ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » گۆش-قۇش -بېلىق تۇرلىرى
تاپان بىلىق(鲫鱼)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-13 كۆرۈلىشى : قېتىم

    تاپان بىلىق ئاسىيا-ياۋرۇپا رايونلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان تاتلىق سۇ بىلىقى بولۇپ، گۆشى يۇمران ھەم تەملىك كىلىدۇ؛ تاپان بىلىقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100گىرام تاپان بىلىق گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىل 13 گىرامغا، ياغ ئەڭ كۆپ بولغاندا 11گىرامغا يىتىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  鲫鱼
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Carassius auratus
تەۋەلىكى:  ھايۋاناتلار دۇنياسى—خوردىلىق ھايۋانلار تىپى—سۆڭەكلىك بىلىقلىقلار سىنىپى—گۈگۈسۈنسىمان پالاقچىلىقلار كەنجى سىنىپى—كارپ بىلىقى ئەترىتى—كارپ بىلىقلىرى كەنجى ئەترىتى—كارپ بىلىقى ئائىلىسى—كارپ بىلىقلىرى كەنجى ئائىلىسى—تاپان بىلىقى ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر گىرام تاپان بىلىق گۆشى تەركىبىدە 108كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 17.1 گىرام ئاقسىل، 2.7 گىرام ياغ، 3.8 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 130 مىللىگىرام خولىستىرىن، 17 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 0.09 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.04 مىللىگىرام تىئامىن، 2.5 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.68 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 79مىللىگىرام كالتسىي، 193 مىللىگىرام فوسفور، 41.2 مىللىگىرام ناترىي، 290 مىللىگىرام كالىي، 41 مىللىگىرام ماگنىي،1.3 مىللىگىرام تۆمۈر، 1.94 مىللىگىرام سىنىك، 14.31 مىكروگىرام سېلىن، 0.06 مىللىگىرام مانگان، 0.08 مىللىگىرام مىس بار.
ئىستىمال قىممىتى
    1. تاپان بىلىق تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ سۈپىتى ئەلا، تۈرلىرى تۇلۇق ھەمدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان ۋە بەدەنگە سۈمۈرلىدىغان بولۇپ، جىگەر-بۆرەك كىسەللىكلىرى، يۈرەك-مىڭە قان تومۇر كىسەللىكلىرى بار بىمارلارنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان ئاقسىل كىلىش مەنبەسى ھىسابلىنىدۇ. تاپان بىلىقنى ھەمىشە يەپ بەرگەندە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇدىغان بولۇپ، جىگەر ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كىسەللىكى، ئاستا خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
    2. تاپان بىلىقنىڭ ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ئىشتىھانى ئېچىش، قاننى جانلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئۆت-ئاشقازان ئاجىز، سۇلۇق ئىششىق، يارا، كاناي ياللۇغى، زىققا، دىئابىت قاتارلىق كىسەللىكلەرگە قارىتا ئىنتايىن ياخشى بولغان قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ كىسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى بار؛ ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن تاپان بىلىق شورپىسى ئىچىپ بەرسە، ماغدۇر تۇلۇقلاپ سۈت ھەيدەش رولى بار.
    3. تاپان بىلىق شورپا قاينىتىپ ئىچىشكە ئىنتايىن ماس كىلىدىغان بولۇپ، تەمى تەملىك بولۇپلا قالماي، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار، كىسەلدىن يىڭى ساقىيىپ كەم ماغدۇر بولۇپ قالغانلار ھەمدە  تۇغۇتتىكى ئاياللارنىڭ ئىچىشىگە ماس كىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • داغۇر (白芷)

    داغۇر (白芷)

    داغۇر، جۇڭيى تىبابىتى دورىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، كۈنلۈكسىمانلار ئەترىتى داڭگۇي ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. داغۇر ئاساسلىقى جۇڭيى تىبابىتىدە د

  • قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر، قىزىل مىرتا چاتقىلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قەلەمپۇرنىڭ قۇرۇتۇلغان غۇنچىسى بولۇپ، غۇنچە يېشىلدىن قىزىلغا ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئۈزۈپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.

  • پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق ئادەتتە لائۇر يۇپۇرمىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، لائۇر دەرىخىنىڭ قۇرۇتۇلغان يۇپۇرمىقى، ئادەتتە تۇرمۇشتا تائام تەييارلاشتا پۇراق ۋە تەم تەڭشىگ

  • خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان، جۇڭگۇ تىبابىتى دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ، دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشتا يەنە تەم تەڭشەش خۇرۇچ ماتېرىيالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

  • يالپۇز (薄荷)

    يالپۇز (薄荷)

    يالپۇز، كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن 2100 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىقتىسادى قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئالاھىدە بىر خىل ئاروماتىك زىرائەت ھېسابلى

  • شىڭباۋ موگوسى (杏鲍菇)

    شىڭباۋ موگوسى (杏鲍菇)

    شىڭباۋ موگوسى، ئىستېمال قىلىشقا، دورىغا ئىشلىتىشكە ۋە دورىلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئېتى قېلىن، يۇمران ۋە چۈرۈك بولۇشتەك ئ

  • ئاق قېرىنقولاق (银耳)

    ئاق قېرىنقولاق (银耳)

    ئاق قېرىنقولاق ئادەتتە كۈمۈش رەڭلىك قېرىنقولاق، قار قېرىنقولىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يۇمشاق ھەم ئاق، يېرىم سۈزۈك، ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك كېلىدۇ.

  • پىننە (藿香)

    پىننە (藿香)

    پىننە ئادەتتە تاغ بەدىيانى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان دورا-دەرمەكلەرنىڭ بىرى.

  • قىشلىق موگو (香菇)

    قىشلىق موگو (香菇)

    قىشلىق موگو، ئېتى قېلىن ھەم يۇمران، تەمى تاتلىق، ئۇزۇقلۇقى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئىستېمال قىلىشقا ھەم دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

  • ياپىلاق موگو (平菇)

    ياپىلاق موگو (平菇)

    ياپىلاق موگو، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغ تىپى كۈنلۈكسىمان زەمبۇرۇغ ئەترىتى يان قۇلاق ئائىلىسىدىكى بىر خىل موگو بولۇپ، تۇرمۇشتا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان، ئىستېمال قىلى

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号