ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ئوزۇق-تۈلۈك قامۇسى » گۆش-قۇش -بېلىق تۇرلىرى
راك(虾)
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-05 كۆرۈلىشى : قېتىم

    راك، سۇدا ياشايدىغان بىر خىل بوغۇم تەنلىك قاسراقلىقلار تۈرىدىكى ھايۋانات بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ؛ راكنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دۈملەش، داغلاش قاتارلىق تەييارلاش ئۇسۇللىرى  بار؛ بۇلاردىن باشقا يەنە جۇڭگۇ تىبابىتى دورا ماتىرياللىرى قاتارلىقلار ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 
تەۋەلىكى :  ھايۋاناتلار دۇنياسى—بوغۇم تەنلىك ھايۋاناتلار تىپى-قاسراقلىق ھايۋاناتلار سىنىپى—ئون ئاياغلىقلار ئەترىتى
تارقالغان رايونلىرى: دېڭىز، ئىسسىق بەلباغ دېڭىز ئوكيانلىرى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100گىرام راك تەركىبىدە، 78.1 گىرام سۇ، 87 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 16.4 گىرام ئاقسىل، 2.4 گىرام ياغ، 240 مىللىگىرام خولىستىرىن، 3.9 گىرام كۈل ماددىسى، 48 مىللىگىرام ۋىيتامىن A، 48 مىللىگىرام رېتىنول، 0.04 مىكروگىرام تىئامىن، 0.03 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 5.33 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 325 مىللىگىرام كالتسىي، 186 مىللىگىرام فوسفور، 329 مىللىگىرام كالىي، 133.8 مىللىگىرام ناترىي، 60 مىللىگىرام ماگنىي، 4 مىللىگىرام تۆمۈر، 2.24 مىللىگىرام سىنىك، 29.65 مىكروگىرام سېلىن، 0.64 مىللىگىرام مىس، 0.27 مىللىگىرام مانگان قاتارلىقلار بار.
ئىستىمال قىممىتى
   راكنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۆشى يۇمران كىلىدۇ ھەم ئاسان ھەزىم بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، راك بەدەن سۈپىتى ئاجىز ۋە كىسەلدىن كىيىن كۈتۈنۈشكە ئىھتىياجلىق بولغان كىشىلەرگە ئەڭ ماس كىلىدىغان يىمەكلىك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
   راك تەركىبىدە ماگنىي ماددىسى ناھايىتى مول؛ ماگنىينىڭ يۈرەك ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم تەڭشەش رولى بار بولۇپ، يۈرەك قان تۇمۇر سېستىمىلىرىنى ناھايىتى ياخشى ھالدا قوغدايدۇ؛ ئۇ قاندىكى خولسىتىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە تاجىسىمان ئارتىرىيە قان تۇمۇرلىرىنى كېڭەيتىش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدا ئۆلۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    راكنىڭ سۈتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بىرقەدەر كۈچلۈك ھەمدە تەركىبىدە فوسفور، كالتسىي قاتارلىق ماددىلار مول بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ بالىلارغا ۋە ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن بولغان قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
     راك بىلەن كاۋىنى، راك بىلەن مىۋە شەربىتىنى بىرگە ئسىتىمال قىلسا، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     قۇرۇتۇلغان راك بىلەن سېرىق پۇرچاقنى بىرگە ئىستىمال قىلغاندا، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،
     قۇرۇتۇلغان راك بىلەن چىلاننى بىرگە ئىستىمال قىلغاندا، زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • تاۋۇز (西瓜)

    تاۋۇز (西瓜)

    تاۋۇز بىر يىللىق پىلەكلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، مىۋىسى ئىللىپىس شەكىلدە، ئېتى كۆپ ھەم شەربەتلىك؛ ئىچىدە قارا ياكى قىزىل رەڭلىك ئۇرۇقلىرى بار، سىرتقى يۈزى سىيلىق ھەم ھەر

  • شاپتۇل(桃)

    شاپتۇل(桃)

    شاپتۇل ئۆسۈملۈك مىۋىسىگە تەۋ، ئېتى شەربەتلىك كىلىدۇ، دەرەختىن ئۈزۈپ خام پېتى يىيىشكە ياكى شاپتۇل قېقى، كونسىرۋا قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

  • قوغۇن (哈密瓜)

    قوغۇن (哈密瓜)

    قوغۇن، كەڭ ئۇچرايدىغان يازلىق مىۋىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، شېكەر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 21 پىرسەنتكە يىتىدۇ.

  • نەشپۈت(香梨)

    نەشپۈت(香梨)

    نەشپۈت، كۆك ئامۇتنىڭ(大头梨) يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ، خۇشپۇرىقى كۈچلۈك، پوستى نېپىز، ئېتى يۇمران، شەربىتى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

  • شاتارى (栀子)

    شاتارى (栀子)

    شاتارى، جۇڭيى تىبابەت دورا ئىسىمى بولۇپ، رويان ئائىلىسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شاتارىنىڭ مىۋىسىدۇر.

  • داغۇر (白芷)

    داغۇر (白芷)

    داغۇر، جۇڭيى تىبابىتى دورىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، كۈنلۈكسىمانلار ئەترىتى داڭگۇي ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. داغۇر ئاساسلىقى جۇڭيى تىبابىتىدە د

  • قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر(丁香)

    قەلەمپۇر، قىزىل مىرتا چاتقىلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قەلەمپۇرنىڭ قۇرۇتۇلغان غۇنچىسى بولۇپ، غۇنچە يېشىلدىن قىزىلغا ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئۈزۈپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.

  • پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق (香叶)

    پۇراقلىق يۇپۇرماق ئادەتتە لائۇر يۇپۇرمىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، لائۇر دەرىخىنىڭ قۇرۇتۇلغان يۇپۇرمىقى، ئادەتتە تۇرمۇشتا تائام تەييارلاشتا پۇراق ۋە تەم تەڭشىگ

  • خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان (高良姜)

    خولىنجان، جۇڭگۇ تىبابىتى دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ، دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشتا يەنە تەم تەڭشەش خۇرۇچ ماتېرىيالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

  • يالپۇز (薄荷)

    يالپۇز (薄荷)

    يالپۇز، كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن 2100 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىقتىسادى قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئالاھىدە بىر خىل ئاروماتىك زىرائەت ھېسابلى

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号