ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

تۇرمۇش يىتەكچىسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » تۇرمۇش يىتەكچىسى » دانلىق -زىرائەتلەر
دادۇر (大豆)
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-02كۆرۈلىشى : قېتىم
     3.jpg
دادۇر—ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سېرىق پۇرچاق دىيىلىدۇ؛ ئۇ پۇرچاق ئائىلىسى دادۇر ئۇرۇقدىشىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، 90-30سانتىمىتىر ئىگىزلىكتە ئۆسىدۇ؛ چىچەك مەزگىلى7-6ئاي، پىشىش مەزگىلى8-7 ئاي بولۇپ، ئۇرۇغىدا ئۆسۈملۈك ئاقسىلى مول بولغان دانلىق زىرائەتتۇر. دادۇر ئادەتتە ھەرخىل پۇرچاق يىمەكلىرى ئىشلەش، پۇرچاق مېىي چەككىلەش، جىياڭيۇ ئىشلەش ھەم ئاقسىلنى ئايرىپ ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

خەنزۇچە ئاتىلىشى:   大豆

لاتىنچە ئاتىلىشى:  Glycine max (Linn.) Merr.

باشقىچە ئاتىلىشى: سېرىق پۇرچاق

تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈك دۇنياسى—يېپىق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—پۇرچاق ئەترىتى—پۇرچاق ئائىلىسى—كىپىنەكسىمان گۈللۈكلەر كەنجى ئائىلىسى—دادۇر ئۇرۇقدىشى—دادۇر

ئۇزۇقلۇق قىممىتى

   دادۇر سېرىق پۇرچاقنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇ يەنە قارا پۇرچاق، كۆك پۇرچاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دادۇرنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك كەلگەن بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى مول؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى تۇخۇمنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ. دادۇرنىڭ تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۈزۈلۈشى ھايۋانات ئاقسىلىغا يېقىن كىلىدىغان بولۇپ، ئامىنۇ كىسلاتاسىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى ئادەمنىڭ ئېھتىياجىغا بىر قەدەر يېقىن كىلىدىغان بولغاچقا، ئادەم بەدىنى تەرپىدىن ئاسان سۈمۈرلىدۇ. ئەگەر دادۇرنى گۆش تۈرى ۋە تۇخۇم تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يىسە، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۇخۇم ۋە سۈت بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كىتىدۇ.

2.jpg

دورىلىق قىممىتى

    دادۇر ئېچىتىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كىيىن، زوكام، باش ئاغرىش، دېمى سىقىلىش ۋە ئۇيقۇسى قېچىش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

سانائەت قىممىتى

    دادۇردىن پۇرچاق مېيى چەككىلەشكە بولىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان مۇھىم يىمەكلىك مايلىرىنىڭ بىرى؛ پۇرچاق مېيى قۇرغاق خارەكتىردىكى ماي بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مۇھىم كىلىش مەنبەسى؛ پۇرچاق مېيىنىڭ خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش رولى بار بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگىمۇ قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمى بار.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号