ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
يەتتە ئايلىق بوۋاقنىڭ قۇۋۋەت قوشۇمچە يىمەكلىكى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-02كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەتتە، بوۋاقلار ئالتە ئايلىققا توشقاندىن كىيىن تەدرىجى ھالدا قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزۈش باشىلىنىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، نۇرغۇن ئانىلار قوشۇمچە يىمەكلىكلەردىن نىمىنى يىگۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى ھەمدە نىمىنى يىگۈزسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ. ھېچقىسى يوق، تۆۋەندىكى بۇ يىمەكلىكنى يىگۈزۈپ سىناپ بېقىڭ.
   كىتەرلىك ماتىريال: تۇخۇمنىڭ سېرىغى، 30مىللىگىرام سۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم
   تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئايرىپ، سېرىغىنىلا قالدۇرىمىز؛
ئىككىنچى قەدەم
   سۇ قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ يۈزىدىكى كۆپۈكچىلەرنى قوشۇقتا پاكىزە ئىلغاپ ئېلىۋىتىمىز؛
ئۈچىنچى قەدەم
   تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزىدە كۆپۈكچە يوق بولغان ھالەتكە كەلگەندە، يىڭى ساقلاش پىلاستىرىدا يۆگەيمىز؛
تۆتىنچى قەدەم
   چىش كولىغۇچ بىلەن يىڭى ساقلاش پىلاستىرىنىڭ يۈزىدىن تۈشۈك ئېچىپ قويىمىز؛
بەشىنچى قەدەم
   قازاندا سۇ قاينىتىپ ئون مىنۇت دۈملەيمىز.
ئالتىنچى قەدەم
   بىرىنچى قېتىم يىگۈزگەندە، يەنىلا بوۋىقىڭىزنىڭ خاھىشىغا بېقىش كىرەك. ئادەتتە بىر قېتىمدا تۆتتىن بىر قسىمىنى يەپ بولالىسا بولىدۇ. كىيىنچە بوۋاقنىڭ ئەھۋالىغا ۋە ئىشتىھاسىغا قاراپ كۆپرەك يىگۈزسەك بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号