ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » تۇرمۇش يىتەكچىسى » مىۋە-چىۋە
ئانار(石榴)
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-15كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئانار، يۇپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ ياكى چاتقال تۈرىگە تەۋە، تاق يوپۇرماقلىق؛ ئادەتتە جۈپ ياكى غۇژمەك مىۋە بىرىدۇ، يان يوپۇرمىقى يوق. مىۋىسى يۇمىلاق شەكىللىك، پوستى قېلىن، ئۇرۇغى كۆپ، مىۋە چۈشۈش ۋاقتى 10-9ئاي؛ مىۋە دانىچىسى سۈزۈك ھەم شەربەتلىك.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 石榴
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Punica granatum linn.
   ئىنگېلىزچە ئاتىلىشى: Pomegranate
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۈسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى، ئىپتىدائى گۈللۈكلەر كەنجى سىنىپى—مېدۇزا ئەترىتى—ئانار ئائىلىسى—ئانار ئۇرۇقدېشى
   ئىسىم قويغۇچى ۋە ئىسىم قويغان ۋاقىت: Linn.,1753
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ئانارنىڭ مىۋە ئېتى، دانىچە قىزىل گۆھەرگە ئوخشاش بولۇپ، چۈچۈمەل ئەمما شەربەتلىك كېلىدۇ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى. ئانار تەركىبىدە، مىۋە ساخارىدلىرى، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ئاسان سۈمۈرىلىدىغان ياغ قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ، ئەمما بەدەننىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋەتمەيدۇ.
ئانار تەركىبىدە كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار تۆۋەندىكىچە: كاربون سۇ بىرىكمىلىرى %17، سۇ %79، شېكەر %17-13؛ ئانار تەركىبىىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئالمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، ئانار تەركىبىدە ياغ بىلەن ئاقسىلنىڭ مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولىدۇ.
دورىلىق قىممىتى
   1. ئېغىزى قۇرۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان، ئىچى سۈرۈپ قالغان ۋە قالقانسىمان بەز ياللۇغلىنىپ قالغانلارغا ماس كېلىدۇ.
   2. قەۋزىيەت ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىپ قالغان بىمارلار، دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى يېمەسلىكى كېرەك.
ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى
   1. ئانار تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار، سىئانىن ۋە ئانار پولىفونىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا  ۋە ۋىتامىن C فولىن كىسلاتا قاتارلىقلار مول بولغاچقا، تىرىگە يىتەرلىك تۈردە سۇ تولۇقلاپ بىرەلەيدۇ.
   2. ئانار تەركىبىدىكى سىئانىن ماددىسى، ھازىرغا كەلگۈچىلىك، يېمەكلىك تەركىبىدىن چەككىلەپ ئېلىشقا بولىدىغان، كۆز مۇسكۇللىرىنى قوغدايدىغان ماددا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ شۇڭا، ئانارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، كۆزنى قوغداش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号