ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » مىۋە-چىۋە
مىۋە-چىۋىلەرنى ئەتىگەندە يىسە ئەڭ ياخشى؟ تولا جۆيلىمەڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-19كۆرۈلىشى : قېتىم

    ئىلىگىرى توردا مۇنداق بىر ئۆسەك سۆزلەر تارالغان: چۈشتىن بۇرۇن يىگەن مىۋە ئالتۇنغا ئوخشايدۇ، چۈشتىن باشلاپ چۈشتىن كىيىن سائەت 3كىچە يىگەن مىۋە كۈمۈشكە ئوخشايدۇ، 3تىن 6گىچە يىگەن مىۋە مىسقا ئوخشايدۇ، كەچ سائەت 6دىن كىيىن يىگەن مىۋە سىمابقا ئوخشايدۇ.

1.jpg

1.jpg

نىمە ئۈچۈن يۇقارقىدەك ئاساسى يوق، ئىلمىيلىقىنى يوقاتقان قاراشلار بولىدۇ؟

    بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ خىل قاراشقا كىلىشتىكى ئاساسى بولسا، ئۇلار ئەتىگەن يىگەن مىۋىنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، كەچتە يىگەن مىۋىنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشى ئەڭ ناچار بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ يىمەكلىك ئىستىمال قىلغان ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق؛ ھەزىم قىلىش سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاساسلىقى ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ۋە ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىغا باغلىق. ئادەم يىمەكلىك ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن، ساغلام ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسى ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بۇلارنىڭ يىمەكلىك ئىستىمال قىلغان ۋاقىت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئادەمنىڭ ياش ئايرىمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى ئادەم ياشقا چوڭايغانسىرى، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى ئازلاپ، ھەزىمى قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇندىن باشقا مىۋە-چىۋىلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى سۇ ۋە كاربونلۇق بىرىكمە ماددىلار بولۇپ، كاربونلۇق بىرىكمىلەر ئۈچ چوڭ ئۇزۇقلۇق ماددا تۈرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاسان ھەزىم بولىدىغان ھە ئادەم بەدىنى تەرپىدىن ئەڭ ئاسان سۈمۈرلىدىغان ئۇزۇقلۇق ماددا تۈرىدۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مىۋە-چىۋىلەر ئەمىلىيەتتە ناھايىتى ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكتۇر.

2.jpg

مىۋە-چىۋىلەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى ناھايىتى كۆپ

    مىۋە-چىۋىلەرنىڭ تەركىبىدە پولىفىنول، فىلاۋون قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول بۇلۇپ، ئۇ يەنە ۋىتامىن س نىڭ ئەڭ مۇھىم كىلىش مەنبەسى. ھازىر زور مىقداردىكى تەتىقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنىڭ ئادەم سالامەتلىكىگە پايدىسى ئىنتايىن زور.

    ھارۋاد ئونۋىرستىتى ئىلگىرى 110مىڭ ئادەمگە قارىتا، 14 يىلغا سوزۇلغان يىمەكلىكنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان؛ تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى نىسبەتەن كۆپرەك مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك-قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى، مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىشى نىسبەتەن ئازراق بولغان كىشىلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولغان. بۇندىن باشقا مىۋە-چىۋىنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنىڭ سەكتە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. كۈندىلىك ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ ئارىسىدا مىۋە-چىۋە كۆپرەك بولسا، يەن يۇقىرى قان بېسىم كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. مىۋە-چىۋە تەركىبىدە مىقدارى مول بولغان كىسانتوفىل ۋە كۆمىمىقوناق سېرىق ماددىسى بار بولۇپ، ياشانغانلاردا پەيدا بولىدىغان سېرېق داغنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇلاردىن باشقا، مىۋە-چىۋىنى كۆپ يىيىش راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋە راك كىسىلى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قەنت سىيىش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

3.jpg

مىۋە-چىۋە يىيىشنىڭ مۇقىم ۋاقىت چەكلىمىسى بولمايدۇ

    مىۋە-چىۋىلەر بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقتىن، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇزۇقلىنىش تەكلىپلىرىنىڭ ھەممىسى مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئامرىكا ئەڭ يىڭى يىمەكلىكلەر قوللانمىسى ئەرلەرنىڭ ھەر كۈنى 500مىللىلىتىر ئەتراپىدا، ئاياللارنىڭ ھەركۈنى 350مىللىلىتىر ئەتراپىدا مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. جوڭگۇ ئۇزۇقلۇق ئىلمى جەمىئىيىتى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەركۈنى 400-200گىرام ئەتراپىدا مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

    لىكىن ئەمىلىيەتتە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىش مىقدارى يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، تەۋسىيە قىلىنغان مىقداردىن خېلىلا تۆۋەن؛ شۇڭلاشقا بىزنىڭ ھازىر دۇچ كىلىۋاتقىنىمىز مىۋە ئىستىمال قىلىش ۋاقتىنىڭ توغرا-خاتلىقى ئەمەس، بەلكى مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىش مىقدارىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدا.

     ھارۋاد ئونۋىرستىتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنىستوتىنىڭ ساغلام تاماق تىزىملىكىدە، ھەر كۈنلۈك ئۈچ ۋاخ تاماقتا ئەڭ ياخشىسى مەلۇم مىقداردا مىۋە-چىۋە بولۇش تەكلىپى بىرىلگەن، ئەمما مىۋە-چىۋىلەرنى ئەتىگەنلىكى يىسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى، كەچتە مىۋە-چىۋە يىيىشكە بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كىشىلەرنىڭ مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مىۋە-چىۋىنى ئاسان كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە قويۇش تەكلىپىنى بەرگەن.

     ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى، بۇ يەردە ئېيتىلغان مىۋە-چىۋە يىيىش، يىمەكلىكنىڭ ئومۇمى مىقدارى ئۆزگەرمىگەن ئاساستا، مىۋە-چىۋىلەرنى باشقا بىر قىسم يىمەكلىكلەرنىڭ ئورنىدا ئىستىمال قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ يەنى ھەر كۈنلۈك ئۇمۇمى يىمەكلىك مىقدارى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىش بىلەن بىرگە، باشقا گۈش تۈرى ۋە كىراخمال، ياغ تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ھەم ماس مىقداردا ئازايتىش لازىم. ئەگەر باشقا يىمەكلىكلەرنى ئازايتماي  مىۋە-چىۋە ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۋەتكەندە، يىمەكلىك ئومۇمى مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ، سەمىرىپ قېلىش خەتىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال سالامەتلىككە پايدىسىزدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号