ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىيلىنىڭ ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى تۇرمۇشى بىز ئويلىغاندىن كۆڭۈللۈك
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كۆرەلمەيدىغان ئەمما يۈرىكىنىڭ قېتىدا بولغان، تۇتقىلى بولمايدىغان ئەمما ئالقىنىغا ئېلىپ پۈۋلىگۈدەك بولۇپ كېتىدىغان گۆھەر؛ ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ھەر بىر مىنۇت سىكونىتى، ئايال كىشىنىڭ ئازابقا تولغان ئۆزگىرىش مۇساپىسى.
بىرىنچى كۆرۈنۈش: يۈزىنى سىيلاش
   ھامىلدار ئايالدا تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلار كۆرۈلگەندە، ھامىيلە ئۆزىنىڭ سول قولى بىلەن يۈزىنى سىيلايدۇ، قولىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەيدۇ.
ئىككىنچى كۆرۈنۈش: يىغلاش
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئانا تۆۋەن چاستوتىلىق شاۋقۇن-سۈرەن ئاڭلىسا، ھامىيلە قوساقتا تۇرۇپ يىغلايدۇ.
ئۈچىنچى كۆرۈنۈش: ئاچچىقلىنىش
   ھامىلدارلىق ئالتىنچى ئېيى ئەتراپىدا، ھامىلدار ئايال ئەگەر ئاچچىقلانسا، ئۇلارنىڭ تېنىدا زور مىقداردا نورئېپىنفرىن(去甲肾上腺素) ئاجرىلىپ چىقىپ، ھامىيلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك ھامىيلە ھودۇقۇپ ياكى خاتىرجەمسىزلىنىپ، ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ.
تۆتىنچى كۆرۈنۈش: ئويناش
   ھامىيلىنى بوش چاغلاپ قالماڭ، ئۇلارمۇ ناھايىتى شوخ؛ ئۇلار زېرىكىشلىك ۋاقىتلارنى پۇت تېپىپ، موللاق ئىتىپ ئۆتكۈزىدۇ؛ ئويناشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى كىندىك بېغى بولىدۇ.
بەشىنچى كۆرنۈش: كۈلۈش
   ھامىيلىمۇ خۇشال بولۇپ كۈلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بالىياتقۇدىكى ۋاقتىدىلا كۈلۈشنى ئۆگىنىپ بولىدۇ. ئىلگىرى تەتقىقاتچى خادىملار 4Dلىق رەڭلىك Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈش ئاپاراتىدا، ھامىيلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە كۈلگەن كۆرۈنۈشىنى خاتىرىلىۋالغان.
ئالتىنچى كۆرۈنۈش: ئەستە ساقلاش
   ھامىلدارلىق 32-ھەپتىسىگە يەتكەن ۋاقىتتا، ھامىيلە ئۆزى ھەر كۈنى ئاڭلىغان مۇزىكىلارنى ئېسىدە تۇتالايدىغان بولىدۇ ھەمدە مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ، بەدىنىنى تولغاپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ.
يەتتىنچى كۆرۈنۈش: كۆز قىسىش
   ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ كۆز قارچۇقى، كۆز چانىقى ئىچىدە ئايلىنالايدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىيلە كۆزىنى يۇمۇپ ئېچىش ئويۇنى ئوينايدۇ.
سەككىزىنچى كۆرنۈش: چۈش كۆرۈش
   ھامىيلە تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا ئۇخلاپ چۈش كۆرىدىغان بولىدۇ ھەمدە بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق "مېڭە گىمناستىكىسى" ئوينايدۇ.
توققۇزىنچى كۆرۈنۈش: ئىشىك چىكىش
   تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، ھامىيلە ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنى تۈگىۋالىدۇ، شەكلى خۇددى ئىشىك چېكىۋاتقان قولغا ئوخشايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号