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن؛ ئادەمنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى، ئۇ كۈنى بۇ ئانىنىڭ 21ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن.
   بۇ ۋەقە بىلىروسىيەدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ياش ئانىنىڭ ئىسمى يۇلىيا.سىشاك؛ ئۇ 21ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئىككىنى تۇغۇپ بولغان بولۇپ، كىچىك قىزى بۇ يىل ئىككى ياشقا كىرگەن ئىكەن.
   31-ئاۋغۇست كۈنى چۈشتىن كىيىن، سىشاك ماشىنىسىنى ھەيدەپ، ئۆيىدىكىلىرىنى ئېلىپ دوستىنىڭ ئۆيىگە ئۆزىنىڭ 21ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بارغان؛ دوستىنىڭ ئۆيىگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن، ئىرى چوڭ بالىسىنى ئېلىپ ئاۋال دوستىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتتا سىشاك، ماشىنىنىڭ ئەينىكى چۈشۈرۋىتىلگەن ئالدى ئىشىكىنىڭ دەرىزىسىدىن بېشىنى ماشىنىنىڭ ئىچىگە تىقىپ، كىچىك قىزىنى كۆتۈرۈپ ماشىنىدىن ئالماقچى بولغان.
   ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، ئىككى ياشلىق قىزى ئىھتىياتسىزلىقتىن ماشىنا ئىشىك ئەينىكىنى چىقىرىپ چۈشۈرىدىغان ۋىكلىيۇچاتىلغا تىگىپ كەتكەنلىكتىن، ئەينەك كۆتۈرۈلۈپ كىتىپ، ئانىنىڭ ئەمدى ماشىنا ئىچىگە سوزۇپ كىرگەن بېشىنى بوينىدىنلا قىسىۋالغان ھەمدە ئۇنى مىدىرلىيالماس قىلىپ قويغان.
   ئىرى ئاتۇر، ئايالى بىلەن ئىككى ياشلىق قىزىنىڭ خېلى ۋاقىتقىچە كىرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ماشىنا توختاتقان جايغا چىقىپ قارىغاندا، ئايالىنىڭ ماشىنىنىڭ ئىشىكىگە ئېسىلىپ قالغان ھالەتتە مىدىرلىماي تۇرغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ دەرھال يۈگۈرگىنىچە ماشىنا يېنىغا يىتىپ بېرىپ، تەپسىلى ئەھۋالنى كۆرگەندىن كىيىن، دەرھال ماشىنا ئەينىكىنى چېقىپ ئايالىنى قۇتقۇزۇپ ئالغان، ئەمما بۇ ۋاقىتتا، ئايالىنىڭ تىنىقى ئاللىبۇرۇنلا توختاپ بولغان ئىدى.
   ۋەقەدىن كىيىن، بىلىروسىيە تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ دىيىشىچە، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ ياش ئانا، مىخانىكىلىق تۇنجۇقۇش ۋە زەخمە سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号