ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » گۆش تۇرلىرى
توخۇ گۆشى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-30كۆرۈلىشى : قېتىم

    توخۇ گۆشى يۇمران ھەم تەملىك بولۇپ، كۆپ خىل پىشىرۇش ئۇسۇللىرىغا ماس كىلىدۇ. توخۇ گۆشىنى قورۇپ، شورپا سېلىپ يىيىشكىمۇ بولىدۇ ھەمدە سۇغۇق سەي تەييارلاپ يىيىشكىمۇ نىسبەتەن ماس كىلىدىغان گۆش تۈرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
    توخۇ گۆشى تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ بىر خىلى؛ توخۇ گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 鸡肉
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى: chicken
ئەكىس تەسىرى:  يوق
ساقلاش ئۇسۇلى: يىڭى پېتى ساقلاش ياكى توڭلىتىپ ساقلاش
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100گىرام توخۇ گۆشى تەركىبىدە 74.2 گىرام سۇ، 21.5 گىرام ئاقسىل، 2.5 گىرام ياغ، 0.7گىرام قەنت، 111 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 11 مىللىگىرام كالتسىي، 190 مىللىگىرام فوسفور، 1.5 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.03 مىللىگىرام تىئامىن، 0.09 مىللىگرام رىبوفلاۋىن، 8 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 1.1 گىرام كۈل ماددىسى بار.
ئىستىمال قىممىتى
    توخۇ گۆشىدە ۋىيتامىنلىق ماددىلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى، تۈرى بىرقەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەزىم بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرپىدىن ئاسانلا ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرلىدۇ ھەمدە بەدەن كۈچىنى ئاشۇرۇش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، توخۇ گۆشى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە قارىتا مۇھىم رول ئوينايدىغان فوسفاتىد تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ يىمەكلىك تۈزۈلۈشىدىكى، ياغ ۋە فوسفاتىدلارنىڭ ئەڭ مۇھىم كىلىش مەنبەسىنىڭ بىرى. توخۇ گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، سۇغۇقتىن قورقۇش، ئاسان چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش، ھەيىز قالايمىقان كىلىش، قان ئازلىق قاتارلىقلارغا قارىتا كۆرنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلاش رولى بار.
توخۇ گۆشى ئىستىمال قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
     1. ئىستىمال قىلغاندا، شورپىسىنىلا ئىچىپ گۆشىنى قويۇپ قويماسلىق كىرەك.
     2. ئۇزۇن يىللىق توخ بېشىنى ئىستىمال قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ.
     3. توخ قۇيرۇقىنىڭ ئۇچلۇق قىسمىنى ئىستىمال قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ.
     4. توشقان گۆشى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.
     5. سازان بىلىق (鲤鱼) بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.
     6. توخۇ گۆشى ئالۇچا (李子) بىلەن كىلىشمەيدىغان بولۇپ، ئىككىسىنى بىرگە ئىستىمال قىلغاندا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     7. توخۇ گۆشىنى سامساق بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ.
     8. توخۇ گۆشى بىلەن قىچا تالقىنىنى بىرگە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号