ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » دانلىق -زىرائەتلەر
نومى گۈرۈچى (糯米)
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-09كۆرۈلىشى : قېتىم

    نومى گۈرۈچى نومى شېلىنىڭ سىرت قېپىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىنكى گۈرۈچ بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى رايونلىرىدا نومى گۈرۈچى دەپ ئاتىلىدۇ، شىمالى رايونلىرىدا بولسا كۆپىنچە دەريا گۈرۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. نومى گۈرۈچى يېپىشقاق خارەكتىرىدىكى ئۇششاق يىمەكلىكلەر، مەسىلەن زۇڭزا، سەككىز گۆھەر ئومىچى ۋە ھەر خىل تاتلىق تۈرۈملەرنى تەييارلاشتىكى ئاساسلىق ماتىريال بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە گۈرۈچ ھارىقى ئېچىتىشتىمۇ نومى گۈرۈچى ئىشلىتىلىدۇ. نومى گۈرۈچىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، قەنت تۈرلىرى، كالتسىي،فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، كىراخمال قاتارلىق ماددىلار بار؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، بەدەننى مۆتىدىل قۇۋەتلەيدىغان يىمەكلىك تۈرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:   糯米
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:  Glutinous rice
باشقىچە ئاتىلىشى:  دەريا گۈرۈچى
ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى:  ئاقسىل، ياغ، قەنت تۈرىدىكىلەر
ئۈنۈمى:  ئاشقازان ۋە ئۆتنى قۇۋۋەتلەيدۇ
ئىستىمال قىلىشتىكى خاتا قاراش:
    نۇرغۇن كىشىلەر يۇمشاق كەلگەن نومى گۈرۈچىدە تەييارلانغان تاماقلارنى يىيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇلار نومى گۈرۈچىنى ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، ئېغىزغا سالسىلا تۈرۈپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ دەيدۇ. ئەمىلىيەتتە گۈرۈچكە سېلىشتۇرغاندا، نومى گۈرۈچى تېخىمۇ ئاسان ھەزىم بولۇپ بەدەنگە سۈمۈرلىدۇ. نومى گۈرۈچى بىلەن ئادەتتىكى گۈرۈچنىڭ  ھەر ئىككىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كىراخمال، ئەمما نومى گۈرۈچى تەركىبىدىكى تۈز زەنجىرلىك كىراخمال ئادەتتىكى گۈرۈچكە قارىغاندا ئاز، تارماق زەنجىرلىك كىراخمال بولسا كۆپرەك بولۇپ، ئادەتتە تارماق زەنجىرلىك كىراخمال ھەزىم قىلىنىش ئۈنۈمى تۈز زەنجىرلىك كىراخمالغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نومى گۈرۈچىنىڭ ھەزىم قىلىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ تىز بولىدۇ.
ئۇزۇقلۇق تەركىبى:
    ھەر يۈز گىرام نومى گۈرۈچى تەركىبىدە  348 Kcal ئىسسىقلىق، 78.3گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 7.3 گىرام ئاقسىل، 0.8 گىرام تالا ماددىسى، 1.29 مىللىگىرام ۋىتامىن E، 0.04مىللىگرام رىبوفلاۋىن، 1.54 مىللىگىرام سىنىك، 0.25 مىللىگىرام مىس، 2.3 مىللىگىرام ئاتسىدۇم نىكوتىنىكوم، 49 مىللىگىرام ماگنىي، 1.4 مىللىگىرام تۆمۈر، 137مىللىگىرام كالىي، 113 مىللىگىرام فوسفور، 1.5 مىللىگىرام ناترىي بار.
ئىستىمال قىممىتى:
    نومى گۈرۈچى بەدەننى مۆتىدىل قۇۋۋەتلەيدىغان يىمەكلىك بولۇپ، قان تۇلۇقلاش، ئاشقازان ۋە ئۆتنى قۇۋۋەتلەش، تەرلەشنى توختىتىش قاتارلىق رولى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • نىكاھتا باشتىن كەچۈرۈشكە تىگىشلىك يەتتە باسقۇچ

    نىكاھتا باشتىن كەچۈرۈشكە تىگىشلىك يەتتە باسقۇچ

    نىكاھ  كىشىلىك ھاياتنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى، نىكاھتىن كىيىن ئىككى ئادەملىك قاراش تىكلەشنى بىلىۋىلىشىڭىز كىرەك؛ ئادەتتە "مەن" دىگەن سۆزنى ئازراق ئويلاپ، "بىز" دىگەن

  • خاسىڭ مېيى(花生油)

    خاسىڭ مېيى(花生油)

    خاسىڭ مېيىنىڭ ياغ كىسلاتاسى تۈزۈلۈشى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشىگە ئاسان بولىدۇ. دۆلەت سىرتىدىكى ماتىرياللاردا تۇنۇشتۇرۇلۇشىچە،

  • ئەنگىلىيىدىكى بىرىنچى چوڭ ئائىلىگە يىڭى ئەزا قوشۇلدى!

    ئەنگىلىيىدىكى بىرىنچى چوڭ ئائىلىگە يىڭى ئەزا قوشۇلدى!

    نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئەنگىلىيىلىك "دەرىجىدىن تاشقىرى ئانا" سۇۋ.رادفورد، خان جەمەتى رانكىست كۈتۈنۈش ساناتورىيىسىدە يىگىرمە بىرىنچى بالىسىنى تۇغدى؛

  • ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يىيىشنىڭ پايدىسى

    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يىيىشنىڭ پايدىسى

    ئۇنىڭ دىيىشىچە، غاز تۇخۇمى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنى ياىشى تۇلۇقلىيالايدىغان بولۇپ، قورساقتىكى بالىغا ۋە ھامىلدار ئايالغا پايد

  • تارو(芋头)

    تارو(芋头)

    بىز ئادەتتە ئىستىمال قىلىدىغىنىمىز كىچىك كالكوز بېشى(يەنە شىياۋ يۈ توۋ 小芋头) بولۇپ، سۇدا پىشۇرۇپ يىيىشكە ياكى دۈملەپ، ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇپ يىيىشكىمۇ ماس كىلىدۇ.

  • مەسەل—كالا نىمە ئۈچۈن ئۆلدى؟

    مەسەل—كالا نىمە ئۈچۈن ئۆلدى؟

    ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگەن نەرسىگە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ، ئالدى بىلەن ئۇنى ئىسپاتلاپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ! بولمىغاندا سىز خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويىشىڭىز مۇمكىن.

  • ئۈچىنچى شەخىستە ھەقىقى مۇھەببەت بولامدۇ؟

    ئۈچىنچى شەخىستە ھەقىقى مۇھەببەت بولامدۇ؟

    ھەر نىمە دىگەن بىلەن، ئۈچىنچى شەخىسمۇ بىر ئايال كىشى، ئۇلارنىڭمۇ مۇھەببىتى ۋە ھەقىقى ھىسياتلىرى بولىدۇ، ئۇلار پەقەت خاتا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىپ قالغان خالاس.

  • تۇغۇلۇپلا تور چولپىنىغا ئايلانغان بوۋاق

    تۇغۇلۇپلا تور چولپىنىغا ئايلانغان بوۋاق

    شىۋىتسىيىلىك بوۋاق سوفىيە، ئۆزىنىڭ كەم تېپىلغۇسىز ئوماق ھەم گۈزەل چىرايى بىلەن، تۇغۇلۇپ ئىككى ئايلىق بولمايلا تور چولپىنىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ بوۋاقنىڭ ھازىر تو

  • نىكاھتىن ئاجراشقان 40 ياشلىق بىر ئەر كىشىنىڭ ئەرلەرگە قىلغان نەسىھىتى

    نىكاھتىن ئاجراشقان 40 ياشلىق بىر ئەر كىشىنىڭ ئەرلەرگە قىلغان نەسىھىتى

    نۇرغۇنلىغان نادان ئەرلەر نىكاھلىنىشتا، چىرايلىق ياش كەلگەن ئاياللارنى تاللايدىغان بۇلۇپ، پۇل مالغا بىرىلگەن ئاياللارنىڭ ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىغىنى بىل

  • چۈش ۋە كېسەللىك

    چۈش ۋە كېسەللىك

    «كۈندۈزى نېمىنى خىيال قىلساڭ، چۈشۈڭدە شۇنى كۆرىسەن» دېگەن سۆز چۈش بىلەن رېئاللىقنى باغلاپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاددىي بىر خىل چۈشەندۈرۈش بولۇپ، فروئىد روھى ئانالىز ئۇس

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号