ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » مىۋە-چىۋە
مىۋە-چىۋىلەرنىڭمۇ "مىجەزى" بولىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-20كۆرۈلىشى : قېتىم

    ياز كۈنلىرى مىۋە-چىۋە پەسلى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مىۋە-چىۋىلەر ھېچقانداق زىيىنى يوق، قانچىلىك يىسىڭىزمۇ بەدىنىڭىزگە زىيىنى يەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ؛ بولۇپمۇ خانىم-قىزلىرىمىز يازدا تاماق يىگۈسى كەلمىسە، مىۋە-چىۋە يەپ قورسىقىنى توقلاپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتمەكچى بولىدۇ.

1.gif

     ئەمىلىيەتتە، مىۋە-چىۋىلەر گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما يەيمەن دەپلا يىيىشكە بولمايدۇ! مىۋە-چىۋىلەرنىڭمۇ " تەبىئىتى" بار بولۇپ، توغرا بولمىغان مىۋە-چىۋە يىيىش ئۇسۇلى ئادەم بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ، ئوخشاشلا كىسەللىك ئېلىپ كىلىدۇ!

     مىۋە-چىۋىلەرنىڭمۇ "تەبىئىتى" بار بولۇپ، سۇغۇق، ئىسسىق ۋە مۆتىدىل دەپ ئايرىلىدۇ؛ ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق مىۋىلەرنى يىسىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

تەبىئىتى سۇغۇق كەلگەن مىۋىلەر

     ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان تاۋۇز، نەشپۈت، تاغ بامبۇكى، قوغۇنەك، مايمۇن شاپتولى، چوڭ ئاپلىسىن، نارجىل، ئۈژمە قاتارلىقلار تەبىئىتى سۇغۇق كەلگەن مىۋىلەر قاتارىغا كىرىدۇ.

    بۇ خىلدىكى مىۋىلەرنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، ئىسسق يەل ھەيدەش ئۈنۈمى بار؛ چىش مىلىكى ئىششىپ ئاغرىش، ئېغىزى قۇرۇپ كىتىش، كىچىك تەرەت ئاز ھەم سېرىق رەڭدە كىلىش، چوڭ تەرىتى قېتىپ قېلىش قاتارلىق قوقاقلىق كىسەللەرگە قارىتا ناھايىتى كۈرنەرلىك ئۈنۈمى بار.

2.jpg

    ئادەتتە، ھۆل ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ يازدا مىتابولىزىم ئىقتىدارى كۈچىيىپ، سىمپاتىك نىرۋىلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، تەر كۆپ چىقىدۇ؛ يۈزلىرى قىزىرىپ، ئېغىزى قۇرۇپ قالىدۇ؛ ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قېلىپ، ياز كۈنلىرى سۇغۇق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ياخشى كۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ يۇقارقى خىلدىكى كىشىلەر سۇغۇق تەبىئەتلىك مىۋىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىش كىرەككى، ئاشقازان-ئۈچەي فونكىسىيىسى ياخشى بولمىغان چوڭلار بىلەن بالىلار، بۇ خىلدىكى تەبىئىتى سۇغۇق مىۋىلەرنى يىيىشكە ماس كەلمەيدۇ؛ ئەگەر يىگۈسى كىلىپ كەتسە، چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن كەچلىك تاماقتىن ئىلگىرى ئاز مىقداردا يەپ بەرسە بولىدۇ، ھەرگىزمۇ كۆپ مىقداردا يىمەسلىكى كىرەك.

3.jpg

تەبىئىتى مۆتىدىل بولغان مىۋە-چىۋىلەر

    ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئالما، ئۈزۈم، لىمون، شىكەر قۇمۇشى، مانگو، ئاناناس قاتارلىق مىۋىلەر مۆتىدىل تەبىئەتلىك مىۋىلەردۇر.

4.jpg

    بۇ خىلدىكى مىۋىلەر كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىدىغان بولۇپ، ھەرخىل مىجەزلىك كىشىلەر يىسە زىيادە تەسىرى بولمايدۇ، كۆپرەك يىسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق.

5.jpg

ئىسسىق تەبىئەتلىك مىۋە-چىۋىلەر

    كاشتان، شاپتۇل، لونگان، گىلاس، چىلان، ئاپلىسىن قاتارلىق تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەر ئىسسق تەبىئەتلىك مىۋىلەر بولۇپ، بۇ خىلدىكى مىۋىلەرنىڭ ئىسسقنى ئاشۇرۇپ قۇۋۋەتلەش رولى بار؛ ئۇندىن باشقا يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسقلىق مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم بەدىنى مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.

6.jpg

    بۇ خىلدىكى مىۋىلەر سۇغۇق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىدۇ. ئادەتتە سۇغۇق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ بەدىنى قۇۋۋەتسىز كىلىدىغان بولۇپ، ئاساسى مىتابولىزىم نىسبىتى تۆۋەن، بەدىنىدە شەكىللەنگەن ئىسسقلىق مىقدارى ئاز كىلىدۇ؛ بۇنداق كىشىلەرنىڭ پۇت قولى،  ياز كۈنلىرىدىمۇ سۇغۇق تۇرىدۇ. نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ چىراي باشقا خىلدىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئاق كىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى ئاز ئۇسسايدۇ، سۇغۇن نەرسىلەرگە يېقىنلىشىشنى ھەم ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيگە كىرىشنى ياقتۇرمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى كىشىلەر تەبىئىتى ئىسسىق بولغان مىۋىلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە، سۇغۇقنى ھەيدەشكە زور پايدىسى بولىدۇ.

7.jpg

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号