ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سۈرىتىنى كۆرۈپ ئاشىق بولغان ئەر، ئادەمنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ ھۇشىدىن كەتتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-11كۆرۈلىشى : قېتىم
   چەتئەل تورى 9-ئاۋغۇست خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىنوزىيىلىك ئەر يۈسۈف، ئىككى يىلنى ئالدىدا كورىيەگە ئىشلىگىلى بېرىپ، توردا تەيۋەندە ئىشلەيدىغان ئىنتان ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان. كىيىنچە ئىككەيلەن "يېراق مۇساپىلىك" مۇھەببەتلىشىشنى باشلىغان ئەمما ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولۇپ، يۈسۈف پەقەت قىز دوستى ئەۋەرتكەن سۈرەتكە ئاساسەن ئۇنىڭ چىرايىنى خىيال قىلغان. ئىككەيلەن توردا ئىككى يىل مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يۈسۈف ئاخىرى بۇ قىز بىلەن وي قىلىشنى قارار قىلىپ، تەيۋەنگە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارغان. بىراق، تەيۋەنگە بېرىپ "قىز دوستىنىڭ" قېنىق گىرىم قىلغان ياشقا چوڭ ئايال ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، توي قىلىشتىن يالتايغان.
   ئىككەيلەن مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن سۈرەتلىك پاراڭلىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپ ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ كەلگەن. كىيىن يۈسۈف بۇ ھەقتە نەچچە يالۋۇرۇپ چىڭ تۇرۋالغاندىن كىيىن، قارشى تەرەپ سۈرەتلىك پاراڭلىشىشقا ماقۇل بولغان، ئەمما ھەرقېتىملىق سۈرەتلىك پاراڭلىشىش جەريانىدا، قارشى تەرەپ يۈزىنى يۆگىۋالغان. بىراق، يۈسۈف قارشى تەرەپنىڭ ئىككى كۆزىگە قاراپلا، ئۇنى ئۆزىچە بىر ساھىبجامال قىزكەن دەپ ئويلاپ قالغان. بۇندىن باشقا، قىز تەرەپنىڭ تەلىۋى بويىچە، يۈسۈف يەنە ئۇنىڭغا 29480رىڭگىت(تەخمىنەن 50مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) ئەۋەرتىپ، قىز تەرەپنىڭ ھىندىنوزىيەگە كىلىپ كىتىش ئايروپىلان بىلىتى پۇلىنى تۆلىگەن ۋە ئۇنىڭغا گىرىم بويۇملىرى ئېلىپ بەرگەن.
   يېقىندا، يۈسۈف ئۆزىنىڭ يېشىنىڭمۇ بىريەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشنى قارار قىلغان ھەمدە تەيۋەنگە بېرىپ ئىنتان بىلەن تويلاشماقچى بولغان.  تەيۋەندىكى ئىنتان بولسا، ھىندىنوزىيە ئۇسلۇبىدىكى ئاق رەڭلىك توي كىيىمى كىيىن يۈسۈفنى كۈتىۋالغان. بىراق، ئىنتان يۈزىدىكى ياغلىقىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن، يۈسۈفنىڭ بېشى قېيىپ، ھۇشىدىن كىتىپ يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالغان؛ چۈنكى، يۈسۈفنىڭ بولغۇسى ئايالى ئىنتان، ئاز دىگەندىمۇ 60ياشقا كىرىپ قالغان موماي بولۇپ چىققان.
   گۈزەل چۈشى كۆپۈككە ئايلانغان يۈسۈف، كورىيەگە قايتىپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان؛ "قىز" تەرەپ بولسا، شۇ ئىشتىن كىيىن ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن. يۈسۈف ھازىر بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ موماينىڭ سالاھىيىتىنى ئىنىقلاپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ تەر ئاققۇزۇپ تاپقان 50مىڭ يۈەن پۇلىنى قايتۇرۋىلىش ئۈچۈن كۈچىمەكتە.
   يۇقىرىدىكى بۇ سۈرەتتىكىسى، ھەقىقى ئىنتان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ئۇمۇ بىر ھىندىنوزىيىلىك. ئۇنىڭ دىيىشىچە، يۈسۈفنى ئالدىغا موماي يۈسۈفكە ئەۋەرتىپ بەرگەن سۈرەت، بۇ ھەقىقى ئىنتاننىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا چۈشكەن سۈرىتى بولۇپ، بەخىتكە قارشى باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ھەمدە ساختىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ھەقىقى ئىنتان، ئەمىلىيەتتە ئاللىبۇرۇنلا توي قىلىپ بولغان بولۇپ، ھازىر بالىسىمۇ بار ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号